تۇغۇت

تۇغۇت بولسا  ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئاي كۇنى تۇشۇپ تۇغۇش جەريانى.

ئۇيغۇرچە نامى تۇغۇت
خەنزۇچە نامى 生育

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ پسىخىكا كەيپىياتىتۇغۇت بولسا فىزىئولوگىيىلىك جەريان، بىراق تۇغۇتلۇق ئاياللار ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قانداقلا بولمىسۇن بىر قېتىملىق غايەت زور فىزىئولوگىيىلىك جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر روھىي، پسىخىكا ۋە بەدەن ئىقتىدارى جەھەتتىكى تەجرىبىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. كۆپلىگەن تۇغۇتلۇق ئاياللار بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم تۇغىدىغان ئاياللاردا تۇغۇت ئاغرىقىدىن، قىيىن تۇغۇتتىن، غەلىتە شەكىلدە بولۇپ قېلىشتىن قورقۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ جەھەتتە قورقۇش» پسىخىكىسى بولىدۇ. شۇنداقلا تۇغۇت جەريانىدىكى ئەگىشىپ كېلىدىغان ئەندىشە، خاتىرجەمسىزلىك ۋە قورقۇشتىن ئىبارەت ناچار پسىخىكا، روھى پائالىيەت بولىدۇ. بۇ خىل ناچار ئامىللار چوڭ مېڭە پوستلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىغا ماسلىشالماي، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئوڭاي كېڭەيمەسلىكى ياكى كېڭىيىشنىڭ چېكىنىشى، تۇغۇت ئۇزىرىشى، ھەتتا قىيىن تۇغۇت ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، روھى جەھەتتە بەك جىددىيلىشىپ كەتسە، ھەمىشە بالىياتقۇنىڭ تارىيىش جەريانىدىكى دەم ئېلىشقا پايدىسىز، شۇنداقلا ئشىتىھاغىمۇ پايدىسىز. جىسمانىي جەھەتتىكى خوراشمۇ كۆپ بولۇپ، ئېنېرگىيە يېتەرلىك كىرەلمەي، تۇغۇت ئۇزىراپ كېتىش، قىيىن تۇغۇت ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقات مۇلاھىزىلىرىدە ئىپادىلىنىشىچە، ناچار روھى كەيپىيات ئامىللىرى دائىم تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىنىڭ ئۇزىرىشىنى، قىيىن تۇغۇت نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۇغۇتنىڭ تېز-ئاستىلىقى ۋە تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش-بولماسلىقى، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ روھى، پسىخىكا كەيپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ جەريانى 38 ~ 40 ھەپتىگىچە بولۇپ بۇ جەرياندا، ھامىلە ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىش بىلەن بىللە ئانىنىڭ بەدىنىدىمۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ ھەم ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يەنە خىلمۇخىل كېسەللىكلەر مەسىلەن، ئالدىن بېشارەتلىك بالدۇر تۇغۇش، ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى كېسەللىكلىرى، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمراھى، ھامىلە كېچىكىپ يېتىلىش، ھامىلە ئورنى نورمالسىز بولۇش قاتارلىقلار. شۇ سەۋەبتىن قەرەللىك ۋاقىتتا تەكشۈرتكەندە، ئاندىن ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى يېتىلىش ئەھۋالى ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىۋالغىلى، نورمالسىز ھادىسىلەرنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالاش ۋە تۈزىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار چوقۇم دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە قەرەللىك ھالدا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بېرىش لازىم. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلىدار بولۇپ 12 ھەپتە بولغاندا، بىر قېتىم تەكشۈرتۈش، كېيىن ھەر تۆت ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈش. ھامىلىدار بولغىلى 28 ھەپتىدىن ئاشقاندىن كېيىن، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈش، 63 ھەپتىدىن كېيىن تۇغقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈشى كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ پۈتۈن مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش قېتىم سانى تەخمىنەن 13 قېتىم ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر خەۋپلىك ھامىلدار بولۇپ قالسا دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ماس ھالدا كۆپەيتسە بولىدۇ.

تەكشۈرتۈشنىڭ پايدىسى 

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشتۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دەسلەپكى بەش ئاي ئىچىدىكى تەكشۈرتۈشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى تېخنىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە قارىتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىپ، ئېغىر ئىرسىي كېسەللىك ۋە تۇغما كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىنى بايقاپ، بويىدىن ئاجراش ۋە كېسەلچان بالىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. بۇ خروموزوما كېسەللىكى ۋە نېرۋا ئەزالىرىنىڭ كەمتۈكلۈكى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئومۇمەن تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرسى بولغان ھامىلىدار ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ:

1. ھامىلىدىكى خروموزوما ئادەتتىن تاشقىرى بولغان بوشانغان ئاياللار.

