قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1000 يىلدىن ئاشقان قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقى ئويلىمىغان يەردىن يەنە بىخلىنالىغان. بۇ جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرى بايقىغان مۆجىزە. 1952

-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنجىن ناھىيىسىنىڭ شىپاۋزى سازلىقىدا1 −2 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تورف قاتلىمىدىن بىرقىسىم قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقلىرىنى قېزىۋالغان. ئۇلارنىڭ سىرتقى پوستى ناھايىتى قاتتىقلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈنلەي تۆمۈر شارىكلارغا ئايلىنىپ كەتكەن. 1953-يىلى ئالىملار قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقىنى20 ئايغىچە سۇغا چىلاپ كۆزەتكەن بولسىمۇ يەنىلا بىخلىنىپ چىقالمىغان. كېيىن، ئۇلار نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ سىرتقى شاكىلىغا تۆشۈكچە ئاچقان ياكى ئىككى بېشىنى سۈركەپ1 −2 مىللىمېتىر ئۇپرىتىۋەتكەندىن كېيىن، سۇدا ئۆستۈرۈپ كۆزەتكەن. نەتىجىدە، ئىككى كۈندىن كېيىن قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقىدىن يۇمران ھەم يېشىل مايسا ئۆسۈپ چىققان، بىخلىنىش نىسبىتى %96 كە يەتكەن.

كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە، بۇ قەدىمكى نېلۇپەرلەر1955-يىلى يازدا چېچەكلەپ سۇس قىزىل رەڭلىك نېلۇپەر گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان. قەدىمكى نېلۇپەرنىڭ يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان نېلۇپەرگە ئوخشاشلا بولغان، پەقەت غۇنچىسى ئۇزۇنراق، گۈل رەڭگى قېنىقراق بولغان. بۇ قەدىمكى نېلۇپەر كېيىن مېۋىلىگەن.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆلچەپ ئېنىقلىشى ئارقىلىق بۇ قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن830 ~1250 ياش ئارىلىقىدا ئىكەنلىكى، دۇنيادىكى ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇق ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ1000 يىلغىچە ھايات تۇرۇشى، بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ قېزىۋېلىنغانغا قەدەر تورف قاتلىمىدا كۆمۈلۈپ تۇرغانلىقى، يەر ئاستىدىكى تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن، تۆت پەسىل ئۆزگىرىشى ئاز بولىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن بولسا، يەنە بىرتەرەپتىن، قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ سىرتىدا بىر قەۋەت قاتتىق شاكىلى بولغانلىقى، سىرتقى ئېپىدېرمىسىدا رېشاتكىسىمان ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن قاتتىق ئارىلىق قەۋەت بارلىقى، ھۈجەيرە پوستى سېللۇلوزىدىن تۈزۈلگەنلىكى، سۇ ۋە ھاۋانىڭ ئىچىگە سىرغىپ كىرىشى ۋە سىرتقا چىقىپ كېتىشىدىن تولۇق ساقلىنالايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن بولغان. نېلۇپەر ئۇرۇقىدا يەنە بىر كىچىك ھاۋاخانىسى بولۇپ، ئىچىدە تەخمىنەن2.0 كۇب مىللىمېتىر ھاۋا زاپاس ساقلانغان. مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ھاياتنى ساقلاپ قېلىشتا ناھايىتى زۆرۈر بولغان. قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقى تەركىبىدىكى سۇمۇ ئىنتايىن ئاز، پەقەت %12 لا بولىدۇ، بۇنداق قۇرغاق، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە ھىم ئېتىلگەن شارائىت ئاستىدىكى قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇخلاش ھالىتىدە ياشىغان. شۇڭا، 1000 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمىغان. 

قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ ئۇخلىشى، تۈرىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە كېلىپ چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ. قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ شاكىلىنىڭ تۈزۈلۈشىگە تەقلىد قىلىپ ئاشلىق ئامبارلىرىنى لايىھىلەپ چىقىپ، ئاشلىق ۋە باشقا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ساقلاشقىمۇ بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#