بالىلار سۈيدۈك يول تېشى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بالىلار بەدىنىدە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش ۋە ئانىنىڭ سۈتى بۇزۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: دوۋسۇن ئەتراپىدا ئاغرىق پەيدا بولۇپ قېلىش، ئاسانلىقچە سىيەلمەسلىك، سۈيدۈك مېڭىۋېتىپ بىردىنلا توختاپ قېلىش، قاتتىق ئاغرىش، سىيگەندە ئېچىشىش، بەزىدە تاش سۈيدۈك يولىغا قاپلىشىۋالسا، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش ياكى بالىنىڭ سىيەلمەي كۈچەپ ئىنجىقلىشى نەتىجىسىدە، تاش سۈيدۈك يولىنى زەخىملەپ، قان سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: تەرەنجىبىن 30 گىرام، سانا 20 گىرام، سېرىق ئوت ئۇرۇقى 15 گىرام، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى سەككىز گىرامدىن، گاۋزىبان، كاكىنەچ، پىرسىياۋشان، قىزىلگۈل، ئوغرىتىكەن ئالتە گىرامدىن، بادام يېغى، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، بادام يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى 15 گىرامدىن، سېمىز ئوت ئۇرۇقى ئالتە گىرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گىرام، نىشاستە، كەتىرا، ھەببۇل قۇلت (بىرخىل ماش) ئۈچ گىرامدىن، جوھۇت تېشى تۆت گىرام، شېكەر پۈتۈن دورا ۋەزنى بىلەن تەڭ.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: ھەجەرۇل يەھۇد 150 گىرام، قاپاق ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى 15 گىرامدىن، چايان 10 گىرام، كاكىنەچ بەش گىرام، جېنتىيانا، تۇرۇپ تۇزى 15 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.