ماركىلىق كومپيۇتېر

ماركىلىق كومپيۇتېر ۋە قۇراشتۇرما كومپيۇتېر

ماركىلىق كومپيۇتېر دېگىنى مۇنداقچە ئېيتسا ئىسم–فامىلىسى بار كومپيۇتېر. يەنى بازاردا سېتىلىۋاتقان IBM  ،HP  ،DELL  ، ليەنشياڭ دېگەندەك كومپيۇتېرلار ماركىلىق كومپيۇتېرلار.

ئۇيغۇرچە نامى ماركىلىق كومپيۇتېر
خەنزۇچە نامى 品牌机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماركىلىق كومپيۇتېركومپيۇتېر ئالماقچى بولۇپ، كومپيۇتېر شەھەرچىسىگە بارغاندا، ئالدى بىلەن ئاڭلايدىغىنى «ماركىلىق كومپيۇتېر ئالامسە ياكى قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ئالامسەن؟» دېگەندىن ئىبارەت.

ئادەتتە كومپيۇتېر بىلەن ئانچە ھەپىلەشمەيدىغان كىشلەر بۇنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا ماركىلىق كومپيۇتېر بىلەن قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ھەر قايسىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكى بار؟ 

ماركىلىق كومپيۇتېر دېگىنى مۇنداقچە ئېيتسا ئىسم–فامىلىسى بار كومپيۇتېر. يەنى بازاردا سېتىلىۋاتقان IBM ،HP ،DELL ، ليەنشياڭ دېگەندەك كومپيۇتېرلار ماركىلىق كومپيۇتېر بولۇپ، بۇ كومپيۇتېرلار پۈتۈنلەي تەييار قۇراشتۇرۇلغان ھالەتتە سېتىلىدۇ. سېتىۋالغۇچى ياكى سېتىپ بەرگۈچى بۇ كومپيۇتېرلارنىڭ زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ. پەقەت ئۆيگە ئاپىرىپ، توك سىملىرىنى چېتىپلا ئىشلەتسە بولىدۇ.

قۇراشتۇرما كومپيۇتېرقۇراشتۇرما كومپيۇتېر بولسا، CPU ، ئاساسى تاختا، قاتتىق دىسكا، كۆرسىتىش كارتىسى، ئىچكى ساقلىغۇچ، ئېكران قاتارلىقلارنى ئايرىم– ئايرىم سېتىۋىلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ياكى سېتىپ بەرگۈچى قۇراشتۇرۇپ بېرىدىغان كومپيۇتېر.

ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى

1. كۆپ قېسىم ماركىلىق كومپيۇتېرلاردا سىزگە ھەقىقىي نۇسخىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە باشقا بىر قانچە خىل يۇمشاق دېتاللارنى قوشۇپ بېرىدۇ. بىلۋېلىش كېرەككى ھەقىقى نۇسخىدىكى Windows XP  ياكى 7  Windows مەشغۇلات سىستېمىسى بولسۇن، بۇلارنىڭ تەننەرقى خېلى يۇقىرى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆلىتىمىز بارلىق قانۇنسىز، ئوغرى نەشىردىكى سىستېمىلارنى چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويسا، ئۇچاغدا ھەممە ئادەم ھەقىقىي نەشىردىكى Windows ياكى ھەقسىز نەشىردىكى باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا كۆچۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقىي نەشىرىدىكى سىستېما ئىشلەتسە، ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. 

2. ئاۋارىچىلىقى يوق. ماركىلىق كومپيۇتېرنى شۇ پېتى ئۆيگە  ئاپىرىپ،  توك سىملىرىنى ئۇلاپ ئىشلەتسد بولىدۇ. باشقىچە تەڭشەش ھاجەتسىز.

كومپيۇتېر3. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى تولۇق. ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىدىن بىرسى ئۇنىڭ سېتىشىتىن كېيىن ئۈچ يىللىق (كۆپ قىسىم ماركىلىق كومپيۇتېرلار شۇنداق) مۇلازىمىتىنىڭ بولغانلىقىدا. بۇ مۇلازىمەت يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى ۋە قاتتىق دېتال مۇلازىمىتىنى (قاتتىق دېتال مۇلازىمىتىنىڭ ۋاقتى زاپچاسلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سېتىشتىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەرياندا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

4. ئىجتىمائىي تەسىرى. ئىجتىمائىي تەسىرى دىگەندە بۇنىڭ باشقا ئىقتىساد ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكىدەك كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئەمەلىي تەسىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. 

قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى 

1. زاپچاسلارنى ئىختىيارىي تاللىغىلى بولىدۇ. يەنى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلىسە بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر كومپيۇتېردا چوڭ ئويۇنلارنى ئوينىماقچى بولغاندا، كومپىيۇتېرنىڭ CPU بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش، ئىقتىدارى ياخشىراقنى تاللىشىڭىز كېرەك.

2. زاپچاسلارنى يىڭىلاش، ئۆزگەرتىش ناھايىتى قولايلىق. ئەگەر كومپيۇتېرنىڭ زاپچاسلىرىنى شۇ خىلدىكى زاپچاسنىڭ يېڭى چىققان، ئىقتىدارى ئۆزىڭىزنىڭكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان زاپچاسقا ئالماشتۇرماقچى بولغاندا، ئالماشتۇرۇش ناھايىتى قۇلايلىق بولۇپلا قالماي يەنە كېيىن باشقىچە زاپچاسلارنى قوشۇشمۇ ناھايىتى ئاسان. مەسىلەن، كومپيۇتېر ئالغاندا 3500 يۈەننى كۆزلەپ بارغاندا، ئەمما تاللىغىنى 4000 يۈەن بولۇپ كەتكەن بولسا، شۇ ۋاقتتا 3500 يۈەنگە لايىق زاپچاسلار بىلەن كومپيۇتېرنى قۇراشتۇرۇپ تۇرۇپ، كېينچە  بەزى زاپچاسلارنى (مەسىلەن، كۆرسىتىش كارتىسى، ئىچكى ساقلىغۇچ، دىسكا ئويغۇچ دېگەندەكلەر) ئايرىم سېتىۋىلىپ سېلىۋالسا بولىدۇ.

3. باھاسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى يۇقىرى. مەلۇم ماركىدىكى ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى بىلەن ئوخشاش بولغان سەپلىمىدە بىر كومپيۇتېر قۇراشتۇرسا، قۇراشتۇرغان كومپىيۇتېرنىڭ ماركىلىق كومپيۇتېردىن خېلىلا ئەرزان توختىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. 

ماركىلىق كومپيۇتېر ۋە قۇراشتۇرما كومپيۇتېرئازراق پۇل خەجلەپ، ئىقتىدارى يۇقىرىراق كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بولغاندا، قۇراشتۇرما كومپيۇتېر سېتىۋىلىش. ھازىر قۇراشتۇرما كومپيۇتېرلارنىڭمۇ ماركىلىق كومپىيۇتېرلار بىلەن ئوخشاش دىگۈدەك سېتىشتىن كېيىن بىر يىللىق مۇلازىمىتى بار. زاپچاسلاردا بۇرۇنقىدەك قاتتىق دېتاللىرى ئـۆز ئارا ماسلاشماسلىق ھـادىسسىلىرى ناھايىتتى ئاز كۆرۈلىدۇ.

قاتتىق دېتال جەھەتتە ئازراق بىلىم بولسا كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ئانچە–مۇنچە قۇراشتۇرالىغاندا قۇراشتۇرما كومپيۇتېر سېتىۋىلىش. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سان

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#