ئاياللار ئىچكى جىنسىي ئەزالىرى

ئاياللار ئىچكى جىنسىي ئەزالىرى

ئاياللار ئىچكى جىنسىي ئەزالىرى-جىنسىي يول، بالىياتقۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، تۇخۇمدان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىنسىي يول-ئىچكى ۋە تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك بولغان نەيچە ئەزا بولۇپ، جىنسىي يولنىڭ يۇقىرىقى تەرىپى بالىياتقۇ بوينىنىڭ جىنسىي يول قىسمىغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بالىياتقۇ ئېغىزى ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان قىسمى گۈمبەز قىسمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يۆنىلىشگە قاراپ ئالدى، ئارقا، ئوڭ، سول، دەپ تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ، غەيرىي ئورۇندىكى ھامىلىدارلىققا دىئاگنوز قويۇشتا ئارقا گۆمبەزگە يىڭنە سانجىش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ. داس بوشلىقى يىرىڭلىق ئىششىقىدىمۇ شۇ يەردىن يىرىڭ ئاققۇزىلىدۇ، تۆۋەن تەرىپىنىڭ ئېغىزى جىنسىي يول دالانچىسىغا قاراپ ئېچىلغان بولۇپ، جىنسىي يول تۆشىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئارقا تېمىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قىسىملىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچەي-بالىياتقۇ ئويمىنى، توغرا ئۈچەي ۋە چات ئارىلىقى بىلەن چېگرىداش كېلىدۇ. چوڭ ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ئالدىنقى تېمىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 9-7 سانتىمېتىر، ئارقا تېمىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 12-10 سانتىمېتىر كېلىدۇ. جىنسىي يول دىۋارىدا نۇرغۇنلىغان توغرا يوللۇق مۇسكۇل پۇرەكلىرى ۋە ئېلاستىكىلىق تالالار بولۇپ، كېرىلىشچانلىقى كۈچلۈك، جىنسىي يول شىللىق پەردىسى كۆپ قەۋەتلىك قاسراقسىمان ئىپتىلىيە بىلەن قاپلانغان، ھالرەڭ تۇس ئالىدۇ، ئۇنىڭدا بەز بولمايدۇ، بۇ جىنسىي ھورموننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، دەۋىرلىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. جىنسىي يولدىن سۇيۇلۇپ چۈشكەن ھۈجەيرىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارىنى بىلگىلى بولىدۇ. جىنسىي يول-ھەيز قېنىنى سىرتقا چىقىرىش، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئەزاسى ۋە تۇغۇت يولىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى.

