قان ئېلىش

قان ئېلىپ كېسەل داۋالاش

مەلۇم مىقداردىكى قاننى ئىختىيارى ھالدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئارقىلىق بىر قىسىم كېسەللەرنى داۋالاشتا قوللىنىدىغان تېخنىكىلىق بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قانقان ئېلىش - مەخسۇس تىغلىق ئەسۋاب ياكى ھاشارات (زۇلۈك قۇرتى)نىڭ ياردىمى بىلەن بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدىكى ۋېنا قان تومۇرىنىڭ پۈتۈنلۇكىنى بۇزۇپ، مەلۇم مىقداردىكى قاننى ئىختىيارى ھالدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئارقىلىق بىر قىسىم كېسەللەرنى داۋالاشتا قوللىنىدىغان تېخنىكىلىق بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، دەسلەپتە بەزى ھۆكۈمالار « قان ئىنساننىڭ ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددا ، شۇنىڭ ئۇچۇن قان ئېلىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس » دەپ قارىغان . لېكىن ، كېيىنكى زامانلارغا كەلگەندە قان ئېلىشنىڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشتىكى رولىنى تونۇپ يېتىپ ، داۋالاش ئۇسۇللىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. ھەمدە ، قان خىلىتى نورمال مىقداردىن ئېشىپ كەتكەندە ياكى سۈپىتى ئۆزگىرىپ بۇزۇلغاندا ياكى قان بۇزۇلۇپ خەتەرلىك كېسەللىكلەر يۈز بېرىشنىڭ خەۋپى توغۇلغاندا قان ئېلىش زۆرۇر دەپ ئوتتۇرىغا قويغان . يەنە يېقىندىن بېرى بەزى تېببىي خادىملار ئارىسىدا قان ئېلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا غۇلغۇلا پەيدا بولۇپ ، قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى كىلىنك داۋالاش ئەمەلىيىتىدە كۆپ قوللىنىلمايدىغان بولۇپ قالدى، بەزى تەرەققىي قىلغان داۋالاش ئورۇنلىرىدا قان سۈزۈش سايمانلىرى ئارقىلىق قان پاكىزلاش ، قان يۆتكەش ، قان تەقدىم قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق دېگەندەك تەرغىباتلار مەيدانغا چىقتى، قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە يەنىمۇ تەتقىققاتنى قانات يايدۇرۇپ ئۇنىڭ كىلىنكىدىكى ئەھمىيتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىۋېلشمىزغا توغرا كېلىدۇ .

قان ئېلىش قان ئېلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .

1) قان ئېلىش قان خىلىتىنىڭ نورمال مىقداردىن ئېشىپ كەتكەندە ياكى قان خىلىتىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ خەۋپلىك بىر خىل كېسەللىك يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغاندا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، قان ئالغاندا قان تومۇر ئىچىدىكى باشقا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارمۇ چىقىرىلغاچقا، ئورگانىزمنى كېسەللىك ماددىلىرىدىن تازىلاش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەسىرىنى بىرەلەيدۇ . 2) ئىچكى ئەزالار ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر يۈز بەرگەندە ۋە يۈرەكنىڭ كۆتۇرۈش كۈچى ئېشىپ كەتكەندە قان ئېلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردىكى قان چىقىرىۋېتىلگەندە ئارتۇق ماددىلار بەدەندىن تازىلىنىپ يۇرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەشتۈرگىلى بولىدۇ .

3) قان ئېلىش ئىختىيارى ئىستفراغ بولۇپ قانچىلىك قان ئېلىش زۆرۈر بولسا شۇنچىلىك چىقىرىشقا بولىدۇ . قاچان توختىتىشقا توغرا كەلسە شۇ ۋاقىتتا توختاتقىلى بولىدۇ . ئەمما. باشقا خىلىتىلارنى سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ماددىنى پىشۇرۇپ ئاندىن كېيىن سۈرگە بېرىلىدۇ . سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن سۈرگە دورىسى بەرگەندە ئىچى كۆپ سۈرۈپ كەتسە، توختىتىش قىيىن. ئەگەر مەجبۇرىي ھالدا ئىچى سۈرۇش توختىتىلسا ، بەدەنگە زىيانلىق، قان ئېلىشتا ماددىنى پىشۇرۇش ھاجەتسىز.

