نيۇتون

نيۇتون-يەر شارىدا ياشىغان تەسىرى ئەڭ زور ئالىم. ئۇ گالىلېي ۋاپات بولغان كۈنى تۇغۇلدى، ئۇ تۇغۇلۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەنىدى. نيۇتوننىڭ بالىلىق دەۋرىدىلا ئەپچىل مېخانىزاتسىيىلىك قۇرۇلمىلارنى ياساش قابىلىيىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى.


ئۇيغۇرچە ئىسمى نيۇتون
باشقا نامى Isaac Newton
تۇغۇلغان ۋاقتى 1643-يىلى
كەسپى فىزىكا ئالىمى ،ماتىماتىكا ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 艾萨克·牛顿
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1727-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نيۇتوننيۇتون-يەر شارىدا ياشىغان تەسىرى ئەڭ زور ئالىم. ئۇ گالىلېي ۋاپات بولغان كۈنى تۇغۇلدى، ئۇ تۇغۇلۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەنىدى. 

نيۇتوننىڭ بالىلىق دەۋرىدىلا ئەپچىل مېخانىزاتسىيىلىك قۇرۇلمىلارنى ياساش قابىلىيىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. گەرچە ئۇ چېچەن ھەم زېرەك بالا بولسىمۇ، مۇئەللىملەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىغانىدى. بالاغەت يېشىغا يەتكەندە، ئانىسى ئوغلىنى كاتتا دېھقان قىلىپ چىقىش ئارزۇسى بىلەن ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالدى، بەختكە يارىشا، ئۇنىڭ تالانتى ئۇنى دېھقانچىلىق ساھەسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىش بىلەن قانائەت تاپقۇزمىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ 18 يېشىدا كامبىرىد داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان تەبىئەت ۋە ماتېماتىكا بىلىملىرىنى تېزدىن ئىگىلەپ بولۇپلا، ئۆزىنىڭ مەخسۇس تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ 21 يېشىدىن 27 يېشىغىچە ئۆزىگە لازىملىق پەنلەرنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى سېلىۋالدى. نەتىجىدە، بۇ ئۇنىڭ كېين دۇنيادا بىر قېتىملىق ئىلىم-پەن ئىسلاھاتىغا سەۋەبچى بولدى. 

ئۇنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان تۇنجى بايقىشى-نۇرنىڭ ماھىيىتى ئىدى. بىر يۈرۈش قاتتىق تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، نيۇتون ئادەتتىكى نۇرنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەتتە خىل رەڭلىك نۇردىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ بىر مەھەل ئوپتىكا تەتقىقاتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىرىنچى رېفلېكتورلۇق تېلىسكوپنى ياساپ چىقتى. بۇ ئاسترونومىيىلىك تېلېسكوپ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر رەسەتخانىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. 

ماتېماتىكا ساھەسىدە دىففېرېنسىئال-ئىنتېگراللىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىش، ئۇنىڭ ئەڭ زور ئىلىم-پەن نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇ زور كەشپىياتلىرى، بىزنىڭ ئۇنىڭغا مۇشۇ ئىسىملىكلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم جايىدىن ئورۇن بېرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

نيۇتونئەمەلىيەتتە، نيۇتوننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتى مېخانىكا ساھەسىدىكى كەشپىياتى ئىدى. بۇ جىسىمنىڭ ھەرىكەت قانۇنىنى چۈشەندۈرىدىغان پەن ئىدى. بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنىنى گالىلېي كەشىپ قىلغان. بۇ قانۇن شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەگەر جىسىم تىنچ ياكى تەكشى سۈرئەت بىلەن تۈز لىنىيىلىك ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرغاندا، ئەگەر تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسىلا، ئۇ يەنىلا تىنچ ياكى ئۈزلۈكسىز تەكشى سۈرئەتتە تۈز لىنىيىلىك ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ قانۇن ئېنېرتسىيە قانۇنىمۇ دېيىلىدۇ. ئۇ كۈچنىڭ بىر خىل ماھىيىتىنى يەنى، كۈچ جىسىمنى تىنچ ھالەتتىن ھەرىكەتكە ۋە ھەرىكەتتىن تىنچ ھالەتكە كىرگۈزەلەيدۇ ۋە يەنە جىسىمنى بىر خىل ھەرىكەت ھالىتىدىن يەنە بىر خىل ھەرىكەت ھالىتىگىمۇ كىرگۈزەلەيدۇ دېگەننى بايان قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا بۇ نيۇتوننىڭ بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنى دەپ ئاتالدى. 

مېخانىكىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە جىسىمنىڭ ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا قانداق ھەرىكەت قىلىشى، نيۇتوننىڭ ئىككىنچى ھەرىكەت قانۇنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. بۇ قانۇن كلاسسىك فىزىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي قانۇن دەپ قارىلىدۇ. نيۇتوننىڭ ئىككىنچى ھەرىكەت قانۇنى، كۈچى جىسىمنىڭ ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى تەپسىلىي سان ئارقىلىق بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ سۈرئەتنىڭ ۋاقىت ئۆزگىرىش نىسبىتى(يەنى تېزلىنىش a) بىلەن كۈچ F توغرا تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى، جىسىمنىڭ ماسسىسى m بىلەن تەتۈر تاناسىپتا، يەنى F = ma ياكى a = F/m بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ كۈچ قانچىكى چوڭ بولسا، تېزلىنىشمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ؛ ماسسا قانچىكى چوڭ بولسا، تېزلىنىش شۇنچە كىچىك بولىدۇ. كۈچ بىلەن تېزلىنىشنىڭ ئىككىلىسىدە ھەم مىقدار قىممىتى ھەم يۆنىلىش بار. تېزلىنىشنى كۈچ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۆنىلىش بىلەن كۈچ ئوخشاش بولىدۇ؛ ئەگەر بىرنەچچە كۈچ جىسىمغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ئۇنداقتا تەڭ تەسىر قىلغۇچى كۈچتىن تېزلىنىش ھاسىل بولغان بولىدۇ. ئىككىنچى ھەرىكەت قانۇنى ئەڭ مۇھىم قانۇن، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ بارلىق ئاساسىي تەڭلىمىلىرىنى ئۇ ئارقىلىق دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرال بىلەن يەكۈنلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، نيۇتون بۇ ئىككى قانۇن ئارقىلىق ئۈچىنچى ھەرىكەت قانۇنىنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. نيۇتوننىڭ ئۈچىنچى ھەرىكەت قانۇنى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئىككى جىسىمنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدە ھامان چوڭ-كىچىكلىكى باراۋەر، لېكىن يۆنىلىشى تەتۈر بولىدۇ. بىۋاسىتە ئۇچراشقان ئىككى جىسىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قانۇننى چۈشەنمەك ئاسانراق بولىدۇ. كىتابنىڭ ئۈستەلگە نىسبەتەن تۆۋەنگە بېسىش كۈچى، ئۈستەلنىڭ كىتابنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ تۇرۇش كۈچىگە باراۋەر، يەنى تەسىر قىلغۇچى كۈچ باراۋەر ئەكس تەسىر قىلغۇچى كۈچكە، تارتىشىش كۈچىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلاننىڭ يەر شارىنى يۇقىرىغا تارتىش كۈچى سانلىق قىممەت جەھەتتىن يەر شارىنىڭ ئايروپىلاننى تۆۋەنگە تارتىش كۈچى بىلەن تەڭ بولىدۇ.

نيۇتوننىڭ ھەرىكەت قانۇنى ئىلىم-پەن ۋە دېنامىكا مەسىلىلىرىدە كەڭ تەدبىق قىلىنىدۇ. نيۇتون ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ بۇ قانۇنلىرى ئاساسەن ئاسترونومىيە ساھەسىدە تەدبىق قىلىنغانىدى. بۇ جەھەتتە، بىز نيۇتوننىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنگە ئۇل سېلىش خاراكتېرلىك ئۇلۇغ ئەسىرى «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پرىنسىپلىرى» دىن كىشىلەرنىڭ نيۇتون ئوتتۇرىغا قويغان مېخانىكا ئۈچ چوڭ قانۇنى بىلەن ئالەمنىڭ تارتىشىش قانۇنىدىن پايدىلىنىپ ئاسمان جىسىملىرىنى قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدىغانلىق قانۇنىيىتىنى قانداق قىلىپ توغرا ئۆلچەپ چىققانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭلاشقا نيۇتون يەنە ئەڭ ئۇلۇغ ئاسترونوم دەپ ئېتىراپ قىلىندۇ. ئەمدى، كىتابخانلار؛ ئاپتور نېمە ئۈچۈن نيۇتوننى نۇرغۇنلىغان سىياسىئونلاردىن، مەسىلەن، گېئورگى، ۋاشىنگتون، دىنىي ئەرباب ئىيسا ئەلەيھىسسالام، ساكيامۇنىدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. 

نيۇتونگەرچە سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەھمىيىتى زور بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئالېكساندېر Ⅲ دىن كېيىنكى 500 يىل ئىچىدىكى تۇرمۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئالېكساندېر Ⅲ دىن بۇرۇنقى 500 يىل ئىچىدە كەچۈرگەن تۇرمۇشىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق، ئوخشاشلا، ئىنسانىيەتنىڭ پائالىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىلادى 1500-يىل بىلەن مىلادىدىن ئىلگىركى 1500 يىلنىڭ ئەھۋالىدىمۇ ئوخشاشلا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرگىنى يوق. بىراق، بىز 500 يىل ئىلگىرى يېڭى پەن بارلىققا كېلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالساقلا، كۆپىنچە ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى سېزىمىز. بىزنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، خىزمەت ۋە ئىشتىن سىرتقى پائالىيەت شەكلىمىز، مىلادى 1500-يىللاردىكىدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئىلىم-پەندىكى كەشپىياتلار پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد جەھەتتىلا ئىسلاھات پەيدا قىلىپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن سىياسەت، دىنىي ئىدىيە، سەنئەت ۋە پەلسەپەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. مانا بۇ بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالىم ۋە كەشپىياتچىلارنى بۇ ئىسىملىككە كىرگۈزۈشىمىزنىڭ سەۋەبى. نيۇتون ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئىلىم-پەن نەزەرىيىسى تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكۈچى پېشىۋالارنىڭ بىرى، شۇڭلاشقا ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ھەرقانداق شەخسلەر ئىسىملىكىدە ئالدىنقى رەتنى ئىگىلەيدىغان ياكى ئالدىنقى رەتلەردىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك كىشى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (9 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    55.6%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    11.1%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    11.1%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    22.2%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#