ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئىلىش نىزامى

ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئىلىش نىزامى

ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئىلىش نىزامى گوۋۇيۇەن 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆكۈزۈلگەن 198-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئىلىش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
خەنزۇچە نامى 职工年休假条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش ھۇقۇقىنى قوغداش، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئەمگەك قانۇنى ۋە مەمۇرىلار قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا ئورگان، كوللىكتىپ، كارخانا، كەسپى ئورۇن، پۇقراۋى كارخانىلار، ئىشچى ئشلىتىدىغان يەككە سودا سانائەتچىلەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىلا يىللىق ئارام ئېلىشتىن (تۆۋەندە قىشقارتىلىپ يىللىق ئارام ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ) بەھرىمان بۇلىدۇ. ئورۇنلار ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىشغا چۇقۇم كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشچى خىزمەتچىلەر يىللىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە نورمال خىزمەت قىلغانغا ئوخشاش مائاش كىرىمدىن بەھرىمان بۇلىدۇ .

3-ماددا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇمۇمىي خىزمەت قىلغىنىغا 1 يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۆۋەن بولسا، 5 كۈن يىللىق ئارام ئالىدۇ؛ 10يىلدىن يۇقىرى 20 تۆۋەن بولسا، 10 كۈن يىللىق ئارام ئالىدۇ؛ 20 يىلدىن ئاشقان بولسا ،15 كۈن يىللىق ئارام ئالىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئارام–دەم ئېلىش كۈنلىرى يىللىق ئارام ئېلىش ۋاقتىغا قوشۇپ ھىسابلانمايدۇ.

4-ماددا ئىشچى خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا يىللىق ئارام ئېلىشتىن بەھرىمان بولمايدۇ؛

(1) ئىشچى خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە يازلىق، قىشلىق تەتىل ئارائېلىشتىن بەھرىمان بولغان بولۇپ، ئارام ئالغان كۈنى يىللىق ئارام ئېلىش كۈنىدىن كۆپ بولغان بولسا؛

(2) ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش رۇخسىتى ئالغان ئۇمۇمىي كۈنى 20كۈندىن يۇقىرى ئىدارە بەلگىلىمە بويىچە مائاشىنى تۇتۇپ قالمىغان بولسا؛

(3) خىزمەت قىلغىنىغا 1يىلدىن ئاشقان 10يىلغا توشمىغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ كېسەل رۇخسىتى ئالغان ئۇمۇمىي كۈنى 2ئايدىن يۇقىرى بولسا؛

(4) خىزمەت قىلغىنىغا10يىلدىن ئاشقان 20يىلغا توشمىغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ، كېسەل رۇخسىتى ئالغان ئۇمۇمىي كۈنى 3ئايدىن يۇقىرى بولسا؛

(5) خىزمەت قىلغىنىغا20يىلدىن ئاشقان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ، كېسەل رۇخسىتى ئالغان ئۇمۇمىي كۈنى 4ئايدىن يۇقىرى بولسا؛

5-ماددا ئورۇنلار ئىشلەپ چىقىرىش، خىزمەتنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەم ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ رايىنى ئويلىشىپ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنى بىرتۇتاش يىللىق ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بۇلىدۇ، يىللىق ئارام ئېلىش بىريىل ئىچىدە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرسا ، بۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرسا بۇلىدۇ، ئادەتتە يىل ئاتلىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.ئورۇن ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن يىللىق ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، يىللىق ئارام ئېلىشقا ئورونلاشتۇرمىسا بۇلىدۇ. ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىشقا تىگىشلىك كۈن سانىغا قارتا، ئورۇن شۇ ئىشچى خىزمەتچىنىڭ كۈندۈلۈك مائاشىنىڭ 300% بويىچە يىللىق ئارام ئېلىش مائاش ھەققى بىرىشى كېرەك.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرىنىڭ كادىرلار تارماقلىرى، ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى خىزمەت ھۇقۇقى بويىچە، ئورۇنلارنىڭ بۇنىزامنامىنى ئىجراقىلىش ئەھۋالىنى تەشەبۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشى كېرەك.ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىش ھۇقۇقىنى قوغداشقا تەشكىللەيدۇ.

7-ماددا ئورۇن ئىشچى خىزمەتچىلەرنى يىللىق ئارام ئېلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرمىغان ھەم بۇنىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە يىللىق ئارام ئېلىش مائاش ھەققى بەرمىگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرىنىڭ كادىرلار تارماقلىرى ياكى ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى خىزمەت ھۇقۇقى بويىچە ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ۋاقىت توشسىمۇ ئۆزگەرىتمىگەنلەرنى يىللىق ئارام ئېلىش مائاش ھەققى بىرىشكە بۇيرىغاندىن سىرىت، ئورۇننى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە يىللىق ئارام ئېلىش مائاش ھەققىنىڭ سوممىسى بويىچە قۇشۇپ تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ، مەمۇرى ۋە مەمۇرىلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلدىغان خادىملار تۇرۇشلۇق ئورۇنلار بولسا، بىۋاستە مەسئۇل بولىدىغان باشقۇرغۇچى خادىملارغا ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە جازا بىرىلىدۇ؛ باشقا ئورۇنلارغا تەۋەبولسا ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى ، كادىرلار تارماقلىرى ياكى ئىشچى خىزمەتچىلەر خەلىق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجراقىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

8-ماددا ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن ئورۇن ئوتتۇرسىدا يىللىق ئارام ئېلىش سەۋەبىدىن ماجرا كىلىپ چىقسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ،مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

9-ماددا گوۋۇيۇەن كادىرلار تارماقلىرى، گوۋۇيۇەن ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى خىزمەت ھۇقۇقى بويىچە، بۇنىزامنىڭ يولغا قۇيۇش چارىسىنى ئايرىم تۈزۈيدۇ.

10-ماددا بۇ نىزام 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#