1. نەشتەر ئارقىلىق قان تومۇر پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇپ قان ئېلىش نەشتەر ئارقىلىق ۋېنا قان تومۇرىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ پۇتۈنلۇكنى بۇزۇپ مەلۇم مىقداردىكى قاننى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ . قان كېسەل داۋلاشتا ئاساسەن مۇشۇ خىل ئۇسۇلى كۆپ قوللىنىلىدۇ . ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك كىتابلىرىدا «بۇ خىل قان ئېلىش ئۇسۇلىنى ئەڭ ياخشىسى ئەتىياز پەسلى شۇنداقلا ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە قوللىنىش ئەڭ مۇۋاپىق. قان ئالماقچى بولغان بىمارنىڭ قورسىقى توق ، بەدىنى كۈچلۈك بولۇشى ، كېسەلنىڭ باشلىنىش باسقۇچى ۋە تەرەققىي قىلىش باسقۇچى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت ئەڭ مۇۋاپىق» دەپ كۆرسەتكەن. مەسىلەن، بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بېماردىن قان ئالغاندا، بەزگەك تۇتۇش نۆۋىتى ئاياغلاشقاندا، قان ئېلىش كېرەك. ئەگەر قان خىلىتىدىن بولغان بەزگەك بولسا دەسلەپتە ئاز، كېيىنچە كۆپرەك ئېلىش كېرەك .

 2. زۈلۈك قۇرتىغا قان شورۇتۇش ئارقىلىق قان ئېلىش زۈلۈك قۇرتى ئوزۇنلۇقى تەخمىنەن بەش ىىانتېمېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ، سۆسۈن رەڭلىك، كۆپ بوغۇملۇق ئۆمىلەيدىغان كىچىك جانىۋار بولۇپ ، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە شورىغۇچىلىرى بولىدۇ. ئافرىقا، ھېندىستان قاتارلىق ئىسسىق بەلۋاغلاردىكى ئېتىزلاردا ئۇچرايۇ . ئۇ دائىم كىشىلەر پاچىقىغا چاپلىشىۋېلىپ سورىغۇچىسى ئارقىلىق قان شورىغانلىقتىن يەرلىك دېھقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنى بىلىدۇ . زۈلۈك ئارقىلىق قان شۇرۇتۇش قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، زۈلۈك قۇرتىنى ئادەم بەدىنىنىڭ مۇناسىپ ئورنىغا قويغاندىن كېيىن زۈلۈك قۇرتى بەدەننى ئۆمىلەپ يۈرۈپ قان ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇندىن قان شورايدۇ ۋە ياكى بىرەر زەخىمىلەنگەن جاي ياكى يارا ئېغىزىدىكى چىقىپ بولغان بۈزۇق قانلارنى شوراپ تويۇنغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇ، زۈلۈك قۇرتى قان شوراشتىن ئىلگىرى ئېغىزىدىن بىر خىل شۆلگەي سۇيۇقلۇقنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل شۆلگەي سۇيۇقلۇقنىڭ يەرلىك ئورۇننى تازىلاش ھەم ئاغرىق پەسەيتىپ تىنچلاندۇرۇش رولى بولغاچقا زۈلاك زۈلۈك قۇرتى قان شورىغاندا يەرلىك ئورۇن ئاغرىمايدۇ ھەم قان شورىغان جاي يۇقۇملىنىپ قالمايدۇ . زۈلۈك قۇرتىنىڭ تېنى كىچىك بولۇپ ، ئۇ بوزۇق قانلارنى ئۆزىگە ئوزۇقلۇق قىلىدىغان جانىۋار بولغاچقا ، بەدەندىكى جاراھەتلەردىن ، ئەگەر جاراھەت ئېغىزى بولمىسا ساق ئورۇنلاردىنمۇ بوزۇق قانلارنى ئاساس قىلىپ شوراپ تويىنىدۇ . ئۇنىڭ نېنى كىچىك بولغان بىلەن ئۇنىڭ بوزۇق قانلارغا بولغان ئىشتىھاسى چوڭ . چۈنكى ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىدا نۇرغۇن سوقۇر خالتىلىرى بولۇپ ، كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ساقلىيالايدۇ . ئۇ بىر قېتىم قان شورىۋالغاندىن كېيىن بىر يىل ھبچنىمە يېمىسىمۇ ئۆلمەيدۇ ، ئۇنىڭ شۆلگىيى تەركىبىدە خىروئىن ماددىسى بولۇپ قاننىڭ ئويۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . زۈلۈك بىر تەرەپتىن قان شوراپ ، بىر تەرەپتىن شۆلگەي چىقارغاچقا قان ئويۇپ، قېتىشىپ قالمايدۇ .شىۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قاننى تويۇنغانغا قەدەر شورايدۇ . زۈلۈك قۇرتى قان شوراش ئارقىلىق يارا، جاراھەتلەردىن چىقىپ تۇرىدىغان بوزۇق قان، مىقدلاريىرىڭلارنى تازلاپ يارا جاراھەتلەت ساقىيىشىنى تبزلەشتۈرىدۇ،ساق تېرىلەردىن بۇزۇق قانلارنى شورىشى قان خىلىتىنىڭ مىقدار جەھەتتىن ئېشىپ كىتىشىدىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەر گە پايدىلىق .

