يورۇقلۇق يىلى

يورۇقلۇق يىلى

يورۇقلۇق يىلى __ ئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يورۇقلۇقنىڭ ھاۋا بوشلىقىدا بىر يىلىدىكى تارقىلىش ئارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، تەخمىنەن 9.46 تىرىليون مېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى يورۇقلۇق يىلى
چەتئەلچە نامى Light-year
خەنزۇچە نامى 光年

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يورۇقلۇق يىلى«يورۇقلۇق يىلى» بىلەن «يىل» ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇم بولۇپ، «يىل» ۋاقىت بىرلىكى؛ «يورۇقلۇق يىلى» بولسا ئۇزۇنلۇق(ئارىلىق) بىرلىكىدۇر. ئاسترونومىيىدە ئاسمان جىسىملىرى بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئارىلىقى، يۇلتۇزلار بىلەن يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقى «يورۇقلۇق يىلى» ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى جىسىمنىڭ تېزلىكىدىن نەچچە ھەسسە تېز بولۇپ، سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتر(ئېنىق سانى 299792.458) تېزلىكتە تارقىلىدۇ. يورۇقلۇق يىلى ۋاقىتنىڭ بىرلىكى ئەمەس. پارسېك ئاسترونومىيەدە دائىم ئىشلىتلىدىغان يەنە بىر بىرلىك بولۇپ، بىر پارسېك 3.26 يورۇقلۇق يىلىغا تەڭ.

بىر كۈن 86 مىڭ 400 سېكىنتۇتقا تەڭ بولغانلىقتىن، يورۇقلۇقنىڭ بىر كۈن ئىچىدە بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىسى2.592 × 100 مىليارد كىلومېتر بولىدۇ. بۇ سان يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىنىڭ 173 ھەسسىسىگە تەڭ.

مەسىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 11 مىڭ 260 كىلومېتىرغا يەتسە، مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا بىر يورۇقلۇق يىلىنى 95 مىڭ 948 يىلدا بېسىپ بولغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئايروپىلان سائىتىگە تەخمىنەن 885 كىلومېتىر ئۇچسا، مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ بىر يورۇقلۇق يىلى مۇساپىنى بېسىپ تۈگىتىش ئۈچۈن بىر مىليون 220 مىڭ 330 يىل  ۋاقىت كېتىدۇ.

يورۇقلۇق يىلىنىڭ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ بىر سان ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

يورۇقلۇق يىلى1676-يىلىدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئاساسەن نۇرنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت زۆرۈر ئەمەسلىكىگە ئىشىنەتتى. 1676-يىلى، دانىيە پەن-تېخنىكا ئالىمى رومېر ئالدى بىلەن نۇرنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى قىياس قىلدى. 1671-يىلى، رومېر يۇپىتېرنىڭ ھەمراسىنى (ئىئو) كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ يۇپىتېرنىڭ توسۇلۇش ۋاقتىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى بايقىدى. يۇپىتېر يەر شارىدىن يىراقراق ئورۇندىكى ۋاقىتتا ئايلىنىشقا كەتكەن ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن ئىدى. 1675-يىلى فرانسىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى كاسسىنى (Giovanni Domenico Cassini) بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنىڭ يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت كېتىش مۇمكىنلىقىنى قىياس قىلدى. ھالبۇكى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ بۇ قىياسىدىن ۋاز كەچتى.

ئەينى چاغدا كاسىنىنىڭ پەن-تېخنىكا ياردەمچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان رومېر ۋاز كەچمىگەنىدى. ئۇ نۇرنىڭ تېزلىكىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇر تېزلىكى ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ دىئامېتىرىنى كېسىپ ئۆتۈشكە 22 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. بۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا 214 مىڭ كىلومېتىر دەپ قارالغان.

بىراق 18 ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە، ئاندىن ئاساسىي ئېقىم پەن-تېخنىكا دۇنياسى نۇرنىڭ سۈرئىتى چەكلىك بولۇش قىياسىنى قوبۇل قىلدى. 1728-يىلى، ئەنگلىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى برادلېي جامېس (Bradley·James) نۇرنىڭ تېزلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۇسۇلنى ئوتتۇرغا قويۇپ، نۇرنىڭ تېزلىكىنىڭ سېكۇنتىغا تەخمىنەن 301 مىڭ كىلومېتىر بولدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1838-يىلى، گېرمانىيە ئاسترونومىيە ئالىمى فرىيېدرىچ ۋىلخېلم بېسسېل  (Friedrich Wilhelm Bessel) تۇنجى قېتىم نۇر يىلى دېگەن سۆزنى ئاسترونومىيەدە ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇ ئاققۇ يۇلتۇز تۈركىمى 61 بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ 10.3 يورۇقلۇق يىلى ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققان.

قۇياشنىڭ ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركىمى a يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 43 تىرىليون كىلومېتىر بولۇپ، كىشىلەر كۆزىتەلەيدىغان ئەڭ يىراقتىكى يۇلتۇزنىڭ ئارىلىقى بۇ ساننىڭ 30 ھەسسىسىگە باراۋەر. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يورۇقلۇق يىلى ئىشلىتىلسە قولايلىق بولىدۇ، قۇياشنىڭ سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركىمى a يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.545 يورۇقلۇق يىلى، ئەڭ يورۇق تۇرغۇن يۇلتۇز سىرىئوس يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8.6 يورۇقلۇق يىلى، پادىچى يىگىت يۇلتۇزى ۋە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16.63 يورۇقلۇق يىلى ۋە 26.3 يورۇقلۇق يىلى، رىگېل يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 850 يورۇقلۇق يىلى، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئارىلىقى 100 مىڭ يورۇقلۇق يىلى. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت تەكشۈرەلىگەن ئەڭ يىراق يۇلتۇزنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 مىليارد يورۇقلۇق يىلى-ئەگەر بۇ يۇلتۇزنى 15 مىليارد يىل ئىلگىرى ئالەم پارتىلىغان چاغدا بارلىققا كەلدى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى پەقەت ئۇ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا تارقالغان نۇرى.

يورۇقلۇق يىلىئۇنىڭدىن باشقا، قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئالىملار يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى «بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بىرلىك بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئارلىقىنى ئۆلچەش ئىنتايىن قولايلىق. قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى، مېركۇرىي بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.4 ئاسترونومىيە بىرلىكى، ۋېنېرا بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.7 ئاسترونومىيە بىرلىكى، پلۇتون بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 ئاسترونومىيە بىرلىكى قاتارلىقلار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#