2. گېنى غەلىتە بولغان ھامىلىگە ھامىلىدار بولغانلار قايتا ھامىلىدار بولسا، خەتەرلىك نىسبىتى 5%~10% كىچە بولغانلار.

3.35 ياشتىن يۇقىرى ئاياللاردا خروموزوما ئادەتتىن تاشقىرى بولغان بالا تۇغۇش ئېھتىمالى بولغان يېشى چوڭلار، 35 ياش ۋاقتىدا 1/365 ، 40 ياش ۋاقتىدا 1/109 ، 45 ياش ۋاقتىدا 1/32 بولىدۇ. 

4. ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش، ھامىلە ئۆلۈپ كېتىش تارىخى بولغانلار ياكى ئەر-ئاياللارنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ بىرسىدە خروموزومانىڭ غەيرىيلىكىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا. 

5. نۇر دەستىسى ياكى خىمىيىلىك بىرىكمىلەرگە ئۇچرىغانلار. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆت ياللۇغى، قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام، يەلتاشما، ھۈجەيرىلەرنىڭ ۋىرۇسلىنىشى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا ئانتىبىئوتىك ئىشلەتكەنلەر 

تۇغۇت مەزگىلىدىكى جىنسىي يولدىن قان كېلىش مىقدارى ئادەتتە 300 مىللىلىتىر ئىچىدە بولىدۇ، ئەگەر ھامىلە تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە تۇغۇتلۇق ئاياللاردىن كەلگەن قان 500 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتسە، بۇ تېبابەتتە، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان كېلىش دېيىلىدۇ. تا ھازىرغىچە تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش كۆپىنچە ھاللاردا بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. قوشكېزەك ھامىلىدار بولغانلار، چوڭ تۇغقانلار، باش سۈيى كۆپ بولغانلار، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يېشى 35 دىن ئاشقانلار، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم سندرومى، تۇغۇت سانى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسىدە تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەگەر بالا ھەمراھى ۋاقتىدا چۈشمىسىمۇ، قان كۆپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، جىنسىي يولىدا تۇغقاندا جىنسىي يول يېرىلىپ زەخىملىنىشتىن، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان كېلىشنى پەيدا قىلىدۇ.

تۇغۇتتىن بۇرۇنقى قان بېسىمنى ئۆلچەشقان بېسىمى ئەسلىدىنلا نورمال بولغان ئانا بولغۇچىلاردا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى بولۇشى مۇمكىن. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشتە، يۇقىرى قان بېسىمىغا دىئاگنوز قويۇش ناھايىتى ئوڭاي. قان بېسىمى ئىككى خىل قىممەتنى—قىسقىرىش ۋە بوشىشىش بېسىمىنى ئىپادىلەيدۇ. نورمال ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 100 ~ 140 مىللېىمىتىر سىماب تۈۋرۈكى ئارىلىقىدا، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىش بېسىمى 60 ~ 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ئارىلىقىدا بولىدۇ. شۇڭا، قىسقرىش بېسىمى 140 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن چوڭ، بوشىشىش بېسىمى 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن چوڭ بولسا، بۇ ھامىلىدار ئايالنىڭ قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولسا زادى قانداق خەتىرى بار؟ ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋال ھامىلىدار بولۇپ 20 ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ. باشلىنىشتا پەقەتلا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ. بىراق ھەپتە سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قان بېسىمى بارغانسېرى ئۆرلەش بىلەن بىللە يەنە سۈيدۈكتە ئاقسىل پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ئەگەر سۈيدۈكتىن ئېقىپ چىققان ئاقسىل بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، يېمەكلىك جەھەتتىكى ئوزۇقلىنىش ئېشىپ كېتىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قېنىدا ئاقسىل يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەڭ روشەن بولىدىغىنى، پۈتۈن بەدەن سۇلۇق ئىششىپ كېتىدۇ. ھامىلىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان ماتكىنىڭ قان ئېقىمى مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازلاپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ ۋە باش سۈيىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھامىلىدار ئايالنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، سۈيدۈككە ئاقسىل ئارىلىشىپ كېلىش ۋە پۈتۈن بەدەن ئىششىپ كېتىش ئەھۋاللىرى قوشۇلۇپ، ئادەتتە «ھامىلىدارلىقتىكى قان زەھەرلىنىش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر «ئالدىن بىشارەت بولغان ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى» دېيىلىدۇ، ئەگەر قان بېسىمى يۇقىرى بولسا، قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىشى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، ئىقتىدار قالايمىقانلىشىش پەيدا بولۇپ، قاتتىق تارتىشىدىغان تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ «ھامىلە تۇتقاقلىقى» دېيىلىدۇ، ئادەتتە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىمى قانچە بالدۇر پەيدا بولسا، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىمۇ شۇنچە بالدۇر ئېلىپ كېلىدۇ. ھەم ئالدىن بىشارەت بولغان «ھامىلە تۇتقاقلىقى» بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھامىلىنىڭ يېتىلىشى كۆرۈنەرلىك ھالدا كېچىكىدۇ، بەزىدە ھەتتا بوۋاق بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قالىدۇ. تۇغۇتتىن ئىلگىرى قان بېسىمنى تەكشۈرگەندە، يۇقىرى قان بېسىمنى ۋاقتىدا بايقاپلا قالماستىن، بەلكى «ئالدىن بىشارەت بولغان ھامىلە تۇتقاقلىقى» نىمۇ بايقاشتا، ھامىلىدار ئاياللارغا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ.

