دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى

دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى

ھەر خىل دېڭىز قاتناش مودېللىرىنى (مەسىلەن، كېمىلەر، دېڭىز قاتناش ئۈسكۈنىلىرى ۋە قۇرۇلمىلىرىنىڭ مودېللىرى)  پىلانلاش، ياساش ۋە كونترول قىلىش ئومۇملاشتۇرۇلۇپ دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈرنىڭ پەن-تېخنىكىلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى
باشقا نامى marine modle sports
خەنزۇچە ئىسمى 航海模型运动

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتىھەر خىل دېڭىز قاتناش مودېللىرىنى(مەسىلەن، كېمىلەر، دېڭىز قاتناش ئۈسكۈنىلىرى ۋە قۇرۇلمىلىرىنىڭ مودېللىرى) پىلانلاش، ياساش ۋە كونترول قىلىش ئومۇملاشتۇرۇلۇپ دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈرنىڭ پەن-تېخنىكىلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 

دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتىدېڭىز قاتناش مودېلى ئومۇمەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك كېمە مودېلى، يەلكەنلىك كېمە مودېلى، سىرتقى كۆرۈنۈشلۈك كېمە مودېلى دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك كېمە مودېلى مېخانىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قۇرۇلمىسى بولغان، سۇدا يۈرەلەيدىغان ھەر خىل كېمىلەرنىڭ مودېلىدۇر. يەلكەنلىك كېمە مودېلى يەلكىنى بولغان، شامالنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدىغان مودېل كېمىدۇر. سىرتقى كۆرۈنۈشلۈك كېمە مودېلى دېگىنىمىز بەلگىلىك تاناسىپ بويىچە راست كېمىلەرگە ئوخشىتىپ ياسالغان ھەر خىل سىرتقى كۆرۈنۈشلۈك مودېللارنى ياكى ھەر خىل تىپتىكى كېمىلەرنىڭ، دېڭىز پورتى، كېمە ياساش زاۋۇتلىرىنىڭ مودېللىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ھەرىكىتى ۋە ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشلۈك كېمە مودېلىنىڭ ئادەتتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇرۇلمىسى بولمايدۇ، مۇسابىقىدە سىرتقى كۆرۈنۈش نەتىجىسى بويىچە دەرىجە بېكىتىلىدۇ. 

دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتىدېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى ئەڭ دەسلەپتە 16-ئەسىردە ياۋروپادا باشلانغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ھەر خىل مۇسابىقىلىرى كۆپەيگەن. 1959-يىلى شۋېتسارىيىدە دۇنيا دېڭىز قاتناش مودېلى بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، باش ئورگىنى ئاۋسترىيىنىڭ ۋيېنا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. بىرلەشمە ئۆتكۈزىدىغان ئاساسلىق مۇسابىقىلەردىن ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بار.

ئېلىمىزدە 1958-يىل تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دېڭىز قاتناش مودېلى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 1964-يىلى جۇڭگو دېڭىز قاتناش ھەرىكىتى جەمئىيىتى قۇرۇلغان. 1981-يىل 8-ئايدا گېرمانىيىنىڭ ماگدېبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك دۇنيا دېڭىز قاتناش مودېلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرى ۋى يۈيمىڭ B2F دەرىجىلىكتە چېمپىيون بولغان. بۇ، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ دېڭىز قاتناش مودېلى مۇسابىقىسىدە تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#