قار تېيىلىش

قار تېيىلىش

قار تېيىلىش ھەرىكىتى دالىدا قار تېيىلىش، پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش ۋە ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش دەپ بىرنەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ. دالىدا قار تېيىلىش شىمالىي ياۋروپادا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ شىمالىي ياۋروپا قار تېيىلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


ئۇيغۇرچە ئىسمى قار تېيىلىش
خەنزۇچە ئىسمى 滑雪

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قار تېيىلىش ھەرىكىتى دالىدا قار تېيىلىش، پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش ۋە ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش دەپ بىرنەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ. 

دالىدا قار تېيىلىش

دالىدا قار تېيىلىشدالىدا قار تېيىلىش شىمالىي ياۋروپادا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ شىمالىي ياۋروپا قار تېيىلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر چاڭغا بىلەن قار ھاسىسىغا تايىنىپ، بەلگىلەنگەن لىنىيە ۋە ئارىلىق بويىچە قارلىق تاغلاردا تېز سۈرئەتتە تېيىلىپ يۈگۈرىدۇ. ۋاقتى قىسقا بولغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئەرلەر 15 كىلومېتىر، 30 كىلومېتىر، 50 كىلومېتىر ۋە 10 ×4 كىلومېتىرلىق كۈچ ئۇلاش قاتارلىق يەتتە يەككە تۈرى بار. دالىدا قار تېيىلىش ئەڭ بالدۇر تۇرمۇشتا ۋە ھەربىي ئىشلاردا قوللىنىلغان. 1924-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 

پەشتاقتىن(سۇپىدىن) سەكرەپ قار تېيىلىش

پەشتاقتىن(سۇپىدىن) سەكرەپ قار تېيىلىشپەشتاقتىن(سۇپىدىن) سەكرەپ قار تېيىلىش ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ سەكرەپ تېيىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تەنھەرىكەتچى پۇتىغا مەخسۇس لايىھىلەنگەن قاردا تېيىلىش تاختىسىنى كىيىپ، سۇپىنىڭ ياردىمى بىلەن سەكرەپ قاردا تېيىلىدىغان بىر خىل تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، 70 مېتىرلىق سۇپا بىلەن 90 مېتىرلىق سۇپا دەپ ئىككى خىل يەككە تۈرى بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ قەدىمكى زاماندا نورۋېگىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ گۇناھكارلارنى جازالايدىغان بىر خىل رەھىمسىز جازاسى ئىكەن، گۇناھكارنىڭ ھەربىر پۇتىغا بىر پارچىدىن قار تاختىسى تېڭىپ، ئۇنى قارلىق تاغنىڭ ئۈستىدىن تۆۋەنگە ئىتتىرىۋېتىدىكەن، گۇناھكار تېيىلىپ قىيالىقنىڭ چوخچۇپ چىققان يېرىدىن ئۆتكەندە بەدىنى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، قايتىپ چۈشۈشىدە يەرگە يىقىلىپ ئۆلىدىكەن، ناۋادا ئۆلمەي قالسا قويۇپ بېرىلىدىكەن. بەزىبىر يۈرەكلىك ھەم پەملىك گۇناھكارلار قىيالىقتىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقاندا، ئەپچىللىك بىلەن قىيالىق باغرىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەنگە تېيىلىپ سوقۇلۇشنى پەسەيتىپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدىكەن. بۇ ھەرىكەت كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى زامان پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش ھەرىكىتىگە ئۆزگەرگەن. 1924-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 1972-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى يۇگوسلاۋىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 

پەشتاقنىڭ ياردەمچى تېيىلىش يولىنىڭ گرادۇسى بىلەن پەشتاق گىرۋىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈش گرادۇسى ئوخشاش بولمىغانلىقى، يەنە كېلىپ تېمپېراتۇرا، نەملىك، شامال يۆنىلىشى، شامال كۈچى ۋە قار سۈپىتى قاتارلىق تەبىئىي شارائىتلارمۇ پەرقلىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ پەقەت ئەڭ ياخشى نەتىجىسىلا بولۇپ، دۇنيا رېكورتى بولمايدۇ. 

ئېگىز تاغلاردا قار تېيىلىش

ئېگىز تاغلاردا قار تېيىلىشئېگىز تاغلاردا قار تېيىلىش ئالپىس تاغ رايونىدا پەيدا بولغاچقا، ئالپىس قار تېيىلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر دېڭىز يۈزىدىن 1000 مېتىردىن ئېگىز قارلىق تاغلاردا چاڭغا بىلەن قار ھاسىسىغا تايىنىپ بەلگىلىگەن مۇسابىقە لىنىيىسىنى بويلاپ تېز سۈرئەتتە قار تېيىلىپ، قىسقا ۋاقىت سەرپ قىلغانلار غەلىبە قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەر-ئاياللار تېز سۈرئەتلىك تېيىلىپ چۈشۈش، ئايلىنىپ چۈشۈش ۋە چوڭ ئايلىنىپ چۈشۈش دەپ ئالتە تۈرى بار بولۇپ، 1936-يىلى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن4-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 

قار تېيىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ياۋروپادا بولۇپ، سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى دۆلەتلەردىن روسىيە، فىنلاندىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيىلەر بار. ئېلىمىزنىڭ قار تېيىلىش ھەرىكىتى ھاۋا كىلىماتى، پەسىل، مەيدان-ئەسلىھە شارائىتلىرىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتە شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى ئايرىم جايلاردىلا قانات يايدۇرۇلماقتا.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#