بالىياتقۇ ئالدى تەرىپى ياپىلاق، ئارقا تەرىپى سەل تومپىيىپ چىققان، شەكلى خۇددى تەتۈر قويۇلغان نەشپۈتكە ئوخشايدىغان، ئىچى كاۋاك مۇسكۇلسىمان ئەزا. ئۇنىڭ يۇقىرىقى تەرىپى بىر قەدەر چوڭراق بولۇپ بالىياتقۇ تېنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە يېپىشىپ تۇرغان قىسمىنىڭ يۇقىرىقى ئەگمە شەكىللىك قىسمى بالىياتقۇ تۈۋى دەپ ئاتىلىدۇ، تۆۋەن قىسمى بىرقەدەر ئىنچىگە يۇمىلاق نەيچە شەكلىدە بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى دەپ ئاتىلىدۇ، جىنسىي يول بالىياتقۇ بوينىغا يېپىشىپ تۇرغانلىقتىن، بالىياتقۇ بوينى جىنسىي يول يۇقىرىقى قىسمى ۋە جىنسىي يول قىسمى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. بالىياتقۇ بوينى جىنسىي يول قىسمىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە بىر ئېغىز بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزى دەپ ئاتىلىدۇ. تۇغمىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزى يۇمىلاق شەكلىدە بولىدۇ. تۇغقاندىن كېيىن، ھەرخىل شەكىلدىكى توغرا يوچۇق شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ. بالىياتقۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى ياش پەرقى ۋە تۇغۇش ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. بوۋاق مەزگىلىدە بالىياتقۇ بوينى بالىياتقۇ تېنىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئۆسمۈرلۈك مەزگىلدە بالىياتقۇ تېنى بىلەن بالىياتقۇ بوينىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولىدۇ. چوڭ ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ تېنى بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. تۇغمىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئېغىرلىقى 50-40گىرام، ئومومى ئۇزۇنلىقى 8-7 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5-4 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى، سىغىمچانلىقى بەش مىللىلىتىر بولۇپ,تۇغقاندىن كېيىن چوڭىيىدۇ. بالىياتقۇ تۈۋىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بىلەن تۇتاشقان جايى بالىياتقۇ بۇلىڭى دەپ ئاتىلىدۇ. بالىياتقۇ بوينى بوشلىقى موكا شەكلىدە بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بالىياتقۇ بوشلىقى بىلەن بالىياتقۇ بوينى نەيچىسىنىڭ ئۆز-ئارا ئۇلىنىپ تۇرغان تار قىسمى بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئاناتومىيىلىك ئىچكى ئېغىزى دېيىلىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ تۆۋەنكى بالىياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسى بىلەن چېگرالاشقان جايى بالىياتقۇ بوينىنىڭ توقۇلمىلىق ئىچكى ئېغىزى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئورۇن توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى ئىچكى ئېغىزىنىڭ ئوتتۇرىسى بالىياتقۇ بوغىزى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى 1-0.7 سانتىمېتىر بولۇپ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سوزۇلۇپ، بالىياتقۇ تۆۋەنكى قىسمىنى ھاسىل قىلىدۇ. قورساق قىسمىنى يېرىپ تەكشۈرگەندە كۆپىنچە مۇشۇ جاي كېسىلىدۇ. بالىياتقۇ دىۋارى-بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى، بالىياتقۇ مۇسكۇل قەۋىتى ۋە بالىياتقۇ شىرلىك پەردىسىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى-بۇ يۇمشاق پارقىراق، قىزىل گۈل رەڭلىك تىۋىتسمان پەردىدىن ئىبارەت، بالىياتقۇ پەردىسى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان بەزلەر بولىدۇ. ئىچكى پەردە يۈزىدە سانسىزلىغان سىزىقچىلار بايقىلىدۇ. بۇلاردىن بەزلەر سۇيۇقلۇق ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى فۇنكىسىيە قەۋەت ۋە ئاساسىي قەۋەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئاساسى قەۋەت بالىياتقۇ مۇسكۇل قەۋىتىگە بىۋاستە تۇتىشىدۇ. بۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ 1/3 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. فۇنكىسىيە قەۋەت تۇخۇمدان ھورمونلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دەۋىرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ 2/3 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكۇل قەۋىتى-بۇ ئەڭ قېلىن قەۋەت بولۇپ، 0.8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، مۇسكۇل تالالىرى 3 قەۋەتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، سىرتقى قەۋىتى تىك شەكىلدە، ئوتتۇرا قەۋىتى تور شەكلىدە، ئىچكى قەۋىتى ھالقا شەكلىدە بولىدۇ. بۇ قەۋەتتە قان-تومۇرلار تارقالغان بولۇپ، بالىياتقۇ قىسقارغاندا، قان-تومۇرلار تارىيىدۇ، مۇسكۇل بوشىغاندا قان راۋان ئايلىنايدۇ. بالىياتقۇ شىرلىك پەردىسى-بۇ بالىياتقۇتىگى ۋە بالىياتقۇ تېنىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەزا قەۋەت قورساق پەردىسىدىن ئىبارەت. بالىياتقۇنىڭ ئالدى تەرىپى، تارچۇق قىسمىدا قورساق پەردىسى بىلەن بالىياتقۇ دىۋارىنىڭ بىرلىشىشى بىرقەدەر شالاڭ بولۇپ، دوۋساقنىڭ چوققا قىسمىنى يېپىپ، بىر ئويمان ھاسىل قىلىدۇ، بۇ دوۋساق بالىياتقۇ ئويمىنى دىيىلىدۇ. بۇ ئورۇننى يېپىپ تۇرغان قورساق پەردىسى ئالدىنقى دىۋارىدىكى قورساق پەردىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، بالىياتقۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قورساق پەردىسى بالىياتقۇ ئارقا دىۋارىنى بويلاپ، تۆۋەنگە مېڭىپ، بالىياتقۇ بوينى ئارقا تەرىپى ۋە جىنسىي يول ئارقا گۈمبىزىگە كېلىپ، ئاندىن تۈز ئۈچەي ئالدىنقى دىۋارىغا بۇرۇلۇپ، بالىياتقۇ تۈز ئۈچەي ئويمىنىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۈستىگە قاراپ مېڭىپ، قورساق ئارقا پەردىسىگە تۇتىشىدۇ، بالىياتقۇ ئالدى-ئارقا دىۋارىنى يېپىپ تۇرغان قورساق پەردىسى ئىككى يانغا كېرىلىپ، بالىياتقۇنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە بىرلىشىپ، بالىياتقۇ كەڭ تارامۇشىنى ھاسىل قىلىدۇ.

بالىياتقۇنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى

(1) بالىياتقۇ تۈۋى؛

2. بالىياتقۇ بوشلۇقى؛

 3. بالىياتقۇ تېنى؛

 4. بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى؛

 5. بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزى؛

 6. جىنسىي يول؛

7. جىنسىي يول يان گۈمبىزى؛

 (2) ئاناتومىيىلىك ئىچكى ئېغىزى؛

2. ھىستولوگىيىلىك ئىچكى ئېغىزى؛

3. بالىياتقۇ بوينى جىنسىي يول يۇقىرى قىسمى؛

4. بالىياتقۇ بوينى جىنسىي يول قىسمى. بالىياتقۇ ئورنى-بالىياتقۇ داس بوشلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئادەم ئۆرە تۇرغاندا سەل ئالدىغا قارىغان ۋە ئالدىغا ئىگىلگەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئالدى تەرىپى دوۋساقنىڭ ئارقىسى بىلەن ئارقا تەرىپى تۈز ئۈچەي بىلەن خوشنا، شۇڭلاشقا كىلىنكىدا تۈز ئۈچەي ئارقىلىق بالىياتقۇنىڭ ئورنى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. تۇغۇت مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ يۇقىرىقى بۆلىكى قىسقىراپ، تۆۋەنكى بۆلىكى پاسسىپ ھالدا كېڭەيگەنلىكتىن يۇقارقى، تۆۋەنكى بۆلەكلەر ئارىسىدا تارايغان بىر جاي پەيدا بولىدۇ. بۇ فىزىئولوگىيىلىك تارايغان ھالقا دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ھالقا ئادەتتە دوۋسۇن سۆڭىكىنىڭ 4-3 بارماق يۇقىرىسىدا بولىدۇ، بەزى غەيرىي نورمالنى تۇغۇتتا، ھامىلە ئوڭۇشلۇق ھالدا تۆۋەنگە چۈشەلمىگەن چاغدا بالىياتقۇنىڭ يۇقىرى بۆلىكىنىڭ مۇسكۇلى ئۈزلۈكسىز قىسقىراپ، تۆۋەنكى بۆلەك ئۇزىراپ ۋە نېپىزلەپ ئنتايىن جىددى ھالەتتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن فىزىئولوگىيىلىك تارايغان ھالقا تەدرىجى يۇقىرى ئۆرلەپ، پاتىئولوگىيىلىك تارايغان ھالقىغا ئۆزگىرىدۇ، بۇ چاغدا قورساقنى تەكشۈرگەندە، بالىياتقۇنىڭ يۇقىرقى بۆلىكى قېلىنلاپ قاتتىقلىشىپ كەتكەن، تۆۋەنكى بۆلىكى نېپىزلەپ، يۇمشاپ قالغان بولىدۇ، قورساق تېمىدا بىر قىيپاش ئېرىقچە ئېنىق بىلىنىپ، ئورنى كىندىك بىلەن بىر تەكشىلىكتىكى سىزىققا يەتكەن بولىدۇ. پاتىئولوگىيىلىك تارايغان ھالقىنىڭ پەيدا بولىشى-بالىياتقۇنىڭ يېرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بالىياتقۇ-بالىياتقۇ تارامۇشلىرى ۋە داس سۆڭىكىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ داس سۆڭەك مەركىزىدىكى ئورنىنى ساقلاپ تۇرىدۇ،

بالىياتقۇ تارامۇشلىرى 

تۆت جۈپ تارامۇشتىن تەركىپ تاپقان.

