ھەقىقىي قەنت سىيىش كېسىلى

ھەقىقىي قەنت سىيىش كېسىلى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتما بەزلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتى بۇزۇلۇپ، قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قاندىكى قەنتنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كلىنىكىدا كۆپ يېيىش، كۆپ ىئچىش، كۆپ سىيىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى ھەقىقىي قەنت سىيىش كېسىلى
تەۋە بۆلۈم
ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 糖尿病
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان ئاستى بەز ئارالىچىنى غىدىقلاپ بەز ھۈجەيرىنى زەخىملەندۈرۈپ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىشى بىلەن بىرگە، ئىنسۇلىنغا قارشى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسۇلىن يېتىشمەي، قاندىكى قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قان قەنتنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بەز راكى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا ياكى ھەر خىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ مەلۇم قىسمىنى كېسىۋەتكەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ئىنسۇلىن يېتىشمەي قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قان قەنتى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4. روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى تەسىرىدىن قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش مەركىزىنىڭ خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىپ ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي، قان قەنتىنىڭ يۇقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. مېڭە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مېڭە سىلكىنىش، مېڭە ياللۇغى ۋە ھەرخىل مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن دۆڭچە مېڭە ئاستى قىسمىدىكى قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش مەركىزىنىڭ خىزمەت پائالىيىتى تەسىرىگە ئۇچراپ، قان قەنتنى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6.باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زىيادە سېمىزلىك، ھامىلىدارلىق، ھەرخىل يۇقۇملىنىش، زەخىملىنىش، ئوپېراتسىيە قاتارلىقلار سەۋەبىدىن قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قان قەنتى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قەنت سېيىش كېسەللىكى كۆپىنچە ئوتتۇرا ياش، ياشانغان، بەدىنى سېمىز كىشىلەردە پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ. بەزىلەر يەنى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلاردا كېسەللىك تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولىدۇ. دەسلەپتە بىمارنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى بولۇپ، ھېچقانداق ئالامەت ئىپادىلەنمەيدۇ. پەقەت تەكشۈرۈش جەريانى تاسادىپىي سۈيدۈكتە قەنت بايقىلىدۇ. تەدرىجىي ئېغىرلىشىشقا ئەگىشىپ ھېرىپ-چارچاش، ماغدۇرسىزلىق، روھىي كەيپىياتى سۇسلىشىش، بەدىنى يۇقۇملىنىشقا مايىل بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ھەقىقىي قەنت سىيىش كېسىلى1. كۆپ سىيىش بولىدۇ. قاندىكى قەنت زىيادە يۇقىرىلاپ بۆرەك شارچىسىدىن سۈزۈلۈپ چىققان گىلۇكوزا مىقدارى بۆرەك كانالچىسىنىڭ قايتا سۈمۈرۈش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كۆپ مىقداردىكى گىلۇكوزا سۈيدۈكتىن چىقىپ كېتىدۇ. سۈيدۈك قېتىم سانى ۋە مىقدارى كۆپىيىپ سۈيدۈك مىقدارى كۈنىگە 3000-5000ml گە يېتىدۇ ياكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئېغىرلاردا سۇسىزلىنىش پەيدا بولىدۇ.

2.كۆپ ئىچىش بولىدۇ. سۈيدۈك زىيادە كۆپىيىپ بەدەن ئىچىدە سۇسىزلىنىش ۋە قان پلازما ئوسموس بېسىمى زىيادە يۇقىرىلاش قاتارلىقلار ئۇسساش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ. سۈيدۈك مىقدارى بىلەن ئىچىدىغان سۇ مىقدارى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

3.كۆپ يېيىش بولىدۇ، قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى قەنتنىڭ كۆپ قىسمى سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كەتكەنلىكتىن، قاندىكى قەنت گەرچە يۇقىرى بولسىمۇ، تولۇق ئوكسىدلىنىپ پارچىلىنىپ، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئورگانىزم يېرىم ئاچ ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى بىمارلاردا داۋاملىق قورساق ئېچىش سېزىمى بولۇپ، ئىشتىھاسى كۆپىيىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ ئىشتىھاسى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ تاماقتىن سەسكىنىش پەيدا بولسا، كىتوندىن زەھەرلىنىش بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش لازىم.

4. ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق بولىدۇ. كۆپىنچە كېسەللىكلەرنىڭ دەسلەپتە بەدىنى سېمىز بولسىمۇ، لېكىن قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش بىلەن بىرگە، ماي ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشى كۈچىيىپ كېتىپ كۆپ مىقداردا سەرپ بولغانلىقتىن كۆپىنچە ئورۇقلاش، مۇسكۇللار يىگىلەش، ئاسان چارچاش كېلىپ چىقىدۇ.

5.يۇقىرىقىلاردىن باشقا تېرىلەردە قىچىشىش بولىدۇ. ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسىدا كۆپ ئۇچراىدۇ. بۇ قەنت سىيىش بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا يەرلىك ئورۇندا ھۆل تەمرەتكە ياكى زەمبۇرۇغتىن يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇچىلەر تېلىپ ئاغرىيدۇ، قولىشىدۇ، بەل، دۈمبە قىسمى تېلىپ ئاغرىيدۇ، ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، ئورۇقلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

2. لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

 1 سۈيدۈك تەكشۈرۈش

ھەقىقىي قەنت سىيىش كېسىلىسۈيدۈكتە قەنت مۇسپىي بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى قانچە ئېغىر بولسا، سۈيدۈكتىكى قەنتمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى بىلەن سۈيدۈكتىكى قەنتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. سۈيدۈكنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى يۇقىرىلاپ 

1.030-1.040 دىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. كىتوندىن زەھەرلىنىش باسقۇچىدا سۈيدۈكتىكى كىتون مۇسپىي بولىدۇ.

2 قان تەكشۈرۈش

قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ. نورمالنى ئەھۋال ئاستىدا ئاچ قورسقا ۋاقىتتىكى قاندىكى قەنت %80-120mg بولۇپ، تاماقتىن كېيىن تەخمىنەن ئىككى سائەت ئىچىدە %160-180 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئادەتتە ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قاندىكى قەنت مىقدارى  

% 120mg دىن ئېشىپ كەتسە، قان قەنتى يۇقىرىلاش دەپ قارىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا قان قەنت يۇقىرىلاپ  %500mg دىن ئېشىپ كېتىدۇ

ساختا قەنت سىيىش كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ساختا قەنت سىيىش كېسىلىدىكى قاندىكى قەنت مىقدارى نورمال بولۇش، سۈيدۈكتە قەنت كۆرۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، كېسەللىك جەريانى قانچە ئۇزۇن بولۇپ، داۋالاش مۇۋاپىق بولمىغانلاردا قوشۇمچە كېسەللىكلەرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

1. كىتوندىن زەھەرلىنىش ۋە ھوشسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ۋە يۇقۇملىنىشقا قارىتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغاندا يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، قان تومۇر قېتىش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈ پچىقىرىدۇ.

3. ھەرخىل يۇقۇملىنشى خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

 (1 تېرىلەردە ھەرخىل يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى چىيقان، غەلۋىرەك قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.

 (2 ئۆپكە سىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا قەنت سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغان كىشلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈچتىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

 (3 ئۆت خالتا ياللۇغى، بۇرۇن يان كاۋىكى ياللۇغى، چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

. 4بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئەتراپ نېرۋا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. كۆرۈش تور پەردە كېسەللىكى ۋە تراخۇمانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2.باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ، قايسى خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئاشقازان ئاستى بەز خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4.كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن بۆرەكنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرى بىلەن مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

قان قەنتنى تۆۋەنلىتىش، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.

توقۇلمىلارنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش ئۈچۈن سېمىز ئوت ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئىسپىغۇل 20 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا دورىلارنى سۇغا چىلاپ شىرنىسى چىقىرىۋېلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

چىگىت مېغىزى سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ، سۈزۈپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا بۇزۇرى شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، رۇببىسۇس، ئاق سەندەل، ئاقاقىيا، سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، چۆبچىن، ئانار پوستى 30گرامدىن، تاباشىر، ئىزخىر 50 گرامدىن، ئەفتىمۇن ئالتە گرام، نېلۇپەر 60 گرام، شاقاقۇل 21 گرام، مۇزا 20 گرام، زەپەر 10 گرام، پىلە قۇرتى 100 گرام، قارا ھېلىلە 26 گرام، قىزىلگۈل 70 گرام، گىل ئەرمىنى 120 گرام، مېھرىگىياھ 50 گرام، سۇماق 15 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ تالقانلاپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، 0.5 گرامدىن ھەب تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سۇفوپى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامنى ئاچچىق ئانار سۈيى بىلەن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