تۇغۇت ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، تۇغۇت دوختۇرخانىسىنى بېكىتىۋېلىش ۋە دوختۇرخانىدا ياتىدىغان كۈننى ئالدىن كېلىشىۋېلىپ، دوختۇرخانىغا بىللە بارىدىغان ئادەم ۋە دوختۇرخانا يوللىرىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. تۆت-بەش ھەپتە بۇرۇن دوختۇرخانىدا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى تەييارلاش، يەنى يۈز يۇيىدىغان نەرسىلەر، بىرقانچە پارچە ژۇرنال ۋە رەسىملىك كىتاب، ساپما كەش، ئۇخلاش كىيىمى، ئىككى باغىرداق، قۇلايلىق بولغان رادىئو، ئاپپارات ۋە لېنتا ئېلىۋېلىش شۇنداقلا تېلېفون دەپتىرى ۋە تېلېفون كارتىسى، بالىلارنىڭ كىيىمى ۋە كىچىك ئەدىيال ئېلىۋالسىمۇ بولىدۇ. دوختۇرخانىغا بارغاندا يەنە بىر ئاز يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋالسىمۇ بولىدۇ.

تۇغۇت ئاغرىقىتۇغۇت ئاغرىقى بىرخىل مۇرەككەپ بولغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق جەريان بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئاغرىقلارنىڭ بىرى. ئاغرىق جەريانى بىلەن شەخسنىڭ ئاغرىقى، تۇغۇت قېتىمى بىلەن تۇغۇت جەريانىنىڭ ئىلگىرىلىشى مۇناسىۋەتلىك. كۆپلىگەن تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى تارايغان ۋاقىتتا قاتتىق ئاغرىيدۇ، تۇغۇت جەريانىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ ئاغرىيدۇ. ھەتتا چىداشلىق بەرگىلى بولماي قالىدۇ، تۇغۇت ئاغرىقىنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنىڭ ۋاقىت خاراكتېرلىك تارىيىشى بىلەن قان، ئوكسىگېن يېتىشمەي، قاتتىق ئاغرىق پەيدا بولىدۇ.

ھامىلە تۇغۇت يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا يۇمشاق تۇغۇت يولىنىڭ كېڭىيىشى ۋە بېسىمغا ئۇچرىشى بىلەن قاتتىق ئاغرىيدۇ.

تۇغۇت جەريانىدا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ جىددىيلىشىپ، ئەنسىرەپ، قورقۇپ كېتىشى بىلەن مۇسكۇللار بوشايدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇھىت نېرۋىسىغا تەسىر قىلىپ، ئاغرىقنى پەيدا قىلىدۇ. 

قان، ئوكسىگېن كەم بولۇپ، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن ئاغرىق پەيدا بولىدۇ.

تولغاقنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر-ئىككى كۈن بولىدۇ، بۇ ئۈچ تىپقا بۆلۈنىدۇ:

1. يېنىك تىپ : بىمارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ياكى ئازراق يۇقىرى بولىدۇ، قورسىقى ئاغرىيدۇ. يىنىك دەرىجىدە ئىچى سۈرىدۇ، كۈندىلىك چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. چوڭ تەرىتى سۇيۇقراق ھەم شىلىمشىق كېلىدۇ. بىراق قان ئارىلاش بولمايدۇ، ئادەتتە 3 ~ 7 كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ.

2. ئادەتتىكى تىپ : بىمار قاتتىق قىزىيدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، ℃39 ئەتراپىغا چىقىدۇ. سوغۇق تەرلەيدۇ، غالىلداپ تىترەيدۇ. ئارقىدىنلا قورسىقى ئاغرىيدۇ، ئىچى سۈرىدۇ. بىماركۈندە 10-20 قېتىمغىچە چوڭ تەرەت قىلىدۇ. تەرەت سۇيۇق كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن شىلىمشىق ۋە قان ئارىلاش تەرەت كېلىدۇ. تولغاق بىلەن يۇقۇملىنىشى روشەن بولىدۇ(چوڭ تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ، بىراق چوڭ تەرەت قىلالمايدۇ) . دەسلەپ داۋالىغاندىن كېيىن 1 ~ 2 ھەپتىدىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ.

