يەر مەدىكى

يەر مەدىكى

بۇ يەر مەدىكى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق تەييارتاپ سامان غوللۇق، سېمىز ئەتلىك، يەر مەدىكىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىچ سۈرۈش، قاناش ۋە تەرنى توختىتىش، جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى قاتتىقلىقنى تارقىتىش، ھاردۇق چىقىرىش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى يەر مەدىكى
پارسچە نامى Cynomorium songaricum Rupr.
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
پىنيىنچە يېزىلىشى suǒ yáng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 锁阳
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
باشقا نامى قىزىل قان تېپەر، بۆرە سامسىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەر مەدىكىبۇ يەر مەدىكى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق تەييارتاپ سامان غوللۇق، سېمىز ئەتلىك، يەر مەدىكىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن تېنىنىڭ رەڭگى قىزىل خورما رەڭ، تۈۋى چوڭايغان بولۇپ، تەڭگىچە يوپۇرماقلىرى بار؛ گۆشلۈك باشاقسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى قارامتۇل بېغىر رەڭ، گۈل رېتىدە شالاڭ رتەڭگىسىمان ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرى بار، گۈلى زىچ تىزىلىپ تۇرىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى باھاردا توڭ كەتكەندىن كېيىن قېزىۋېلىپ، گۈل رېتىنى ئېلىپ تاشلاپ، قۇمغا يېرىم كۆمۈپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى يېڭى ۋاقتىدا يالپاقلاپ توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇلغۇن ۋە بۆرە تىكىنىنىڭ يىلتىزلىرىدا تەييارتاپ بولۇپ ئۆسىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئىچ سۈرۈش، قاناش ۋە تەرنى توختىتىش، جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى قاتتىقلىقنى تارقىتىش، ھاردۇق چىقىرىش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

15 گرام يەر مەدىكىنى 12 گرام ياچىۋەك تۇخۇمى، 35 گرام لوڭگۇ، 20 گرام پىچەكگۈل بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، بەل، پۇت ماغدۇرسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 50 گرام يەر مەدىكىنى 280 گرام زىرىق، 041 گرام تاشپاقا قېپى، 70 گرام پىششىق ئەگرىسۇنا، 80 گرام ئاق چۇغلۇق، 35 گرام يىلپىز سۆڭىكى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 ~ 15 تال كۇمىلاچنى تۇزلۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، پەي، سۆڭەكلەرنىڭ ماغدۇرسىزلىقى ۋە بەل، پۇت ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. يەر مەدىكى، توشقانزەدىكى، بۇغا مۈڭگۈزى قالدۇقى، نېلۇپەر گۈل چېڭى، لوڭگۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، بەل، تىز سىرقىراپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#