تۇخۇمدان ئۆسمىسى

تۇخۇمدان ئۆسمىسى

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۇخۇمدان ھۈجەيرىلىرىدە نورمالسىز ئۆسۈش بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى، ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۆسمە شەكىللىنىپ كلىنكىدا قورساق ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، بېسىلىش خاراكتېرلىك ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى تۇخۇمدان ئۆسمىسى
كېسەللىك سەۋەبى ياخشى سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسىنىڭ سەۋەبى
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى تۆۋەنكى قورساق ساھەسىدە مونەك پەيدا بولىدۇ
خەنزۇچە نامى 卵巢瘤
كېسەللىك ئورنى تۇخۇمدان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۇخۇمدان ھۈجەيرىلىرىدە نورمالسىز ئۆسۈش بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى، ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۆسمە شەكىللىنىپ كلىنكىدا قورساق ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، بېسىلىش خاراكتېرلىك ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. تۇخۇمدان ئۆسمىسى ئۆسمىنىڭ خاراكتېرى، كېسەللىك جەريانىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، ئاقىۋىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن تۇخۇمدان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىسى ۋە تۇخۇمدان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. تۇخۇمدان ئۆسمىسى ئۆسمە پەيدا بولغان توقۇلمىغا ئاساسەن تەن بوشلۇقى ئېپىتېلىيىسىدە، نەسىللىنىش ھۈجەيرىسىدە، خاس جىنسىي بەز ئارىلىق ماددىسىدا، خاس بولمىغان ئارىلىق ماددىسىدا پەيدا بولغان ئۆسمە ۋە يۆتكەلگەن ئۆسمە دەپ بەش تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ياخشى سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسىنىڭ سەۋەبى

1. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تۇخۇمدانغا تەسىر قىلغاندا تۇخۇمداندىكى نورمال ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ھەمدە يەرلىك ئورۇندىكى شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنى تەكرار غىدىقلاپ، نورمالسىز ئۆسۈشىنى زىيادە تېزلىتىۋېتىش سەۋەبىدىن تۇخۇمدان ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. تۇخۇمداندىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1) سوزۇلما خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساقايماسلىقى سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، يەرلىك ئورۇندىكى ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاپ، ئاخىرقى ھېسابتا تۇخۇمدان ئۆسمىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

2) تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى ئۈزۈل-كېسىل ساقايماسلىقى، ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمالسىز ئۆسۈشى تېزلىشىپ، تۇخۇمدان ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يامان سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسىنىڭ سەۋەبى

1. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تۇخۇمدانغا تەسىر قىلىپ، تۇخۇمدان ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنى تەكرار غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلىتىپ ئۆزگەرتكۈچى قۇۋۋەت ۋە شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە ھۈجەيرە توقۇلمىلار نورمالسىز بۆلۈنۈپ ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىپ تۇخۇمدان ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. تۇخۇمدان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ناھايىتى ئاز ساندىكى تۇخۇمدان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىلىرى يامان سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسىگە ئۆزگىرىدۇ.

3. باشقا ئەزالاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ تۇخۇمدانغا كۆچۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىدىكى بىرلەمچى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر تۇخۇمدانغا كۆچۈپ، تۇخۇمداندا كۆچۈش خاراكتېرلىك ئۆسمىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئۆسمىلەر خاتا ھالدا تۇخۇمداننىڭ بىرلەمچى ئۆسمىسى دەپ قارىلىپ قالسا، بىرلەمچى كېسەللىك ئوچىقىنى داۋالاشقا ئېتىبار بېرىلمىگەنلىكتىن، ھەمىشە يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەزالاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر تۇخۇمدانغا كۆچۈپ كېلىدۇ. مەسىلەن: ئاشقازان، ئۈچەي، ئەمچەك، كانايچە، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك ۋە جىنسىي ئەزا قاتارلىقلاردىكى ئۆسمىلەر. كۆپ ئۇچرايدىغان تۇخۇمدانغا كۆچۈش خاراكتېرلىك ئۆسمىلەردىن تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىلى بار.