3. ئوتتۇرا تىپتىكى زەھەرلىنىش : ئادەتتە ئىككى ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان، بەدەن ساپاسى بىر ئاز ياخشى بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃40 تىن يۇقىرى بولىدۇ. روھسىزلىنىپ، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ ياكى بىئارام بولىدۇ. كەينى-كەينىدىن تارتىشىپ قېلىش، ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. چىرايى ناھايىتى تېزلىكتە ئاقىرىپ، تېرىلىرىگە چېكىت-چېكىت نەرسىلەر چىقىپ قالىدۇ. كالپۇكى ئاقىرىپ، كېيىن كۆكىرىپ، پۇت-قوللىرى مۇزلاپ كېتىدۇ. قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، نەپەس ئېلىشى تەرتىپسىز بولىدۇ. نەپەس ئېلىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا شوك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي يوللىرى كسەللىك ئەھۋالى بىر ئاز يېنىك بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئىپادىلەر بولسا، دەرھال ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.

تۇغۇتھامىلە تېنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئىچىدە باش ئەڭ چوڭ، مۈرىسى كىچىك بولسا ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت ئاز كۆرۈلىدۇ. باش ئاۋۋال كۆرۈنسە، باشنىڭ چىقىشى بىلەن بەدىنىنىڭ باشقا ئەزالىرى ناھايىتى ئوڭايلا تۇغۇلىدۇ. ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت بۇنىڭ ئەكسى بولۇپ، بالا تۇغۇلىدىغان ۋاقىتتا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلسا، ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇتنىمۇ ئۆزى تۇغقىلى بولىدۇ. بىراق، ھەرقانداق تەتۈر تۇغۇتنى ئۆزى تۇغقىلى بولمايدۇ. ئەگەر داس سۆڭەك تار بولمىسا، ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 3500 گرامدىن ئاز بولسا، ھامىلە بېشى يۇقىرىغا قالغان بولسا، ياردەمچى دوختۇرلار تۇغۇتقا ياردەم بەرسە ياكى تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۇغسا ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇغقىلى بولىدۇ. ئەگەر داس سۆڭەك تار، بالا بەك چوڭ، ھامىلىدار ئايالنىڭ يېشى 35 دىن يۇقىرى بولسا ھەم قىيىن تۇغۇت تارىخى بولسا ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەك.

 تەتۈر تۇغۇتنىڭ ئادەتتە ئۈچ خىل تۈرى بار:

1. تاق ساغرا ئاۋۋال ئاشكارىلىنىدۇ ياكى پۇت ئاۋۋال كۆرۈنىدۇ. ھامىلىنىڭ قوش يانپاش بوغۇمى ئېگىلىپ، ئىككى تىز بوغۇمى ئالدىغا چىقىشى بىلەن ساغرا ئورنى ئاۋۋال كۆرۈنىدۇ، بۇ سەل كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال.

2. ساغرىنىڭ پۈتۈنلەي كۆرۈنۈشى ياكى ئارىلاش كۆرۈنۈشى: ھامىلىنىڭ ئىككى يانپاش بوغۇمى ۋە تىز بوغۇمى ئىگىلىپ، باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ھالەتتە تۇغۇلۇپ، ساغرا قىسمى ۋە ئىككى پۇت ئاۋۋال كۆرۈنىدۇ. بۇ دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال.

3. ساغرىسى تولۇق كۆرۈنمەسلىك. ھامىلىنىڭ بىر پۇتى ياكى ئىككى پۇتى، بىر تىزى ياكى ئىككى تىزى ياكى بىر پۇت بىلەن بىر تىز ئاۋۋال كۆرۈلىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال.

بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلغاندا كۈچىسە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، تۇغۇتلۇق ئايال كالتە تولغاقنىڭ ماسلىشىشىغا موھتاج بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا قورساقنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ «كۈچەش» دېيىلىدۇ. تۇنجى قېتىم تۇغقان تۇغۇتلۇق ئايالغا نىسبەتەن، بالىياتقۇ بوينى پۈتۈنلەي ئېچىلغاندىن باشلاپ، ھامىلە تۇغۇلغانغىچە بولغان ۋاقىت ئادەتتە ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، كۈچەش-كۈچىمەسلىك، ئوڭۇشلۇق تۇغۇش-تۇغماسلىقتىكى مۇھىم ئۆتكەل. كۈچەشنىڭ باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئىككى قولى بىلەن ياستۇقنى ياكى كارىۋات تۈۋرۈكىنى تۇتۇپ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى يۇقىرى پەللىگە چىققاندا كۈچەش.

