ماگنېزىت كېنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ماگنېزىت كېنى ئاساسەن خېجىڭ–پىچان دولومىت كانى ھاسىل بولغان بەلۋاغقا جايلاشقان. كان بەلۋېغىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 300 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ھازىر شىنجاڭنىڭ دولومىت چىقىدىغان ئاساسلىق كېنى. باشقا رايونلاردىن، مەسلەن، كېرىيە، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىنمۇ ئاز مىقداردا ماگنېزىت چىقىدۇ.
ھازىر خېجىڭ ناھىيەسى دىكى قارىقات ماگنېزىت كان ياتمىسىنىڭ ئېنىقلانغان زاپىسى 50 مىليون 485 مىڭ توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 4–ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ كان خېجىڭ ناھىيەسى دىن غەربىي شىمالغا 180 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ئوتتۇرا دېۋون دەۋرى سائارمىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ 2–كەنجى گۇرۇپپىسىدا ھاسىل بولغان، 30غا يېقىن كان گەۋدىسى بار، يەككە كان گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20~750 مېتىرغىچە، كەڭلىكى 20~200 مېتىرغىچە كېلىدۇ: كان گەۋدىسى قاتلامسىمان، لىنزىسىمان، يېسىمۇقسىمان تۈس ئالغان. كان گەۋدىسىنىڭ يېتىش ھالىتى يەر قاتلىمىنىڭ يېتىش ھالىتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئەتراپ جىنىسلىرى بىلەن بولغان چىگرىسى ئېنىق.
رۇدىسى ئاق رەڭلىك، گۆش رەڭلىك، كرىستاللىق ماگنېزىت بولۇپ، ئاز مىقداردا دولومىت،تالىك ۋە مىكرو كرىستاللىق سېرىق تۆمۈر رۇدىسى ئارىلاشقان. رۇدا سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ ،1–، 2–دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار كۆپ، باشقا كان ئورۇنلىرى، مەسلەن، پىچان ناھىيىسىدىكى جيەنشەن ماگنېزىت كېنى قاتارلىقلارنىڭ قېزىلما بايلىق ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.