كاپىتالىزىم ۋە كاپىتالىستىك

خەلقئارا خەۋەرلەردە بىز ھەمىشە كاپىتالىزىم، كاپىتالىستىك دۆلەتلەر دېگەن ئاتالغۇلارنى كۆپ ئۇچرايدۇ. 

كاپىتالىستىك (Capitalism): كاپىتال شەخسىي ئىگىدارلىقتىكى بىر خىل ئىقتىسادىي تۈزۈم.

كاپىتالىزم ئوخشاش بولمىغان كاپىتالنىڭ ئوخشاش بولمىغان بايلىققا قارىتا ئۆز رولىنى ۋە قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كاپىتالىستىك (Capitalism): كاپىتال شەخسىي ئىگىدارلىقتىكى بىر خىل ئىقتىسادىي تۈزۈم بولۇپ، بۇنداق كاپىتالنى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تۈزۈمدە، كاپىتال ۋە مال-مۈلۈكنىڭ شەخسىيلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ، ھەرقانداق كىشىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مانا بۇ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ مەنىسى، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك كاپىتالىزمنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بولمىسا كاپىتالىزىممۇ بولمايدۇ.

كاپىتالىستىك دۆلەت، بۇرژۇئازىيىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان دۆلەت بولۇپ، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى قورالى. بۇرژۇئازىيە ئىشچىلار سىنىپى ۋە باشقا ئەمگەكچى خەلققە قارىتا سىياسىي ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ. شۇنداقلا كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت.

كاپىتالىزم ئوخشاش بولمىغان كاپىتالنىڭ ئوخشاش بولمىغان بايلىققا قارىتا ئۆز رولىنى ۋە قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

كاپىتالىزمنىڭ تەبىرى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ كاپىتالىزمغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان قارىشى بار، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كاپىتالىزم بىر خىل ئىقتىسادشۇناسلىق ياكى ئىقتىسادىي جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى بىر ئاتالغۇ بولۇپ، بۇنداق تۈزۈم ئاستىدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شەخسىيلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ قىممەت يارىتىلىدۇ، بۇ خىل قىممەت بەش قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، باج، ئىجارە ھەققى، پايدا، ئەمگەك قىممىتى ۋە كارخانىچىنىڭ قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. بۇنداق تۈزۈم ئىچىدە، تاۋار ۋە مۇلازىمەت پۇلدىن پايدىلىنىپ بازاردا ئەركىن ئوبوروت قىلىنىدۇ. مەبلەغ سېلىش شەخس تەرىپىدىن قارار قىلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئاساسلىقى شىركەت بىلەن سودا-سانائەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ ھەمدە ئۆز مەنپەئەتىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#