2. ئوڭدىسىغا يېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، چوڭقۇر نەپەسلىنىش. ھاۋا سۈمۈرگەندىن كېيىن، ۋاقتىنچە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئارقىدىن قويۇۋەتسە، مەقئەت تەرەپكە قاراپ كۈچىگىلى بولىدۇ.

3. داۋاملىق دېمىنى سىقىشقا ئامالسىز قالغاندا ئۆزىنى قويۇۋېتىپ، ئارقىدىنلا ناھايىتى تېزلىكتە ئىچىگە تارتىپ، كۈچەش؛ كۆزى يورۇغان ۋاقىتتا دوختۇر ۋە سېسترالارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، كۈچەش ۋە ئۆزىنى قويۇۋېتىش؛ بالىياتقۇ تارايغاندا بىر قېتىمدا تەخمىنەن 10 سىكۇنت كۈچىيىشى. ئەگەر كالتە تولغاق داۋاملاشسا، داۋاملىق ھاۋانى ئىچىگە تارتىش ۋە كۈچەش؛ تارىيىش توختىغاندا، پۈتۈن بەدەننى قويۇۋېتىپ، ئازراق ئارام ئېلىۋېلىش؛ ئارام جايىدا بولغاندا، يېتەرلىك ھالدا كۈچىگىلى بولىدۇ. يەنى كۈچەش ۋاقتى توغرا بولسا، كالتە تولغاقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، كالتە تولغاق بىلەن كۈچەپ ماسلىشىش. ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشتا يەنى بوشاشقاندا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارى كۆپىيىپ، ھامىلە ئوكسىگېننى تېخىمۇ كۆپرەك قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ئانا بەدىنىنى ئىمكانقەدەر بوش تۇتۇشى كېرەك، قانچە بوش تۇتسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە سۈپەتلىك تەربىيىلەش ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۈمىدى ۋە مەسئۇلىيىتى. بولۇپمۇ سۈپەتلىك تۇغۇش مەسئۇلىيىتى ھەربىر ياش ئەر-خوتۇنلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇرۇق سانى ۋە سۈپىتى سۈپەتلىك تۇغۇشتىكى ھالقىلىق ئامىل. شۇڭا، ئۇرۇق سۈپەتلىك تۇغۇشتىكى ئاساس، يىلتىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، ئومۇمەن ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىغان ئامىللارنى ئەر-خوتۇنلار ئېمكانقەدەر بالدۇرراق يوقىتىشى كېرەك. جىنسىي پائالىيەتنىڭ پات-پات بولۇپ تۇرۇشى ئىسپېرمىنىڭ ئاز بولۇشىنى، ئۇرۇق سانى ۋە سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئازلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى ھاياتلىقنىڭ نورمال كۆرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ جىنسىي تۇرمۇشنى كونترول قىلىشى. ، بولۇپمۇ ئەر تەرەپ كۈچ-ماغدۇر توپلىشى ئۈچۈن بولسىمۇ قاتتىق دىققەت قىلىشى زۆرۈر. جىنسىي پائالىيەتكە كۈچلۈك ئىنتىلىشى بولغان يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار بۇ نۇقتىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

