ئېدىنبۇرگ
ئېدىنبۇرگ ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر. شوتلاندىيىنىڭ مەركىزى، ئېدىنبۇرگ فوس قولتۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر. شوتلاندىيىنىڭ مەركىزى، ئېدىنبۇرگ فوس قولتۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ شەھەر 617-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 1329-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان، 1437-يىلدىن 1707-يىلغىچە شوتلاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. ئېدىنبۇرگنىڭ مەيدانى 264 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئېدىنبۇرگ شوتلاندىيىنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جاينىڭ قەغەز، نەشرىياتچىلىق سانائىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. ئۇنىڭدىن باشقا كېمىسازلىق، خىمىيە، ئېلېكترون، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، ئەينەك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئېدىنبۇرگ ئەنگلىيىنىڭ ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ، 18-ئەسىردە ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، پەلسەپە، ئىلىم-پەن مەركىزى بولغان. بۇ جايدا 1583-يىلى قۇرۇلغان ئېدىنبۇرگ داشۆسى قاتارلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ، كونا شەھەر خارابىلىرى، چېركاۋلار، خان سارىيى، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى ئېدىنبۇرگ پادىشاھ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، ھەرخىل خاتىرە مۇنارلىرى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مەشھۇر ساياھەت ۋە دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.