شىمالىي ئوسېتىنسكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق بىر مەمۇرىي رايون بولۇپ، شىمالىي كاۋكازنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. مەيدانى 8000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 613 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) ، ئاھالىنىڭ كۆپىنى ئۇسكى خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

نامى شىمالىي ئوسېتىنسكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
نوپۇسى 613 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985)
يەر مەيدانى 8000 كۋادرات كىلومېتىر
قۇرۇلغان ۋاقتى 1936-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق بىر مەمۇرىي رايون بولۇپ، شىمالىي كاۋكازنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. مەيدانى 8000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 613 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) ، ئاھالىنىڭ كۆپىنى ئۇسكى خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە رۇس، ئەرمەن، گروزىن قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئوستېنىسكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1936-يىلى قۇرۇلغان. مەركىزى ئورد ژونىكىدزې شەھىرى. ئاپتونوم جۇھمۇرىيەتنىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئېگىز بولغان كاۋگاز تاغلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ تاغلىقتا مۇزلۇقلىرى تەرەققىي قىلغان. ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي تەرىپىنى تۈزلەڭلىكلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ جايلاردا نېفىت، قوغۇشۇن، سىنك، سۈرمە، كۈمۈش قاتارلىق كان بايلىقلىرى، مىنېرال بۇلاقلار بار.

 ئىقلىمى ماتىرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئوتتۇرا قىسىم تاغ ئالدى بەلباغلىرىنىڭ بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃44-، يەتتىنچى ئايلىقى ℃20.4 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 600 دىن 900 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئوتلاقلار، كەڭ يوپۇرماقلىق ھەم يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. 

سانائەتتە رەڭلىك مېتاللارنى، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كۆممىقوناق، بۇغداي، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#