تاماكىنىڭ چېكىشنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى 

 تاماكا تەركىبىدە زىيانلىق ماددىلاردىن، نىكوتىندىن باشقا يەنە فتورىد كىسلاتاسى، ئاممىياك، كاربون چالا ئوكسىد، كاربون ئوكسىد، پىرىدىن، ئاروماتىك بىرىكمىلىرى، تاماكا كوكس مېيى قاتارلىقلار بار. ئەگەر ئاياللار تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالسا، ھەيزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەم ھامىلىدار بولۇشنى ئازلىتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. تاماكىنىڭ زىيانلىق ماددا رولى ھامىلىدار ئانىلارنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كېيىن بالىياتقۇ ئارقىلىق يېتىلىۋاتقان ھامىلىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزۈپ، ھامىلىنىڭ بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ خروموزوماسىنىڭ غەيرىيلىشىش نىسبىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بۇلارغا بولغان سەزگۈرلۈكى يۇقىرى مەزگىلى بولۇپ، تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلار خروموزومانىڭ غەيرىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى يەنە گېننىڭ تەڭشىلىشى ۋە كونترول قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مېتابولىزم جەريانىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە دەخلى قىلىدۇ. ھامىلىدىكى خروموزومانىڭ غەيرىيلىشى بىلەن بويىدىن ئاجراش، ھامىلىنىڭ ئۆلۈشى، كۆپ قېتىملىق غەيرىيلىشىش، تۇغما كېسەلچان قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، تاماكا چېكىدىغان ئاياللاردا بالدۇر تۇغۇش، بويىدىن ئاجراش، ھەتتا يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىر ئاز يۇقىرى بولىدۇ ھەم تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلار ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىكتىن، ھامىلىدە «بالىياتقۇ ئىچىدىكى يېتىلىشى كېيىن بولۇش» ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھامىلە يېشىدا تۇرۇپ تۇغۇلۇش نىسبىتى كۆپرەك بولىدۇ، ھامىلىدار تۇرۇپ تاماكا چەككەن ئاياللار ئوڭايلا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن سۈت يېتىشمەسلىك ئەھۋالى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، تەتقىقاتلاردا يەنە بايقىلىشىچە، تاماكا چەككەن ئاياللار تۇغقان بالىلار ئوڭايلا نەپەس يولى كېسەللىكى ۋە تېرە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىكەن، ئوڭايلا ياندۇرىدىكەن، ئىچى سۈرىدىكەن. تاماكا چەككەن ئاياللارنىڭ بالىلىرى 11 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى بەدەن ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى جەھەتتىكى يېتىلىشى باشقا بالىلارنىڭكىدىن ناچار بولىدىكەن. ئۇنداقتا، ئانا تاماكا چەكسە سۈپەتلىك تۇغۇشقا يۇقىرىقىدەك زىيىنى بولسا، ئاتا تاماكا چەكسىچۇ؟ ئالدى بىلەن بىز تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئاتا تاماكا چەكسە، ئانا بىلەن ھامىلە «ئىككىنچى تاماكا چەككۈچى» بولۇپ، بۇنىڭ زىيىنى ئانا تاماكا چەككەندىكى زىيان بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلار مېتابولىزم جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوغۇللارنىڭ ئۇرۇقىدىكى ئىرسىي گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى ياكى ئۇرۇقنىڭ تۇغما گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ئۇرۇقنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردا يەنە بايقىلىشىچە، تاماكا چېكىش يەنە ئۇرۇقنىڭ پائالىيەتچانلىقىغا بىر ئاز چوڭراق تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ھاياتلىقنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ قارار چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇرۇق غەيرىي نورمال، پائالىيەتچانلىقى ئاجىز ياكى ئۇرۇق پىشىپ يېتىلىش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىسا، ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ ئۆلۈشى، بويىدىن ئاجراش ياكى ھامىلىنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كېيىنكى ئەۋلادنىڭ ساغلام بولۇشى ھەم ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى ئاتا-ئانىلار تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك.

قورساقنى يېرىش ناھايىتى ياخشى ۋاسىتە، دوختۇر زۆرۈر دەپ قارىغاندا ئاندىن ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوپېراتسىيە قىلسا  ئۆزى تۇغۇشقا ئامالسىز قالغاندا داس سۆڭەكنىڭ چىقىش ئېغىزى باشتىن كىچىك بولسا، بالىياتقۇ بوينى ۋە جىنسىي يول ئىنتايىن تار بولسا، تۇغۇت يولى ئىششىق تۈپەيلىدىن تارلىشىپ قالسا ئۆزى تۇغۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. 

 ئانا-بالا ئىككىلىسى خەتەر ئىچىدە قالغاندا بۇ خىل ئەھۋالدا بەلكىم ھامىلە ئورنى ئۆزگىرىپ كەتكەن، ھامىلە ئورنى نورمالسىز بولغان(توغرىسىغا كېلىش، تولۇق بولمىغان كاسسا ئالدىن كېلىش) ، ئايلانما نورمالسىز بولۇش قاتارلىق قىيىن تۇغۇت كۆرۈلگەندە، ئانا تېنىدە قىيىنچىلىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتتا داس سۆڭەك تار بولۇشى تۈپەيلىدىن قورساقنى يارغان بولسا، كېيىنكى قېتىمدىمۇ داس سۆڭەكنىڭ تارلىقى يوقالمايدۇ. شۇڭا، يەنىلا قورساقنى يېرىپ، بالىنى ئېلىش كېرەك. ھەربىر ھامىلىدار ئاياللار ئادەتتە بىر قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە قورساقنى يېرىش ئوپېراتسىيىسى قىلسا بولىدۇ، بىراق قايتا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، مەزكۇر ئورۇن زەخىملىنىشى مۇمكىن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن، تىنچلىقنى ساقلاپ، ئىككى كۈندىن كېيىن كارىۋاتتىن چۈشسە بولىدۇ.

ئوپېراتسىيە قىلغاندا

بىر قېتىم بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم يەنە بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلماسلىق كېرەكمۇ؟ ئاي-كۈنى توشۇپ، ھامىلىدار بولغان ۋاقىتتا، ئىلگىرىكى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشتا كۆرۈلگەنگە ئوخشاشلا مەسىلە بايقالسا، بالىياتقۇدىكى يارا ئىزى جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغقاندا، يەنە يىرتىلىپ كېتەمدۇ-يوق؟ ھەتتا جىنسىي يولدىن تۇغسا ئوڭۇشلۇق بولامدۇ-يوق؟ دېگەندەكلەرگە تۆۋەندىكى بىرقانچە ئامىلنى ئويلىشىش كېرەك.

