شامال يېزىسى

شامال يېزىسى

شامال يېزىسى شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 22 كىلومېتىر، يېزا بويىچە توققۇز مەمۇرىي كەنت، 29 كەنت گۇرۇپپىسى، نوپۇسى 6000 دىن ئارتۇق. پۈتۈن يېزا ئومۇمىي كۆلىمى 980 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ مو. 

ئۇيغۇرچە نامى شامال يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 980 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 夏玛勒乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى
نوپۇسى 6000 دىن ئارتۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شامال يېزىسى2004-يىلى بۇ يېزا «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، بازار قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش» كۆز قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭشەش، يۈرۈشلەشكەن ھەمدە بىر قاتار يېزا ئىگىلىكى ، باغۋەنلىك، چارۋىچىلىق ۋە كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تېزلىتىپ ئاشلىق، كېۋەز، چارۋىچىلىق، مېۋىلىك باغ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىقتىسادىي، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شامال يېزىسىشامال يېزىسى دېھقانچىلىق مەيدانىدا كېۋەز يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن جەمئىي 3200 مو، سورت ئىچىدە پاختا 35 خىل، جۇڭگو كېۋىزىدىن 43 خىل ئەسلى كېۋىزى، بارلىق يۇقىرى زىچلىقتا تېرىپ ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىلغان، ئوتتۇرىچە مەھسۇلاتى 160 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ، بۇ يېزا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئۈلگە پاختا رايونىدىن ئىبارەت. 

شامال يېزىسى پىستە بازىسى 2004-يىلى قۇرۇلغان، تېرىلغۇ كۆلىمى 1700 مو. بۇنىڭ ئىچىدە : 2004-يىلى 200 مو كۆچەت تىكىش (4400 تۈپ)، 2005-يىلى 1500 مو كۆچەت تىكىش (33000 تۈپ). ھېساپ تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى ئادەتتە مەملىكەت بويىچە بانكىلار ئارا مۇئامىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#