نىياگارا شارقىراتمىسى

نىياگارا شارقىراتمىسى

نىياگارا شارقىراتمىسى كانادا بىلەن ئامېرىكىنىڭ چېگراسىدىكى نىياگارا دەرياسىدا بولۇپ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گاتى ئارىلى شارقىراتمىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى نىياگارا شارقىراتمىسى
چەتئەلچە نامى Niagara Falls
خەنزۇچە نامى 尼亚加拉瀑布
تەۋە دۆلەت كانادا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىياگارا شارقىراتمىسىنىياگارا شارقىراتمىسى كانادا بىلەن ئامېرىكىنىڭ چېگراسىدىكى نىياگارا دەرياسىدا بولۇپ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گاتى ئارىلى شارقىراتمىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ. شارقىراتمىنىڭ كانادا چېگراسىدىكى ئېگىزلىكى 56 مېتىر، كەڭلىكى 670 مېتىر كېلىدۇ، ئامېرىكا چېگراسىدىكى ئېگىزلىكى 58 مېتىر،كەڭلىكى 320 مېتىر كېلىدۇ.

نىياگارا شارقىراتمىسى سۇنىڭ يالىشىدىن ھاسىل بولغان ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك مەنزىرە بولۇپ، شارقىراتما ئورنى 1842- يىلىدىن 1905- يىلغىچە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 170 سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يۇقىرى ئېقىنغا سۈرۈلگەن. ئامېرىكا، كانادا ھۆكۈمەتلىرى شارقىراتمىنى قوغداش ئۈچۈن، تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى قىلىپ، شارقىراتمىنىڭ تاغ جىنىسلىرىنى ئۇپرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

تۈزۈلۈشى 

نىياگارا شارقىراتمىسى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان، چوڭدىن كىچىككىچە تەرتىپ بويىچە : تاقىسىمان شارقىراتما (Falls شارقىراتمىسى)، ئامېرىكا شارقىراتمىسى (American Falls شارقىراتمىسى) بىلەن قىز چۈمبەل شارقىراتمىسى (of the Falls شارقىراتمىسى). 

تاقىسىمان شارقىراتما كانادا چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ شەكلى ئات تۇيىقى شەكلىدە؛ ئامېرىكا شارقىراتمىسى ئامېرىكا چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان، ئۆچكە ئارال ئارقىلىق ئايرىلىدۇ. قىز چۈمبەل شارقىراتمىسى ئامېرىكىنىڭ تەۋەسىدە، ئاي ئارىلى تەرىپىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى 

 نىياگارا شارقىراتمىسى سۈيىنىڭ يالىشى بىلەن ھاسىل بولغان نىياگارا جىلغىسى بىر خىل ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك شاائىتنى شەكىللەندۈرگەن، شارقىراتما سۈيىنىڭ توختىماستىن ئۇرۇلۇپ يالىشى نەتىجىسىدە شارقىراتما ئورنى 1842-يىلىدىن 1905-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 170 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا يۇقىرى ئېقىن تەرەپكە سۈرۈلگەن.

كىلىماتى 

نىياگارا شارقىراتمىسى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇلۇق خاراكتېرىدىكى نەم كىلىماتىغا كىرىدۇ. 

سۇ رايى

نىياگارا شارقىراتمىسى كانادا ئونتارىئو ئۆلكىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك چېگرىسىغا جايلاشقان، ئېرى كۆلى ۋە ئونتارىئو كۆلىنىڭ بىر سۇ يولى، دەريا ئەگرى-بۈگرى ئەگرى-توقاي، جەنۇبتا ئامېرىكا نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ بۇففالو، شىمالىي كانادا ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ ياڭ بازىرى، ئۇزۇنلۇقى ئاران 54 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بولسا 174 مېتىر تۈز يەرلىرى 75 مېتىرغىچە، يۇقىرى ئېقىنى دەريا كەڭلىكى 2-3كىلومېتىر، سۇ يۈزى چۈشۈش پەرقى ئاران 15 مېتىر، سۇئېقىنى بىر قەدەر ئاستا. 

ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئېچىشى 

شارقىراتمىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى زور مىقداردىكى سۇدىن توك چىقىرىپ پايدىلىنىش ئارقىلىق يالىنىش سۈرئىتىنى كېمەيتىش. يۇقىرى ئېقىمدىكى تۈرلۈك ئەپچىل لايىھەلەنگەن تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپتىكى شارقىراتما ئېقىم مىقدارىنى تەكشى قوشۇپ ھەم شارقىراتما سۇ پەردىسىگە ئايرىپ شۇنداقلا تەسىرگە ئۇچراتماسلىق. چوڭ شارقىراتمىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بىر قىسىم سۇ ئېقىمى تەرىپىدىن 4 چوڭ يول ئارقىلىپ كىرگۈزۈپ، تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ھەر قايسى ئېلېكتر ئىستانسىسىىنى ئىشلىتىش. 

ساياھەتچىلىكى

نىياگارا شارقىراتمىسىئامېرىكا بىلەن كانادا ئىككى دۆلەت ساياھەت تەرەققىياتىدا نىياگارا شارقىراتمىسىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى، نىياگارا شارقىراتمىسى بولسا ساياھەت رايونى بولۇپ قالغان. 1888-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، نىياگارا شارقىراتمىسى باغچىسى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. نىياگارا شارقىراتمىسى ساياھەت شەھىرى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشقا، 1885-يىلى كانادا يېڭى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، كانادا ھۆكۈمەت نىياگارا باغچىسى باشقۇرۇش كومىتېتى بەرپا قىلغان، بۇ رايونلارنىڭ تەبىئىيلىكىنى، ئانتروپولوگىيىلىك خارابە، يىرىك پىلان مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى قوغداشقا مەسئۇل، ئونتارىئو ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنە نىياگارا شارقىراتمىسى ئەتراپىدىكى 3000 ئىنگلىز مو يەرنى دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئېلىپ، ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#