 1. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى؛

2. كەڭ تارىمۇشى؛

 3. يۇمىلاق تارىمۇشى؛

4. ئاساسىي تارىمۇشى؛

5. بالىياتقۇ، توققۇزكۆز سۆڭەك تارىمۇشى؛

 6. دوۋساق بالىياتقۇ كەڭ تارامۇشى-بالىياتقۇنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تېمىنى يۆگەپ تۇرغان قورساق پەردىسى ئىككى يانغا سوزۇلۇشتىن ھاسىل بولىدۇ، ئىككى تەرىپى داس سۆڭەك تېمى ۋە داس بوشلۇقى قورساق پەردىسى بىلەن ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ، بۇ بالىياتقۇ داس بوشلىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا تۇرۇشىنى ساقلايدۇ، كەڭ تارامۇشنىڭ ئۈستۈنكى قىرغىقىنىڭ ئىچكى 2/3 قىسمىدا تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يۇمىلاق تارامۇش، قان-تومۇر ۋە نېرۋا چېگىش قاتارلىقلارنى ئوراپ تۇرىدۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بىلەن تۇخۇمدان ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق تۇخۇم توشۇش نەيچە پەردىسى دەپ ئاتىلىدۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ سىرتقى ئۇچى بىلەن داس سۆڭەك تېمىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان ئارىلىقتىكى قورساق پەردە قورۇقچىسى-تۇخۇمدان كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى تارامۇش دەپ ئاتىلىدۇ، تۇخۇمداننىڭ ئارتىرىيە ۋە ۋىنالىرى مۇشۇ تارامۇشتىن ئۆتىدۇ. بالىياتقۇ يۇمىلاق تارامۇشى-تالا توقۇلمىسى ۋە سېلىق مۇسكۇللاردىن تەركىپ تاپقان ياپىلاق تانا شەكىللىك تارامۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 14-12 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇ بالىياتقۇ ئىككى بۇرجىكىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلىنىپ،  تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېقىن ئۇچى تۆۋەن تەرىپىگە بېرىپ، ئالدى تۆۋەنكى تەرەپكە سوزۇلۇپ، ئىككى تەرەپ داس سۆڭەك دىۋارىغا بېرىپ، يېرىق كانىلىدىن ئۆتۈپ، چوڭ جىنسىي لەۋنىڭ ئالدى ئۇچىغا بارىدۇ. ئۇ بالىياتقۇنى ئالدىغا ئېڭىشىپ تۇرغان ھالەتتە ساقلايدۇ. بالىياتقۇ-توققۇزكۆز سۆڭەك تارامۇشى-بالىياتقۇنىڭ ئوڭ-سول تەرەپىدە بىردىن بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى ئارقا ئۈستى تەرەپتىن باشلىنىپ، تۈز ئۈچەي ئىككى تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، 2 −، 3-توققۇز كۆز ئومۇرتقا سېرىق ئېتىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ، بۇ سىلىق مۇسكۇل ۋە بېرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، سىرتىنى قورساق پەردىسى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئارقىغا ۋە يۇقىرىغا قاراپ تۇرغان ھالىتىنى ساقلايدۇ ھەمدە بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن قىسمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بالىياتقۇ ئاساسىي تارامۇشى-بالىياتقۇ بوينى توغرا تارامۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ كەڭ تارامۇشنىڭ ئاستى قىسمىدا، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئىككى تەرىپى بىلەن داس سۆڭەك دىۋارى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ يەلپۈگۈچ شەكلىدە يېيىلغان. بالىياتقۇنىڭ قىزىل ۋە كۆك قان-تومۇرلىرى مۇشۇ جايدىن بالىياتقۇغا كىرىدۇ ۋە چىقىدۇ. سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىمۇ مۇشۇ جايدىن ئۆتىدۇ.بۇ تارامۇش بالىياتقۇ بوينىنىڭ نورمال ئورنىنى ساقلايدىغان مۇھىم تارامۇش بولۇپ، ھەمدە بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنگە چىقىپ كەتمەسلىكىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بالىياتقۇ بوينى راكىدا راك ھۈجەيرىلىرى مۇشۇ تارامۇشنى بويلاپ يۆتكىلىدۇ، كىلىنكىدا مۇشۇ تارمۇشنىڭ كېسەللىنىش دائىرىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلق كېسەللىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ 1. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى جەينەك قوسىغىسىمان قىسمى؛ 2. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بوغۇز قىسمى؛ 3. تۇخۇم توشۇش نەيچە ئارىلىق ماددا قىسمى؛

4. بالىياتقۇ تۈۋى؛

 5. يۇمۇلاق تارامۇش؛

6. تۇخۇم توشۇش نەيچە بېغىشى؛

 7. تۇخۇمداننى كۆتۈرۈش تارامۇشى؛

8. كەڭ تارامۇش؛

9. تۇخۇمداننىڭ ئەسلى تارامۇشى؛

10. بالىياتقۇ توققۇزكۆز سۆڭەك تارامۇشى؛

 11. جىنسىي يول؛

12. بالىياتقۇ بوينى؛

13. تۇخۇمداننىڭ تاجىسىمان ئۇزۇنغا كەتكەن نەيچىسى؛

14. تۇخۇمدان؛

15. تۇخۇمدان تاجىسى؛

16. تۇخۇم توشۇش نەيچە چۇچا قىسمى.

