تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى
تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى 1995-يىلى ياسالغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 605 مېتىر، باشلىما يولى يېرى 673 مېتىر، ئۇ تارىم نېفىتلىكىنى ئېچىشتىكى تۇنجى چوڭ كۆۋرۈك، تەكلىماكان قۇملۇقى غا ئۆتۈشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك، تارىم دەرياسى نىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئايرىش نۇقتىسى. كۆۋرۈك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك 1-شىسى ئالار شەھىرىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىدا بۈگۈر ناھىيىسى بار، شەرقىدە قۇملۇقتىكى توغراق ئورمانلىق باغچىسى بار، جەنۇبى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولى ۋە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق − تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا جەنۇبىي بۈگۈر نېفىتلىكى مەنزىرە رايونى ۋە دۆلەت غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گاز يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇنجى بېكىتى بار. تارىم دەرياسى كۆۋرۈكىنى مەركەز قىلغان تەبىئىي مەنزىرە رايونى بىلەن گۇمانىتارلىق مەنزىرە بىرلىشىپ ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىرە رايونى شەكىللەندۈرگەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.