سان مارتىن

سان مارتىن لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى بولۇپ، بولىۋار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سان مارتىن
باشقا نامى 圣马丁
تۇغۇلغان ۋاقتى 1778-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى
كەسپى ھەربىي ئالىم، سىياسىئون
خەنزۇچە ئىسمى 何塞·弗朗西斯科·德·圣马丁·马托拉斯
يۇرتى ئارگېنتىنا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1850-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
چەتئەلچە نامى José Francisco de San Martín Matorras

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سان مارتىن (1778-1850-يىللار) ئارگېنتىنادا تۇغۇلغان، ياش ۋاقتىدا ئىسپانىيە ئارمىيەسىدە 22 يىلدەك ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، مول ئۇرۇش تەجرىبىسى توپلىغان. 1810-يىلى ئارگېنتىنادا ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، ۋەتىنىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، دەرھال ئارگېنتىناغا قايتىپ كەلگەن. 

ئەينى چاغدا ئارگېنتىنانىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، غالجىرلاشقان ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيەسى جېنىنىڭ بارىچە تىركىشىۋاتقاچقا، مۇستەقىللىقتىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت ئىدى. سان مارتىن بۇيرۇققا بىنائەن، بىر ئاتلىق پولك تەشكىللەپ، ئەسكەرلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىپ ھەمدە ئۇلارنى قاتتىق مەشىقلەندۈرۈپ، بۇ پولكنى قالتىس جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندۇرغان. ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا سان مارتىن باشلامچىلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتكەن. بىر قېتىملىق كەسكىن جەڭدە، ئۇنىڭ ئېتى ئوق تېگىپ يىقىلغان، سان مارتىننىڭ بىر پۇتى ئاتنىڭ تېگىدە قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان، شۇنداقتىمۇ تاكى دۈشمەننى مەغلۇپ قىلغانغا قەدەر جەڭگە قوماندانلىق قىلغان.

سان مارتىن ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى باشقا دۆلەتلەر ئازاد بولغاندىلا، ئاندىن ئارگېنتىنانىڭ مۇستەقىللىقى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىغان. 1817-يىلى، ئۇ قوشۇننى باشلاپ «ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ شانلىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ بىرى» دەپ ئاتالغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ، قاتتىق سوغۇققا قارىماي، قار-مۇز بىلەن قاپلانغان خەتەرلىك ئاندىس تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، چىلىنى ئازاد قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي پېرۇغا يۈرۈش قىلىپ بىرمۇنچە زېمىننى ئازد قىلغان. ئۇ ئۇرۇش داۋامىدا قۇللارنى ئازاد قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، نېگىرلار ۋە ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەردىن تۇغۇلغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئارمىيەگە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان، شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سان مارتىن رەھبەرلىكىدىكى ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى بولۇپ قالغان.

ئارقا-ئارقىدىن قولغا كېلىۋاتقان غەلىبە-نۇسرەتلەر ئالدىدا، سان مارتىن مەغرۇرلۇقتىن ساقلىنىپ، شان-شەرەپنىڭ ھەممىسىنى باتۇرانە جەڭ قىلغان بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەرگە مەنسۇپ قىلغان. چىلى خەلقى دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا بېرىشنى قارار قىلغاندا، ئۇ زادىلا ئۇنىماي تۇرۇۋالغان. سان مارتىننىڭ چىلىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، چىلى خەلقى بىر خالتا ئالتۇن سوۋغا قىلغاندا، سان مارتىن ئالتۇننىڭ ھەممىسىنى سانتياگو شەھىرىدە دۆلەتلىك كۇتۇپخانا سېلىشقا ئىشلەتكەن. پېرو ئازاد بولغاندىن كېيىن، پېرو خەلقى ئۇنى دۆلەتنىڭ يېڭى داھىيلىقىغا كۆرسەتكەن، ئۇ باشتا قوشۇلماي تۇرۇۋالغان، كېيىن پۈتكۈل پېرو ئازاد بولغۇچە دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ماقۇل كەلگەن. لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدا ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاز قالغان پەيتتە، ئۇ بولىۋار بىلەن كۆرۈشۈپ، چوڭ-چوڭ ئىشلار ئۈستىدە كېڭەشكەن، ئەمما ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، سان مارتىن كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، بۆلۈنۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دادىللىق بىلەن جىمى ھوقۇقىدىن ئىستېپا بېرىپ، ھېچقانداق داۋراڭ سالماي، ۋەتىنى ئارگېنتىناغا قايتىپ كەتكەن، كېيىن يەنە چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن.

1850-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن فرانسىيە دە ۋاپات بولغان. ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدا: «ماڭا ھەرقانداق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ يۈرمەڭلار، مەن پەقەت ۋەتىنىمگە دەپنە قىلىنىشنىلا ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان. 1878-يىلى ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ جەسەت كۈلىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىپ، بۇئېنوس ئايرېستىكى چوڭ چېركاۋ يېنىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#