1. ئالدىنقى قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئارىلىقى بىلەن كېيىنكى قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئارىلىقى ئىككى يىلدىن يۇقىرى بولۇشى.

2. ئالدىنقى قېتىملىق ئوپېراتسىيە شەكلى چوقۇم بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلغان بولۇشى.

3. ئالدىنقى قېتىملىق ئوپېراتسىيىدە، بالىياتقۇ ئېغىزى مەلۇم دەرىجىدە كېڭەيگەن ياكى ئوپېراتسىيىدىن كېيىن يەنە بالا چۈشۈرۈش تارىخى بولغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغقان ياخشى. 

4. بۇ قېتىملىق تۇغۇتتا ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە داس سۆڭەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ماس كەلمەسلىك ئەھۋاللار بولماسلىق. 

5. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جىنسىي يولدىن تۇغۇشقا قوشۇلۇشى كېرەك. 

بالىنى ئۆزى تۇغقان ياخشى (جىنسىي يولدىن) بولامدۇ؟ ياكى ئوپېراتسىيە (بالىياتقۇ ئوپېراتسىيىسى قىلىپ) تۇغقان ياخشىمۇ؟ بۇ سوئالغا چوقۇم ھەربىر تۇغۇتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بىرنەرسە دېيىش كېرەك. تۇغۇش بولسا تەبىئىي بولغان فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. جىنسىي يولدىن تۇغۇش بولسا، نورمال بولغان تۇغۇت جەريانى بولۇپ، ئانا-بالىغا پايدىلىق. ئاۋۋال، جىنسىي يولىدىن تۇغقاندا، تۇغۇتى يېقىنلاشقاندىن كېيىن بالىياتقۇ تەرتىپلىك ھالدا تارىيىدۇ. يۈرەك-مۇسكۇللار بوشىشىدۇ، ھامىلىنىڭ كۆكرىكىمۇ تەرتىپلىك ھالدا بوشاپ تارىيىپ، ھامىلىنىڭ ئۆپكىسىمۇ چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ-دە، ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى فوسفور، ماي قاتارلىق ماددىلارنىڭ نىسبەتەن كۆپ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆپكىنىڭ كېڭىيىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلىكتە نەپەسلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلە جىنسىي يول ئارقىلىق قىستىلىپ چۈشكەندە، سۈمۈرگەن باش سۈيى چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ھامىلىنى تۇنجى قېتىم نەپەسلەنگەندە سۈمۈرگەن باش سۈيىنىڭ ئۆپكىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ، ئۈچىنچىسى، جىنسىي يولدىن تۇغقاندا، باش سىقىلىپ، باش قىسمىدىكى نەپەسلىنىش مەركىزىي نېرۋىلىرى غىدىقلىنىپ، ھامىلىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى نەپەسلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ-دە، يۇقىرى ئاۋازدا يىغلايدۇ. تۆتىنچى، جىنسىي يولدىن تۇغقاندا، بالىياتقۇ بوينى يېتەرلىك كېڭىيىپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى يامان سۈپەتلىك ئاجراتمىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى نىسبەتەن تېز بولىدۇ. بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغاندا، تەبىئىي تۇغقانغا قارىغاندا نورمالسىز بولۇپ، ھامىلىنىڭ نورمالسىزلىقى ياكى جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغقاننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەجبۇرىي بولىدۇ. ئەگەر بۇنى قوللانمىغاندا، ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئېنىقكى، يۇقىرىقى كونكرېت ئەھۋالغا قارىغاندا، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقاندا، چوڭ چاتاق بولمايدۇ. بىراق، بالىياتقۇ ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇش كىشىلەرنىڭ تۇغۇش شەكلىلا بولۇپ، ئۇ جىنسىي يول تۇغۇتىدىكى خەتەردىن ئوپېراتسىيە ۋە مەست قىلغاندىكى خەتەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل ئۇسۇل بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى يوق قىلىۋېتىدۇ، يەنە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، جىنسىي يول بىلەن تۇغۇش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار. شارائىت بولسا جىنسىي يولدىن تۇغۇش، ھەرگىز ئوپېراتسىيە قىلماسلىق، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە، دوختۇرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، خۇشاللىق بىلەن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