1) ئاشقازان راكى ۋە ئۈچەي راكىنىڭ تۇخۇمدانغا كۆچۈشى: ئاشقازان، ئۈچەيلەردىكى راك ھۈجەيرىلىرى قورساق پەردە ئارقا لىمفا سىستېمىسىنىڭ ئەتراپىدىكى لىمفا تۈگۈنچىلىرى ئارقىلىق تۇخۇمدانغا كۆچۈپ كېلىش مۇمكىن، بۇ خىلدىكى تۇخۇمدانغا كۆچۈش خاراكتېرلىك يامان سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسى پەرزەنت كۆرۈش يېشىغا يەتكەن ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

2) ئەمچەك راكىنىڭ تۇخۇمدانغا كۆچۈشى: ئەمچەكتىكى راك ھۈجەيرىلىرى كۆكرەك قىسىم چوڭقۇر چاندىر پەردىسىدىكى لىمفا كانىلى ئارقىلىق تۆۋەنگە مېڭىپ، قورساق دىۋارىدىن بۆرەك ئەتراپىغىچە ئۆتۈپ، ئاندىن كېيىن قورساق ئائورتىسىنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە داس بوشلۇقى لىمفا تۈگۈنلىرىنى بويلاپ، تۇخۇمدانغا يېتىپ كېلىدۇ ياكى كۆكرەك پەردە ۋە كۆندىلەڭ پاسىلغا بىۋاسىتە يامراپ كېلىپ ئاندىن قورساق پەردىسى ئارقىلىق ئۆتۈپ تۇخۇمدانغا بارىدۇ.

3) نەسىللىنىش ئەزالىرىدىكى راكنىڭ تۇخۇمدانغا كۆچۈشىدە بالىياتقۇ تېنى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى، قارشى تەرەپتىكى تۇخۇمدان راكىدىن كۆچۈپ كېلىش كۆپرەك ئۇچرايدۇ ھەمدە تاشقى جىنسىي ئەزا راكى ياكى جىنسىي يول راكىدىن تۇخۇمدان تەرەپكە كۆچۈشمۇ ئۇچرايدۇ.

1.تۆۋەنكى قورساق ساھەسىدە مونەك پەيدا بولىدۇ. دەسلەپتە ئۆسمە، كىچىك داس بوشلۇقىدىلا بولىدۇ، قورساق سىرتىدىن تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدۇ. ئۆسمە چوڭىيىپ ئوتتۇراھال بولغاندا قورساقنىڭ تومپىيىپ چىققانلىقى سېزىلىدۇ، ئۆسمىنى تۇتقىلى بولىدۇ. ئۆسمە بار جايدىن بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ.

 2. قورساق ئاغرىيدۇ: ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە يوغىنىغاندا قورساق كۆپكەنلىكى ياكى قورساقنىڭ تۈۋىنى يېقىمسىزلانغانلىقى سېزىلىدۇ. تۇخۇمدان ئۆسمىسى يېرىلغاندا ياكى سېپى تولغىشىپ قالغاندا قورساق ئۆتكۈر ئاغرىيدۇ. يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدە ئۆسمە ئىچى قاناش، نېكروزلىنىش، يېرىلىش، يۇقۇملىنىش تۈپەيلىدىن قورساق ئۆتكۈر ئاغرىيدۇ. ئۆسمە قورساق پەردىسى ۋە داس بوشلۇقىدىكى توقۇلمىلارغا ۋە نېرۋىلارغا تەسىر يەتكۈزگەندە ئاغرىش يوتا، تاشقى جىنسىي ئەزالار ۋە مەقئەت قاتارلىق ئورۇنلارغا تارقىلىدۇ. 

3. بېسىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. چوڭراق ئۆسمە داس بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ بېسىلىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش، سۈيدۈك قىستاش، چوڭ تەرەت قىلىش قىيىنلىشىش… قاتارلىقلار. زور بولغان تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى ياكى تۇخۇمدان ئۆسمىسىگە قورساققا سۇ چۈشۈش قوشۇلۇپ كەلسە، دىئافراگما يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ھەرىكىتى چەكلىنىپ نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق بېسىلىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ، پۇت ۋېنا قېنىنىڭ قايتىشىغا تەسىر يەتسە قورساق دىۋارى ۋە ئىككى پۇتتا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ.

 4. ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ. ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ئادەتتە ھەيزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئىككى تەرەپ تۇخۇمدان ئۆسمىسى بولۇپ، تۇخۇمدان توقۇلمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ. جىنسىي بالدۇر يېتىلىش يۈز بېرىدۇ. 

5. ئورۇقلاش (جۈدەش) كۆرۈلىدۇ. بۇ ئوزۇقلىنىشقا تەسىر يېتىش، قورساق سۈيىنى كۆپ قېتىم تارتىش، راك توقۇلمىسىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇش، ئاقسىلنىڭ كۆپ سەرپ بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.ياخشى سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسى بىلەن يامان سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسى پەرقلەندۈرۈلىدۇ. تۇخۇمدان ئۆسمىسىنىڭ كلىنكىدا پەرقلەندۈرۈلۈشى ياخشى سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسى يامان سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسى كېسەل تارىخى ئۆسۈشى ئاستا، كېسەل جەريانى ئۇزۇن ئۆسۈشى تېز، كېسەل جەريانى قىسقا بەدەن بەلگىلىرى بىر تەرەپتە، خالتىلىق، ھەرىكەتچان، يۈزى سىلىق، قېپى مۇكەممەل بولىدۇ ئىككى تەرەپتە، ئۇيۇل ياكى قىسمەن ئۇيۇل، تۇراقلىق (ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار بىلەن چاپلىشىۋالىدۇ) . يۈزىدە ئەمچەك شورىغۇچىسىمان ئۆسۈكچىلەر بولىدۇ، قورساققا يىغىلغان سۇ دائىم قانلىق بولىدۇ. راك ھۈجەيرىسى تېپىلىشى مۇمكىن ئادەتتىكى ئەھۋال ياخشى قاخشاللىشىدۇ، بەزىدە قىزىيدۇ.

