ئۇيغۇرچە نامى ئويتاغ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 4443 ئادەم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 奥依塔克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقتۇ ناھىيەسى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئويتاغ بازىرىئويتاغ بازىرىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى ئاتۇش شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 721 كىلومېتىر، ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرى غەربىي جەنۇب يۆنىلىشكە 22 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2820 مېتىر كېلىدۇ. جۇڭگو-پاكىستان تەۋەسىدىكى تاش يول بازارنى جەنۇبتىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قولاي. تەۋەلىكىدىكى شەرق-غەرب ئۇزۇنلۇقى 58 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 52 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 1537 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قارىمىقىدا تۆت مەمۇرىي كەنت، 16 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار، نوپۇسى 1205 ئائىلە، 4443 ئادەم. پۈتۈن بازاردا 150.5 گېكتار تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، ئورمان كۆلىمى 1174.5 گېكتار، ئوتلاق كۆلىمى 1155 گېكتار، يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بازىرى.  

ئويتاغ بازىرىئويتاغ بازىرى كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، تەۋەلىكىدىكى ھاۋا سالقىن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃7.8 بولىدۇ، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.1-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃20.8، قىروسىز مەزگىلى 200 ~ 130 كۈن بولىدۇ. ئاساسلىق سۇ سېستىمىسى گەز دەرياسى، سۇ بايلىقى بىر قەدەر مول. پۈتۈن بازار ئىگىلىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تەڭ شۇغۇللىنىدۇ. گەز دەريا جىلغىسىدىكى ئىككى قىرغاقنىڭ يېرى مۇنبەت، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق قاتارلىقلار بار. 

ئويتاغ بازىرىئويتاغ بازىرى تەۋەسىدە ئۇلار، جەرەن قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانلار؛ تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، كۆمۈر، مايلىق سلانېتس، ھاك تاش، تاش مۇم، سېغىز توپا، زېئولىت قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. 

ئويتاغ بازىرىدا ساياھەت بايلىقىدىن مۇزلۇق باغچىسى، رەڭلىك تاغ قاتارلىقلار بار.

مۇزلۇق باغچىسى

ئويتاغ بازىرىساياھەت بايلىقىدىن داڭلىق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزلۇق باغچىسى بار، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋا كىلىماتى سالقىن، ئىسسىقتىن پاناھلىندىغان ۋە ساياھەت قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي.

رەڭلىك تاغ

ئويتاغ بازىرىرەڭلىك تاغ «بەش خىل رەڭلىك تاغ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يېرىق مەنزىرىلەرنىڭ بىرى، ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى 314-دۆلەت يولى يېنىدا. پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق ئىچىدە ، ھەممىلا يەردە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاغ بۇلۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، ئاجايىپ-غـارايىپ. بەزىدە ئوخشاش بىر تاغ ئىچىدە قارا، ئاق، سېرىق، قىزىل، كۆك قاتارلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭلەرنى كۆرگىلى بۇلىدۇ، رەڭلەر توغرىسىغا گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. پامىر ئېگىزلىكىدىكى رەڭدار تاغ يېنىدا، يارداڭ يەر شەكلى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ ياسىلىشى جانلىق، ئوبرازلىق. رەڭلىك تاغ ۋە يارداڭ يەر شەكلى يۇقىرى ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. 

ئويتاغ بازىرىئويتاغ بازىرى قارىمىقىدا تۆت ئاھالە كومىتېتى بار: ئويتاغ كەنتى، پىلال كەنتى، ئاتئويناق كەنتى، چالما ئېرىق كەنتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#