تۇغۇش جەريانىدا

تۇغۇش جەريانىدا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى كۈچەيگەن ۋاقىتتا، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ھەتتا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئىسسىقلىق ۋە سۇ قوبۇل قىلىشى يېتەرلىك بولمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە تۇغۇتلۇق ئاياللار بىر نەرسە يېمەسلىكى كېرەك، بولمىسا كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. دوختۇر ۋېناغا سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈپ ئىسسىقلىق ۋە سۇ تولۇقلىسا بولىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئارتۇقچە ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەكسىچە، ئەگەر تۇغۇتلۇق مەزگىلدە، تۇغۇتلۇق ئاياللاردا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالمىسا، بىرىنچى قېتىملىق تۇغۇت جەريانىدا بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى ئازراق بولسىمۇ توختاپ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئاز مىقداردا بولسىمۇ يېمەكلىك ئىستېمال قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىر قىسىم ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا سۇنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىپ، قايناپ تاشقان روھىي ۋە جىسمانىي كۈچىنى ساقلاپ، ئىككىنچى قېتىملىق تۇغۇتقا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.

چوڭ-كىچىك تەرەتتە 

تۇغۇتى يېقىنلاشقاندىن كېيىن تۇغۇتلۇق ئاياللار سۈيدۈك چىقىرىشقا دىققەت قىلىشى، ئادەتتە ئىككى سائەتتىن تۆت سائەت بولغۇچە بىر قېتىم تەرەت قىلىپ كۆپۈپ كەتكەن دوۋسۇننىڭ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى ۋە ھامىلىنىڭ دەسلەپ كۆرۈنگەن قىسمى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئەگەر تۇغۇتلۇق ئاياللاردا كىچىك تەرەت قىلغاندا، قىينىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دوختۇرغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش؛ دوختۇر باش داس ماس كەلمەسلىك ئەھۋالى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى، زۆرۈر تېپىلغاندا سۈيدۈك كاتتېرى بىلەن سۈيدۈك ماڭدۇرۇلۇشى كېرەك. بىراق تۇغۇتلۇق ئاياللار كىچىك تەرەتنىڭ كېلىشى قىيىن بولۇش سەۋەبلىك ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق كېرەك.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا، ئەگەر بالىياتقۇ تارىيىپ، چوڭ تەرەت كېلىدىغاندەك تەسىر بولسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالغاندىن كېيىن، بىر ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا چوڭ تەرەت قىلىش. زوڭزايغان ۋاقىت ئۇزىراپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بالىياتقۇ بوينى ئىششىپ كېتىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلمىغان بولسا، تۇغۇتلۇق ئاياللاردا قايتا-قايتا چوڭ تەرەت كەلگەندەك تۇيغۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دوختۇر سەۋەبنى تەكشۈرۈپ، مەقئەتنىڭ غىدىقلىنىشى سەۋەبلىكمۇ ياكى بالىياتقۇ ئورنى توغرا ئەمەسمۇ تېپىپ چىقىش. بىراق قايسى خىل سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بالىياتقۇ ئاغزى تولۇق ئېچىلمىغان ۋاقىتتا بالدۇر نەپەس ئالماسلىق، زوڭزىيىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك. بولمىسا بالىياتقۇ بوينى ئىششىپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تۇغۇت جەريانىغا تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلىپ بولغان بولسا، تۇغۇتلۇق ئاياللار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بالىياتقۇ تارايغان ۋاقىتتا نەپەس ئالماي چوڭ تەرەت قىلغاندەك تۆۋەنگە كۈچىنىشى بۇ ۋاقىتتا تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەرگىز ئۆزى كارىۋاتتىن چۈشۈپ، چوڭ تەرەت قىلماسلىقى، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئەمەلىيەتتە داس سۆڭەكنىڭ ھەرىكىتى ئېلاستىكلىققا ئىگە بولۇپ، ئەڭ ئۈنۈملۈكى يەنىلا «زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش» دىن ئىبارەت. بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ بالا تۇغۇشى ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ سەۋەبى دائىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، دەريا بويىدا كىر يۇغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئەڭ ياخشى ھەرىكەت. ھازىرقى زاماندا كىشىلەر ئۇنداق دەريا بويىغا بېرىپ كىر يۇمايدىغان بولدى، بىراق ئىشىڭىز يوق ۋاقىتتا تام تۈۋىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرسىڭىز، بالىڭىزنى خېلى ئوڭاي تۇغالايسىز.

بالا تۇغۇش بىلەن داس سۆڭەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە بالىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر، بوۋاق چوڭ بولسا، داس سۆڭەك نورمال بولغان ھالەتتىمۇ، تۇغۇت قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، بالا كىچىك بولۇپ، داس سۆڭەكمۇ كىچىك بولسا، تۇغۇت يەنە قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. داس سۆڭەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلىنى، تۇغۇتتىن بۇرۇن تەكشۈرتۈپ، داس سۆڭەككە قارىتا دەسلەپكى قەدەمدىكى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#