بىئو قوراللار

بىئو قوراللار

بىئو ياراغلار زور دائىرىلىك قىرغۇچى ئالاھىدە ياراغلار بولۇپ، بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىدىن تەركب تاپىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بىئو قوراللار
خەنزۇچە نامى 生物武器

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىئو قوراللاربىئو ياراغلار زور دائىرىلىك قىرغۇچى ئالاھىدە ياراغلار بولۇپ، بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىدىن تەركب تاپىدۇ. بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ئۇرۇشتا ئادەم ۋە چارۋىلارنى قىرغىن قىلىدىغان ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى نابۇت قىلىدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزم باكتېرىيە توكسىنىدۇر، ئۇلار يەنە يۇقۇملۇق بولۇپ، يۇقۇش دائىرىسى كەڭ، زىيان سېلىش ۋاقتى ئۇزۇن، تارقىلىش يوللىرى كۆپ، ئاسان بايقىغىلى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

بىئو قوراللاربىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملىرى باكتېرىيە، توكسىن، ۋىرۇس، رىككېتسىيە، خلامىدىيە ۋە زەمبۇرۇغ قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى تىرىك مىكرو ئورگانىزملار. ئاساسەن بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ئائېروزولى قويۇپ بېرىش، باكتېرىيە يۇقتۇرغۇچى ھاشاراتلار ياكى باشقا ۋاسىتىچى ماددىلارنى چېچىش، جاسۇس ئەۋەتىپ تارقىتىش قاتارلىق يوللار بىلەن تارقىتىلىدۇ.

بىئولوگىك قوراللار، ئاساسەن، ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمدا ئىشلىتىلىدۇ، تاكتىكىلىق ياراغ سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. كېيىنكىلىرى، ئاساسەن، يۇقمايدىغان ياكى يوشۇرۇن مۇددىتى قىسقا بولغان يۇقۇش ئىقتىدارى يوق جەڭ دورىلىرىدىن ئىبارەت.

بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىش يوللىرى

بىئو قوراللاربىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىش يوللىرى تۆۋەندىكىچە: نەپەس يولىدىن كىرىدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ئائېروزول شەكلىدە نەپەس يولى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ؛ ھەزىم قىلىش يولىدىن كىرىدۇ، ئادەم-چارۋىلار بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىدىن بۇلغانغان سۇ، يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەزىم قىلىش يولى بىلەن ئورگانىزمغا كىرىدۇ؛ تېرىدىكى جاراھەت، شىللىق پەردىلەردىن كىرىدۇ، بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى تېرىدىكى جاراھەت ۋە كۆز، بۇرۇن قاتارلىق ئورۇنلاردىكى شىللىق پەردە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە بىۋاسىتە كىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھاشاراتلارنىڭ چېقىشى ئارقىلىقمۇ ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. 

كېسەللىك پەيدا قىلشى 

بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم ئورگانىزمىنىڭ بىئولوگىك ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

كېسەللىك ئالامەتلىرى 

كۆپ ساندىكى بىئولوگىك جەڭ دورىلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرىپ كېسەللىك پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئادەمدە قىزىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، يۆتىلىش، ئىچى ئېلىشىش، نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىش، بەدىنىنىڭ بىر قىسىمى ياكى پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا ھەرقانداق دۆلەت بىئو ياراغلارنى ئىشلەتسە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.[0]

بىئولوگىيلىك قورالبىئولوگىيلىك قورال - چوڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بىر خىل قورال بولۇپ ، بىئولوگىيە ئۇرۇش دورىسى ۋە باشقا دورا قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپىدۇ . بىئولوگىيىلىك ئۇرۇش دورىسى -ئادەم ۋە ھايۋانلارنى كسەل قىلىپ ،دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان كېسەللىك ۋىرۇسى ۋە باكتىرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇرۇش دورىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ . مەسىلەن ، كېزىك باكتىرىيىسى ، چېچەك ۋىرۇسى ، سېرىق قىزىتما ۋىرۇسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %10 تىن يۇقىرى ، ھەتتا 52%-%90 كە يېتىدۇ . ئۇرۇش دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يۇقۇملۇق بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلاردىن بىر -بىرىگە يۇقۇپ م غايەت زور ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، كىشىلەر ئۇنى « سۈنئىي ۋابا » دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ھازىر ، كىشىلەر ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى تېخنىكىسدىن پايدىلىنىپ ، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىكرو ئورگانىزىملىرىنىڭ ئىرسىيەت گېنىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خەتىرى تېخىمۇ زور بولغان گېن قوراللىرىنى ياساپ چىقتى .[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#