سۇفۇپى سەندەل نۇسخىسى:

ئاق سەندەل، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، كەتىرا، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، نىشاستە 10 گرامدىن، ئانارگۈلى، سۇماق، بەللۇت ئىككى گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە سۇفۇپ تەييارلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى نۇسخىلار بويىچە تەييارلانغان قۇرسى زىيابىتوسنىڭ بىرىنى تاللاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قۇرسى زىيابىتوس نۇسخىسى

 سېمىز ئوت ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، يۇمغاقسۈت، گىل ئەمرىنى بەش گرامدىن، رۇببىسۇس، تاباشىر ئۈچ گرامدىن، ئانار گۈلى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، ئاقاقىيا، سەمغى ئەرەبى ئىككى گرامدىن، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل تۆت گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، دورا تالقانلىرىنى قائىدە بويىچە ئاچچىق ئانار سۈيىدە يۇغۇرۇپ قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.

قۇرسى زىيابىتوس نۇسخىسى

 تاباشىر، روببىسۇس، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، قورۇلغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئاق سەندەل، ئانارگۈلى، گىل ئەرمىنى، سۇماق، سەمغى ئەرەبى ئۈچ گرامدىن، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى 10 گرامدىن، كافۇر 0.4 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ تالقانلاپ، ھۆل سېمىز ئوت يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرس تەييارلىنىدۇ.

قۇرسى زىيابىتوس نۇسخىسى

 سېمىزئوت ئۇرۇقى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى توققۇز گرامدىن، تاباشىر، رۇببىسۇس تۆت گرامدىن، سەدەب، كەھرىۋا، دېڭىزىيا، ھومماز ئۇرۇقى، ئانارگۈلى، سۇماق پوستى، ئاق سەندەل، سەمغى ئەرەبى، كافۇر، ئەپيۇن ئىككى گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.

ئاچچىق ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، قاپاق شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، غورا شەربىتى كۈندە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، قۇرسى تاباشىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، قۇرسى كافۇر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3~2 دانىدىن، قۇرسى گۈل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، قۇرسى ماسكەلبەۋىل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، ھەببىي ئازاراقى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن، مەجۇنى ئازاراقى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، قۇرس ئىمساك كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، جاۋارىش كۇندۇر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، سۇفۇپى زىيابىتوس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن، تۇرۇنجى شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، لىمون شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىتىردىن يۇقىرىدىكىلەر تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن بۆرەكنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە لۇبوپى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھە رقېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى سۆئىلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش زەرئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ماددەتۇل ھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خىمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغاندا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماي داۋاملىق ئېغىرلاشقاندا ھەمدە كىتوندىن زەھەرلىنىپ يۈرەك خىزمتى تولۇق بولماسلىق ۋە بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى، شۇنداقلا بەدەندىكى باشقا ئەزالارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولسا، غەرب تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، قەنت مىقدارى كۆپ بولغان، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2.  ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى، قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. چۈنكى يېمەك-ىئچمەك ئارقىلىق داۋالاش قەنت سېيىش كېسىلىنى داۋالاشنىڭ بىر خىل ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن غورا سۈيى، ئەينۇلا سۈيى، ئارپا سۈيى، نوقۇت ئېشى، ئارپا نېنى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.

3. كۆپ ئۇخلاشتىن، پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرىدىن، ھاراق ئىچىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، تاتلىق نەرسىلەرنى يېيىشتىن، ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرۇش ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش قەنت سېيىش كېسەللىكىنى داۋالاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى، شۇڭا قەنت سىيىش كېسىلىنى داۋالاشتا بىمارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەت قىلدۇرۇش لازىم. مۇھىت تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەش، بىمارغا قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ ئۆمۈرلۈك كېسەل ئىكەنلىكىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ ئۆز كېسىلىگە دائىر بىلىملەرنى پۇختا ئۆگىتىش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=818

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#