پاشا ئىشان

پاشا ئىشان

پاشا ئىشان 1939–يىلى ئىلى ۋىلايىتى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھىرىدىكى «ئايخان» مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ تۇغما ناخشا ئېيتىش تالانتى بىلەن ئەينى يىللاردىكى غۇلجىنىڭ سەنئەت مۇھىتىدا تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، مەكتەپ پۈتكۈزمەي تۇرۇپلا، يەنى 1952–يىلى غۇلجا شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پاشا ئىشان
باشقا نامى شىنجاڭ بۇلبۇلى
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1939–يىلى 11-ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 帕夏·依夏
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ غۇلجا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاشا ئىشان 1939–يىلى ئىلى ۋىلايىتى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھىرىدىكى «ئايخان» مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ تۇغما ناخشا ئېيتىش تالانتى بىلەن ئەينى يىللاردىكى غۇلجىنىڭ سەنئەت مۇھىتىدا تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، مەكتەپ پۈتكۈزمەي تۇرۇپلا، يەنى 1952–يىلى غۇلجا شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان.

 ﭘﺎﺷﺎ ئىشان 12 ياش چېغىدىلا بۇلبۇلغا ئوخشاش ئاۋازى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرالىغان. ئۇ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ،  ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪبىئىي ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، «تيانشان ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺋﺎپتونوﻡ ﺭﺍيوﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ قوشقان.

پاشا ئىشان يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۆتىگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 7–، 8–كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 4–، 5–، 6–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.

  1953-يىلى، يەنى پاشا ئىشان 13 ياشقا كىرگەن يىلى «جۇڭگو پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرى» ۋە چاۋشيەن خەلقىدىن ھال سوراش ئۆمىكى تەركىبىدە چاۋشيەنگە بېرىپ، «چاۋشيەن قىزى»، «كۆز ئۇيقۇدا» ناملىق ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئېيتىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ۋە شۇ يىلى مەرھۇم رەھبىرىمىز سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شىنجاڭ ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. 

1955-يىلى، يەنى 15 ياشقا كىرگەن يىلى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ياشلار سەنئەت بايرىمى»غا قاتنىشىپ، «ئازاد زامان»، «ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. 1961–يىلى ﺋﯘ ﺟﯘ ﺋﯧﻨﻠﻪﻱ ﺯۇﯕﻠﯩﻨﯩﯔ يېتەكچىلىكىدە ھېندونېزىيە، ﺑﯧﺮﻣﺎ، نېپال، ﺋﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ بېرىپ،  ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ 60 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، كامالەتكە يەتكەن سەنئەت ماھارىتى بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ئىجادىي ناخشىلارنى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ناخشىلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان.ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھازىرغىچە 30 غا يېقىن دۆلەت ۋە رايوندا ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، جاھان ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ ئۆز مېھنىتىگە يارىشا خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، شۇنداقلا «تيانشان تۆھپىكارى»، «تيانشان بۇلبۇلى» دېگەن شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولغان.

 ﺋﯘ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺘﻼﺭ ﺟﻪمئىيتىنىڭ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيوﻧﻠﯘﻕ ﺳﯩﻴﺎسىي ﻛﯧﯖﻪﺷﻨﯩﯔ 7-، 8 – ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيوﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭنى ئۆتىگەن. نۆۋەتتە، پاشا ئىشان گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، دائىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىگە بېرىپ، ناخشا مەشىق قىلىدۇ ھەمدە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ. 

شان-شەرەپلىرى

ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ تىنماي تۆھپە ﻗﻮشۇۋاتقان ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎنغا 1985–ﻳﯩﻠﻰ «ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ 1–دەرىجىلىك ﺋﺎﺭتىس» ﺋﯘﻧﯟﺍنى ﺑﯧﺮىلگەن.شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيونلۇق ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيونلۇق ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ بۆلۈمى ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2004 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «تيانشان ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭﻯ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻡ بېرىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#