بۇ بىر جۈپ ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئەگرى-بۈگرى مۇسكۇلسىمان نەيچىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بالىياتقۇ كەڭ تارامۇشىنىڭ ئۈستى تەرەپ ئىچكى قىسىمغا جايلاشقان. ئىچكى تەرىپى بالىياتقۇ بۇلىڭى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، سىرتقى تەرىپى ئەركىن بولۇپ، ئېغىزى ۋارونكىغا ئوخشايدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 41-8 سانتىمېتىر، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ ئارىلىق قىسىم،بۇغۇز قىسىم، چۆگۈن قورساق قىسىم، چۇچا قىسىمدىن ئىبارەت 4 قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

 . 1. ئارىلىق قىسىم؛2. بوغۇز قىسمى؛3. چۆگۈن قورساق قىسىم؛ 4. چۇچا قىسىم.

ئارىلىق قىسىم

بۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ بالىياتقۇ بۇلۇڭى ئىچىدىكى قىسمى بولۇپ، تار ھەم قىسقا، ئۇزۇنلىقى 1 سانتىمېتىر.

 بوغۇز قىسىم

ئارىلىق قىسىمنىڭ سىرتقى تەرىپى بولۇپ، نەيچە بوشلىقى نىسبەتەن تار، ئۇزۇنلىقى 3-2 سانتىمېتىر، كىلىنكىدا توغماسلىق ئوپىراتسىيىسى قىلغاندا مۇشۇ ئورۇن بوغۇلىدۇ.

  چۆگۈن قورساق قىسىم

بوغۇز قىسىمنىڭ سىرتقى تەرىپىدە بولۇپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ كېڭەيگەن، بىر قەدەر ئۇزۇنراق قىسمىدۇر، نەيچە بوشلىقى چوڭ، ئەگرىراق بولىدۇ، مۇسكۇل قەۋىتى نېپىز، شىللىق پەردىسى قېلىنراق بولىدۇ، ئۇزۇنلىقى 8-5 سانتىمېتىر، ئادەتتە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ چۆگۈن قورساق قىسمىدا ئۇرۇقلىنىدۇ، ئەگەر ئۇرۇقلىنىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇغا كىرەلمىسە، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 چۇچا قىسىم

بۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان شىللىق پەردە چۇچىلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان. شەكلى ۋارۇنكا شەكلىدە بولۇپ، ئېغىزى قورساق بوشلىقىغا ئېچىلىدۇ، ئۇزۇنلىقى 1.5-1 سانتىمېتىر، ئوپىراتسىيە مەزگىلىدە كۆپىنچە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى پەرق ئېتىشنىڭ بەلگىسى قىلىنىدۇ، بۇ ئورۇندىكى چۇچىلار تۇخۇم توشۇش نەيچە كۈنلىكى دەپ ئاتىلىدۇ، تۇخۇمدان تۇخۇم چىقارغاندا بۇ كۈنلۈك تۇخۇمنى شۈمۈرۈپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە كىرگۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ نەيچە دىۋارى-مۇسكۇل سىرتقى شىرلىق قەۋەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇسكۇل قەۋەت، ئىچكى شىللىق پەردە قەۋەتتىن ئىبارەت ئىككى قەۋەتكە بۆلىنىدۇ.تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ توغرا يوللۇق مۇسكۇل تالالىرى قىسقارغاندا، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدە لۆمۈلدىمە ھەرىكەت باشلىنىدۇ، بۇ خىل لۆمۈلدەش ھەرىكىتى نەيچىنىڭ سىرتقى ئۇچىدىن بالىياتقۇغا قاراپ كېڭىيىپ، تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا قاراپ ھەرىكەتلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، بۇ خىل لۆمۈلدىمە ھەرىكەت تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە ئەڭ جانلىق بولۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ئاجىز بولىدۇ، شىللىق پەردە قەۋىتىدىكى ئىپتىلىيە ھۈجەيرىلىرى ئىگىز تۈۋرۈكسىمان بولىدۇ، بەزىلىرىدە تۈك بولۇپ، ئېغاڭلايدۇ، يەنە بىر قىسىم تۈكسىز ئىپتىلىيە ھۈجەيرىلىرى ئاجىرىتىش رولىغا ئىگە. تۇخۇم توشۇش نەيچە شىللىق پەردىسى جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دەۋرلىك ئۆزگىرىش ياسايدۇ، ئەمما بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭكىدەك روشەن بولمايدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنى ئۇچراشتۇرۇش، ئۇرۇقلانغان تۇىۇمنى بالىياتقۇغا قايتۇرۇپ كېلىش رولى بار.

