ليۇكسېمبۇرگ

ليۇكسېمبۇرگ

لېنىن تەرىپىدىن ئاسماننىڭ قەرىدە پەرۋاز قىلىدىغان قىران بۈركۈتكە ئوخشىتىلغان بۇ ئايال پولشا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، 2-ئىنتېرناتسىئونال سولچىلىرىنىڭ داھىيسى ليۇكسېمبۇرگدۇر. ئۇ 1871-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى پولشادىكى بىر يەھۇدىي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ليۇكسېمبۇرگ
باشقا نامى روسا ليۇكسېمبۇرگ
مىللىتى يەھۇدىي
تۇغۇلغان ۋاقتى 1871-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
كەسپى نەزەرىيىچى ، سىياسىي پائالىيەتچى
خەنزۇچە ئىسمى 罗莎·卢森堡
دۆلەت تەۋەلىكى گىرمانىيە
يۇرتى پولشا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1919-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ليۇكسېمبۇرگلېنىننىڭ مۇنداق بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆزى بار: «بۈركۈت بەزىدە توخۇدىنمۇ پەس ئۇچىدۇ، ئەمما توخۇ مەڭگۈ بۈركۈتتەك ئېگىز ئۇچالمايدۇ.» لېنىن تەرىپىدىن ئاسماننىڭ قەرىدە پەرۋاز قىلىدىغان قىران بۈركۈتكە ئوخشىتىلغان بۇ ئايال پولشا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، 2-ئىنتېرناتسىئونال سولچىلىرىنىڭ داھىيسى ليۇكسېمبۇرگدۇر. ئۇ 1871-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى پولشادىكى بىر يەھۇدىي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدە ۋىجىك، ئاغرىقچان، سەل ئاقساپ ماڭىدىغان بالا بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئىرادىلىك، ئەقىللىق، تىرىشچان ئىدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ۋارشاۋا 2-قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى تەرىپىدىن «ئەڭ ئىستىداتلىق، ئەڭ قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچى» دەپ ئاتالغان، ئەمما ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان چاغدا، ئىدىيەسى بەك ئازاد، مەكتەپ مۇدىرىغا قارشى چىققان، دېگەن سەۋەب بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىنقىلاب يولىغا ماڭغان.

ليۇكسېمبۇرگ1889-يىلى ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شۋېتسارىيەگە قېچىپ بېرىپ، سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ھەمدە تەدرىجىي مۇستەھكەم ماركسىزمچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 1893 -يىلى، ئۇ پولشادىكى تۇنجى پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيەسى − سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنى قۇرغان. 1897-يىلى يالغاندىن توي قىلىپ، رەسمىي گېرمانىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ھەمدە بېرلىنغا كۆچۈپ كېلىپ، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇ دائىم ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، مول بىلىمى، تەسىرلىك نۇتۇقلىرى، ئۆتكۈر ئىدىيىلىك ماقالىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. بېرنىشتېيىن ماركسىزمنى ئومۇميۈزلۈك «تۈزىتىش» نى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇ ھەممىدىن ئاۋۋال كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بېرنىشتېيىنىزمنى سىستېمىلىق تەنقىد قىلغان، لېنىن ئۇنى «ھەقىقىي ئىنقىلابىي پرولېتارىيات ماركسىزمىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى» دەپ تەرىپلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا ۋە سوتسىيال شوۋىنىزمغا قەتئىي قارشى تۇرغان. 2-ئىنتېرناتسىئونال شتۇتگارت قۇرۇلتىيىدا، ئۇ لېنىن بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەشھۇر لېنىن، ليۇكسېمبۇرگ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەت پرولېتارلىرىغا توغرا لۇشيەن تۈزۈپ بەرگەن. 

ليۇكسېمبۇرگئۇ بىرنەچچە قېتىم تۈرمىگە تاشلىنىپ، پۈتۈن بەدىنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، ھەرقانداق كۈرەش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويمىغان. دۈشمەننىڭ سوتخانىسى ئۇنىڭ ئىنقىلاب قائىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇنبىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئاقلاش سۆزلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارالغان. ئۇ قاراڭغۇ، زەي، پىت-بۈرگە بېسىپ كەتكەن زىنداندا «يۇنئۇسنىڭ كىتابچىسى»،«تۈرمىدىكى خەت-چەكلەر» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. 1918-يىلىدىكى گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ شۇ كۈنىلا كوچىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قاتناشقان، كېيىن يەنە سولچى تەشكىلات − «سپارتاكچىلار ئىتتىپاقى» نى تەشكىللەپ، يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب دولقۇنى ئالدىدا، «كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» شوئارىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغان. 12-ئاينىڭ30-كۈنى، يەنە لېبكنېخت قاتارلىق ئىنقىلابچىلار بىلەن بىللە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرغان. ئېبېرت ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى 1919-يىلى 1-ئايدا پارتلىغان كۈرەشنى باستۇرغاندىن كېيىن، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ليۇكسېمبۇرگ، لېبكنېخت قاتارلىق ئىنقىلابچىلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى سوراق قىلا-قىلمايلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ليۇكسېمبۇرگنىڭ جەسىتى سىم بىلەن باغلىنىپ، لانۋېر قانىلىغا تاشلىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ جەسىتى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىنىپ، بېرلىنغا دەپنە قىلىنغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#