توماس ترانسترومېر

توماس ترانسترومېر

توماس ترانسترومېر 1931- يىلى 4 - ئاينىڭ 15- كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا تۇغۇلغان، شىۋېتسىيەنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە داڭلىق شائىرى، شۇنداقلا خەلقئارا شېئىرىيەت مۇنبىرىدە زور شۆھرەتكە ئىگە مەشھۇر شائىر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىر پىسخولوگ ۋە تەرجىمان. توماس تىرانسترومېر ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان سىمۋولىزم ۋە ھالقىما رېئالىزم پېشۋاسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى توماس ترانسترومېر
دۆلەت تەۋەلىكى شۋېتسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1931- يىلى 4 - ئاينىڭ 15- كۈنى
كەسپى شائىر، پىسخولوگ، تەرجىمان
ئىنگلىزچە نامى Tomas Transtromer
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托马斯·特兰斯特勒默
يۇرتى شۋېتسىيە ستوكھولىم
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى سىتوكھولم ئۇنۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توماس ترانسترومېر 1931- يىلى 4 - ئاينىڭ 15- كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا تۇغۇلغان، شىۋېتسىيەنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە داڭلىق شائىرى، شۇنداقلا خەلقئارا شېئىرىيەت مۇنبىرىدە زور شۆھرەتكە ئىگە مەشھۇر شائىر،  پىسخولوگ ۋە تەرجىمان.

توماس تىرانسترومېر 1954- يىلى نەشر قىلىنغان تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «71 شېئىر» بىلەن شىۋېتسىيە شېئىرىيەت مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سالغان.ھازىرغىچە ( 2013 -يىلىغىچە ) 200 پارچىدىن ئارتۇق  شېئىرى بار . كۆپ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ئاخىر 2011 - يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، سەۋەب شۇكى « ئۇ چۈچۈك، ئىخچام، ئوبرازلىق، يېڭى قاراش بىلەن رېئاللىق ئېلىپ كەلگەن ». توماس تۇرمۇشتىن پايدىلىنىشقا ئالاھىدە ماھىر بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن باشلاپ، ئورگانىك ماددىلار بىلەن ئىلمىينى بىرلەشتۈرۈپ شېئىر يازغان، ئۇنى كەسكىن ھېسسىيات پارازىت - يىلى تىنچ يېزىقلار ئىچىدە، ھازىرقى زامان ياۋرۇپا شېئىرىيەت ساھەسىدە ئەڭ مەشھۇر سىمۋولىزم ۋە ھالقىما رېئالىزملىق پىرى  دەپ تەرىپلەنگەن.

توماس ترانسترومېرنىڭ دادىسى بىر مۇخبىر، ئاپىسى بىر ئوقۇتقۇچى،ئاتا-ئانىسى ئاجراشقاندىن كىيىن ئۇ ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرغان. دەسلەپتە ئۇ تەبىئەت ئالىمى ۋە ئارخېئولوگ بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان.

توماس ترانسترومېر1956- يىلى سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىنى پۈتكۈزۈپ باكلاۋۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان ھەمدە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ھايات كەچۈرمىشى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، تاكى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەش ئورنى ۋە پاراۋانلىق تارماقلىرىدا پىسخولوگ بولۇپ ئىشلىگەن.

1965 - يىلى ئۇ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە ستوكھولمنىڭ غەربىدىكى 40 كىلومېتر يىراقلىقتىكى كىچىك شەھەر ۋەستېروسقا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ شۇ يەردە  يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولغان، ھەتتا 1997- يىلى شۇ جايدا ھۆكۈمەت قۇرۇلغان، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تېلان ترانسترومېر ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلغان.

 توماس ترانسترومېر شېئىر ھاياتىنى ئوتتۇرا مەكتەپ چاغلىرىدىلا باشلىغان. شۇ چاغدا ئۇسىتىگىرامدا بىر لاتىن تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان.

 پۈتۈن ھاياتىدا 210 پارچە شېئىر يازغان.

1990 - يىلى ئۇنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۇنىڭ تىل ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە قايتا ئەسلىگە كەلگەن.

2002- يىلى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ « شېئىرلار توپلىمى » ئېلان قىلىش مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان.