 قان ئېلىپ داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر قان خىلىتىنىڭ نورمال مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان كۆز ئاغرىقى ، چىش ئاغرىقى، باش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى ، بۇرۇن ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى ، جىگەر ياللۇغى، تال چوڭىيىش، ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى، ئۈچەي ياللۇغى، بوۋاسىر، بالىيانقۇ ئىششىقى، بالىياتقۇ ياللۇغى ، ھەيز ئاز ياكى كۆپ كېلىش، ھەيز تۇتۇلۇش ، ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە قان ئېلىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق كېلىدۇ .

1) قان ئېلىشتا بىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن ئارتېرىيەتومۇردىن قان ئېلىش قەتئىي بولمايدۈ. ئەگەر خاتا ھالدا ئارتېرىيە تومۇرىدىن قان ئېلىنىپ قالغانلىقى سېزىلىپ قالسا دەرھال توختىتىش لازىم. ئارتېرىيە تومۇرىدىن چىققان قاننىڭ بەلگىسى شۇكى، قان سۈزۈك بولۇپ ئېتىلىپ چىقىدۈ، بىمارنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ . ئېغىر بولغاندا ھۇشسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغلاردا تومۇر ئېغىزىنى دەرھال تېڭىپ بىمارنىڭ ياستۇقىنى ئېگىز قويۇپ ياتقۇزۇش، بىر نەچچە كۈن بېمارنى ھەرىكەتلەندۈرمەسلىك لازىم .

2) قان ئالغۇچى تېۋىپ ئۆزى بىلەن بىللە دائىم ئىپار ۋە مەجۇنى داۋا ئىمىشكى ئېلىپ يۈرۈش كېرەك . ئەگەر قان ئېلىنغان بىمارلاردا ھۇشسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ، ئىپارنى پۇرىتىش ۋە داۋا ئىمىشكىنى ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك .

 3) قان ئېلىشتىن بۇرۇن بىمارغا لىمون شەربىتى ، ئانار سۈيى ، گۇلاپ ۋە ئانار شەربىتىنى مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ، بىمارغا بىرىلسە قان ئېلىشتا يۈز بېرىدىغان مۇرەككەپ ئەھۋاللار (ئايلىنىپ كېتىش، كۆڭلى ئېلىشىش ، باش قېيىش)دىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

4) بىمار قان ئېلىش جەريانىدا يېقىمسىزلىق ھېس قىلسا ياكى ھوشىدىن كېتىش بەلگىلىرى كۆرۈلسە، بىمارنىڭ گېلىنى بارماق ياكى پاكىز توخۇ پېيى بىلەن غىدىقلاپ قۇستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ .

 5) قان ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بىمارغا ئاسان ھەزىم بولىدىغان لەتىپ غىزالار بېرىلىدۇ .

6) قان ئالىدىغان نەشتەرنىڭ پاكىز بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . ئىمكانكدەر ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئاندىن ئىشلىتىش ، ئەگەر تومۇر زەخىملەنسە ، زەخىمىنى پۈتتۈرگۈچى دورىلارنى ئۈستىدىنپاكىز داكا بىلەن تېڭىپ كۈندە بىر قېتىم تېڭىق ئالماشتۇرۇش كېرەك . 7) قىزىتمىلىق كبسەللىكلەردە قىزىتما يۇقىرى مەزگىلدە ، جىددىي كېسەللىكلەردە ، ئىچى سۈرۈ ۋاتقان كېسەللەردە، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكتىن كېيىنلا ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن، ئۇيقۇدىن كېيىن ياكى مۈگىدەپ تۇرغان ۋاقىت قاتارلىقلاردا ، 60 ياشتىن يۇقىرى كېشىلەر، 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋە ھەيز كۆرۈۋاتقان ئاياللاردىن قان ئېلىشقا بولمايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1118

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#