جۇگې لياڭ

جۇگې لياڭنىڭ ئىسمى كۇڭمىڭ بولۇپ، لاڭشيېگە قاراشلىق ياڭدۇ (ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يىشۇي رايونى) دىن. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئۇ لۇڭجۇڭدا تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ، تېرىقچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن. ئۇ ھەربىي تەدبىرلەرگە ئۇستا، پەم-پاراسەتلىك بولغاچقا، دائىم ئۆزىنى گۇەن جۇڭ، يۆيىلارغا ئوخشىتىپ يۈرگەن، كىشىلەر ئۇنى «ۋولۇڭ(ياتقان ئەجدىھا) » دەپ ئاتاشقان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇگې لياڭ
خەنزۇچە ئىسمى 诸葛亮
باشقا نامى 孔明,卧龙، كۇڭمىڭ
كەسپى سىياسىئون ، ھەربىي ئالىم
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە 181-يىلى
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيە 234-يىلى
مىللىتى خەنزۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، لۇڭجۇڭ تېغى (بۈگۈنكى خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ رايونىنىڭ غەربىدە) نىڭ ۋولۇڭگاڭ دېگەن يېرىدىكى بىر كەپىدە بىر ياش ليۇ بېيگە جاھاننىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ بېرىپ: «ھازىر ساۋ ساۋنىڭ قولىدا مىليون كىشىلىك لەشكەر بار، ئۇ خاننى قىستاپ تەرەپ-تەرەپكە پەرمان چۈشۈرگۈزەلەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يېنىكلىك بىلەن ئېلىشىمەن دېمەسلىك لازىمدۇر. سۇن چۈەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىنى بېسىپ ياتىدۇ، ئۇ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تەبىئىي خەتەرلىك شەرت-شارائىتىدىن پايدىلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا مايىل، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىختىساسلىق كىشىلەر نۇرغۇن. ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكىلا بولىدۇ. ئۇنى پەنت ئىشلىتىپ قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. جىڭجۇ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي، يىجۇ ئاسان مۇداپىئە قىلغىلى بولىدىغان، ھۇجۇم قىلىش تەس بولغان جاي، ئۇنىڭ ئەزەلدىن «تەبىئىي باي ئەل» دېگەن نامى بار. سانغۇن جانابلىرى، ئۆزلىرى جىڭجۇ، يىجۇلارنى ئىگىلىسىلە، غەربىي جەنۇبتىكى مىللەت − ئۇلۇسلارنى ئەمىن تاپتۇرۇپ، سۈن چۇەن بىلەن بىرلىشىپ، سىياسىي ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىپ، شىمالدا ساۋ ساۋغا ھۇجۇم قىلىپ، پۇرسەت كۈتۈپ، جاھاننى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىلا» دەيدۇ. بۇ ياش كىشى ليۇ بېيغا ئۈچ پادىشاھلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە جاھاننى قولغا ئېلىشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى تۈزۈپ بېرىدۇ. ليۇ بېي ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېلىقى كەپىگە ئۈچ قېتىم كېلىپ، بۇ ياش كىشىنى تاغدىن چىقىپ ياردەم بېرىشكە قەتئىي تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالغانىدى. بۇ كىشى باشۇ بەگلىكىنىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى ۋەزىرى جۇگې لياڭ (181-234-يىللار) بولۇپ، شۇ چاغدا ئاران 27 ياشقا كىرگەنىدى.

 207-يىلى، ليۇ بېي ئۇنى يوقلاپ كەپىسىگە ئۈچ قېتىم بېرىپ، ئۇنىڭ تاغدىن چۈشۈشىنى ئىلتىجا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ليۇ بېيغا ياردەملىشىپ، باشتا سۈن چۇەن بىلەن بىرلىشىپ، چىبى جېڭىدە ساۋ ساۋنى مەغلۇپ قىلغان، ئاندىن جىڭجۇ بىلەن يىجۇنى تارتىۋېلىپ ھاكىمىيەت قۇرغان. 221-يىلى، ليۇ بېيغا رەسمىي پادىشاھ بولۇش، دۆلەتكە خەن دېگەن نامنى قويۇش مەسلىھەتىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن.

مىلادىيە 223-يىلى ليۇ بېي ئۆلگەندىن كېيىن، جۇگې لياڭ ليۇ چەنگە ياردەمدە بولغان ھەمدە ئۇنىڭغا ۋۇتياڭ بېگى نامى بېرىلگەن، يىجۇ ئايمىقىنى ئالغان. ليۇ چەن قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەم بولغاچقا، دۆلەتنىڭ بارلىق چوڭ ھەربىي ئىشلىرىنى جۇگې لياڭ قارار قىلغان. ئۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى پائال يولغا قويۇپ، تارتۇقلاش بىلەن جازالاشنى ناھايىتى ئېنىق پەرقلەندۈرگەن. چوڭ ۋەزىرلەردىن لى يەن بىلەن لياۋ لى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندا، پۇقرالىققا چۈشۈرۈۋېتىلگەن. ئۇلار جازالىنىپمۇ ھەرگىز ئاغرىنمىغان. ئۇ بىر تۈركۈم قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئەمەلدارلىققا قويغان ھەمدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، خەلقنى تۇرمۇش جەھەتتىن خاتىرجەم قىلغان. جۇگې لياڭ جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا» يارىشىش «سىياسىتىنى قوللىنىپ، توپىلاڭچىلارنىڭ ئاقساقىلى مېڭ خونى يەتتە قېتىم تۇتۇۋېلىپ، يەتتە قېتىم قويۇپ بېرىپ، ئاخىرى نەنجۇڭنى تىنچىتقان. ھەربىي جەھەتتە، ئۇ ۋۇ بەگلىكى بىلەن بىرلىشىپ، ۋېي بەگلىكىگە قارشى تۇرغان. قوشۇننى قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇپ، بەش قېتىم لەشكەر تارتىپ ۋېي بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلغان، كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پەرق ناھايىتى زور بولغاچقا، غەلىبە قازىنالمىغان. ئۇ يەنە «ياغاچ كالا، ئاقار ئات» دېگەن توشۇش قورالىنى كەشىپ قىلىپ، تاغلىق جايلارنىڭ قاتناش-نەقلىيات ئىشلىرىنى ياخشىلىغان، ئۈزۈلدۈرمەي ئاتقىلى بولىدىغان كامان ئىجاد قىلغان.

جۇگې لياڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزگەن، گەرچە ئۆزى ۋەزىر بولغان بولسىمۇ، ئائىلىسىدە جىق دۇنياسى بولمىغان، پەقەت «800 تۈپ ئۈجمىسى، 15 مو ناچار يېرى» لا بولغان. جيەنشىڭنىڭ 12-يىلى (234-يىلى) ئۇ ۋېي بەگلىكىنىڭ سانغۇنى سىما يۇڭ بىلەن ۋېيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا تۇتۇشۇۋاتقاندا، جاڭيۇەن (بۈگۈنكى شەنشى ئۆلكىسى مېيشيەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدا) دە كېسەلدىن ساقىيالماي ۋاپات بولغان. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىگە بېغىشلىغان. ئۇنىڭ «ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر سادىق-سەمىمىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىش» روھى كېيىنكىلەر تەرىپىدىن مەدھىيىلىنىپ كەلمەكتە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#