2015- يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ 83 يېشىدا دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

شېئىرلار توپلىمى «71 شېئىر»، «سەپەردىكى سىر» (1958 - يىلى)، «كەمتۈك  ئاسمان» (1962 - يىلى)، «ئاۋاز ۋە ئىز» (1966 - يىلى)، «زۇلمەتتە نەزەر» (1970 - يىلى)، «بالتىق دېڭىزى» (1974 - يىلى)، «ھەقىقەتنىڭ توسالغۇسى» (1978 - يىلى)، «ياۋايىلىق مەيدانى» (1983 - يىلى)، «ئۆلۈكلەر ۋە تىرىكلەرگە» (1989 - يىلى)، «گوندالانىڭ ھەسرىتى» (1966 - يىلى)، «غايەت زور تېپىشماق» (2004 - يىلى) قاتارلىق ئون نەچچە پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى ئىنتايىن زىچ، ئۇ ناھايىتى ئاز خەت ئىنتايىن كۈچلۈك ھېسسىيات ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. نۇرغۇن باغلانما تەسەۋۋۇر ئۇسۇلىنى قوللانغان، ئۇنىڭ ئىشلەتكەن سۆزلىرى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ئۇنىڭ شېئىرلىرى 50- يىللاردىلا ياپونىيىنىڭ بىرخىل قسىقا مىسرالىق شېئىرى تەلىپىگە يەتكەن بۇ يەردە سۆز شېئىر تەركىبىي قىسمى ئەمەس، بەلكى بوغۇم.  قۇرۇلما جەھەتتە  باشتىلا جانلىق ئوخشىتىش ئىشلەتكەن ئۇنىڭ ئاتالغۇسى بىر قەدەر ئىللىق، ئەمما رىتىملىقى ناھايىتى كۈچلۈك، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مىسرالار ئارقىلىق ۋە باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئادەمنى جەلىپ قىلغان، مەزمۇن جەھەتتە تەبىئىي مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن.

شىۋېتسىيەلىك شائىر توماس تىرانسترومېر كۆپ قېتىم پېت كىلارك مۇكاپاتى، يول باشلىغۇچى مۇكاپاتى قاتارلىق تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە شان - شەرەپلەرگە نائىل بولغان، كۆپ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى بولۇپ سايلانغان.

2011-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

توماس ترانسترومېرشۋېتسىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي كاتىپى پىتىر ئا لۇڭدې : « ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى زور مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئۆلۈم ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلغان، تارىخى ئەسلىگەن، يەنە تەبىئەتنى ئەسلىگەن » دېگەن.

شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « بۇ بىر كىشىنى ئازابلايدىغان خەۋەر شىۋېتسىيەلىك شائىر توماس تىرانسترومېر ئاللىقاچان ئايرىلىپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەڭگۈ يوقالمايدۇ »

توماس تىرانسترومېر ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان سىمۋولىزم ۋە ھالقىما رېئالىزم پېشۋاسى بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم پېت كىلارك مۇكاپاتى، يول باشلىغۇچى مۇكاپاتى قاتارلىق تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە شان - شەرەپلەرگە نائىل بولغان، كۆپ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى بولۇپ سايلانغان. ئۇ 1990- يىلى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ يارتا پارالېچ بولۇپ قالغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شېئىر ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان، پۈتۈن ھاياتىدا 210 پارچە شېئىر يازغان. ئەسەرلىرى 1960 - يىللىرىدىلا ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە خەلقئارا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە دىققەتكە سازاۋەر بولغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بۈگۈنگە قەدەر نەچچە ئون خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

توماس تىرانسترومېر 1985 - يىلى 4 - ئايدا ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن ھەمدە بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان «شىۋېتسىيە شېئىرىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى»غا ئىشتىراك قىلغان. «چەت ئەل ئەدەبىيات - سەنئىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا شائىر بېيداۋ تەرجىمە قىلغان «دەرەخ ۋە ئاسمان»، «قارا تاغ»، «چىغىريول» قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان، خۇنەن خەلق نەشرىياتى قاتارلىق بىر نەچچە نەشرىياتتا شېئىر توپلاملىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تارىم ژۇرنىلى تورى

http://www.tarimweb.com/html/dunya/yazghuchi/tomas.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#