تۇخۇمدان-بىر جۈپ بادامسىمان جىنسىي بەزدىن ئىبارەت. كىچىك داس بوشلىقى يان دىۋارى ۋە يانپاش ئىچكى-تاشقى ئارتىرىيىنى قىسىپ تۇرغان تۇخۇمدان ئويمىنى ئىچىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ ئىچكى، سىرتقى ئىككى يۈزى بولۇپ، ئىچكى تەرەپ يۈزى داس بوشلىقىغا قارايدۇ، كۆپىنچە كىچىك ئۈچەي بىلەن تۇتىشىدۇ، سىرتقى تەرەپ يۈزى تۇخۇمدان ئويمىنىغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، تۇخۇمداننىڭ سىرتقى ئۇچى تۇخۇمداننى كۆتەرگۈچى تارامۇش بىلەن ئۇلىنىپ تۇرىدۇ، ئىچكى ئۇچى تۇخۇمداننىڭ ئەسلى تارامۇشى ئارقىلىق بالىياتقۇ بۇلىڭىغا تۇتىشىدۇ، ئاستى قىرى تايانچىسىز. ئۈستىنكى قىرى تۇخۇمدان بېغىشى ئارقىلىق كەڭ تارامۇشنىڭ ئارقا ياپرىقىغا تۇتىشىپ تۇرغان قىسمى تۇخۇمدان ئىشىكى دەپ ئاتىلىدۇ، تۇخۇمدان قان-تومۇرلىرى، نېرۋىلىرى ۋە لىمفالىرى مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ. تۇخۇمداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، گۆدەك قىزلارنىڭ تۇخۇمدېنى كىچىك، سىرتقى يۈزى سىلىق بولىدۇ، جىنسىي پىشىپ يېتىلىش دەۋرىدە چوڭىيىدۇ. ھەر قېتىم تۇخۇم چىقارغاندا سىرتقى يۈزىدە تاتۇق قالغانلىقتىن سىرتقى يۈزى تەكشى بولمايدۇ، 40-35 ياشتىن باشلاپ كىچىكلەيدۇ، ھەيز توختاش دەۋرىدىن كېيىن يىگىلەپ قاتتىقلىشىدۇ، ئادەتتە تۇخۇمداننىڭ ئۇزۇنلىقى 4 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3 سانتىمېتىر، قېلىنقى بىر سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 6-5 گىرام كېلىدۇ.

 تۇخۇمداننىڭ تۈزىلىشى

1. يېتىلىۋاتقان تۇخۇم پۈۋەكچىسى؛ 2. پىشقان تۇخۇم پۈۋەكچىسى؛ 3. يىلىك ماددىسى؛ 4. تۇخۇم پۈۋەكچىسى يېرىلىش؛ 5. ئىپتىدائىي تۇخۇم پۈۋەكچىسى؛ 6. قانتومۇر؛ 7. ئاق تەنچە؛ 8. سېرىق تەنچە. تۇخۇمدان-تۇخۇمدان قاپقىقى)ئىشىكى(، ئىلىك ماددا قىسىم ۋە پوستىلاق قىسىمدىن ئىبارەت 3 قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئىلىك ماددا قىسمى تۇخۇمدان قاپقىقىنى ئوراپ، يېرىم ئاي شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە سىلىق مۇسكۇللاردىن تۈزۈلگەن. ئۇ قان-تومۇر، لىمفا، نېرۋىلارنىڭ تارقىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. پوستلاق قىسمى زىچ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە نۇرغۇنلىغان تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىدىن تۈزۈلگەن، يىلىك ماددا مەركىزى قىسمىدا تۇخۇم پۈۋەكچىسى بولمايدۇ. تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە جىنسىي ھورمون ئاجىرتىپ چىقىرىش رولى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1157

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#