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بىماردا ئىلگىرى سوزۇلما خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە تۆۋەنكى قورساق ساھەسىدە مونەك پەيدا بولۇش، قورساق ئاغرىش، بېسىلىش خاراكتېرلىك يېقىمسىزلىنىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 2. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 1) تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا مونەكنى تۇتقىلى بولىدۇ ھەمدە تۇخۇمدان ئۆسمىسىنىڭ تەدرىجىي يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالامىتى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. چېكىپ تەكشۈرگەندە، ئۈچەي كانىلى ئۆسمىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئىتتىرىلىپ كەتكەنلىكىتىن دۇمباق تاۋۇشى چىقىدۇ. ئۆسمە بار ئورۇندا بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، ئەگەر تۇخۇمدان ئۆسمىسى چوڭايمىغان بولسا ھەرىكەتلىنىدۇ، ئەمما قورساق سۈيىنىڭ بەلگىلىرى بولمايدۇ. 2)ئىككى تەرەپتىن بىرلا تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ سىرتىدا مونەك بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۆسمىنىڭ خاراكتېرى، چوڭ-كىچىكلىكى، ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى، بالىياتقۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش لازىم. 

3. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 1) ھەزىم قىلىش يوللىرىنى سايىلاندۇرغاندا مونەك ئۈچەي يوللىرىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ. 2) B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈلىدۇ. 3) قورساققا ھاۋا كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈلىدۇ.

1. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. تۇخۇمدان ئۆسمىسى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ خالتىلىق ئۆزگىرىشى ياكى بالىياتقۇ شىرلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنى ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرگىلى بولمىسا تەكشۈرۈش يىڭنىسى بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ ۋە بالىياتقۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى مايلىق يود بىلەن سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ ياكى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ. 

2. ھامىلىدارلىقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بالىياتقۇ يوغىناپ، يۇمشاپ قالىدۇ، بولۇپمۇ بۇ خىل ئۆزگىرىش بوغۇز قىسمىدا روشەن بولىدۇ. تۇتۇپ تەكشۈرگەندە بالىياتقۇنى «تۇخۇمدان ئۆسمىسى» دەپ تونۇپ قېلىش مۇمكىن، ھامىلىدارلىقتا ھەيز توختاش تارىخى بولىدۇ، ھامىلىدارلىق تەجرىبىسى مۇسپىي بولىدۇ. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە تېخىمۇ ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ.

3. سوزۇلما سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش چارىسى قىلىنسا مونەك يوقىلىدۇ.

4. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە سۇ يىغىلىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. شەكلى ئۇزۇن يۇمىلاق، دىئامېتىرى ئادەتتە 10 سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. كۆپ ھاللاردا چاپلىشىپ قېلىپ مىدىرلىمايدۇ.

1. خىلىتلارنىڭ غەيرىيي تەبىئي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 2. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى تورمۇزلاش، ئۆسمىنى كىچىكلىتىش مەقسىتىدە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

 3. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 

4. رادىئوئاكتىپلىق نۇردا داغلاپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا ئاقىرقەرھا، ئادراسمان ئۇرۇقى، جىنكىۋىزى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ 45 ~ 15 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، غەيرىيي تەبىئىي خىلىتلار بەدەندىن تازىلىنىدۇ. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۇشىنى تورمۇزلاش، ئۆسمىنى كىچىكلىتىش مەقسىتىدە ھەببى ئازاراقى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ھەببى سىماب كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 دانىدىن؛ قورسى سەرتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 دانىدىن؛ مەجۈنى ئەفئا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 10 گرامدىن؛ مەجۇنى ئەقرەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ياخشى سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسىدە تۇخۇمدان ئۆسمىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. يامان سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسىدە ئۆسمە بىلەن بىللە تۇخۇمدان، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، بالىياتقۇ قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. رادىئوئاكتىپلىق نۇردا داغلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ھالۋائى سۆئلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ ھالۋائى بەيرە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ جاۋارىش جالىينۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ جاۋارىش كۇمۇنى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەللىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر بىىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. 

3. قەرەللىك تۈردە بەدەن تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، جىنسىي ئەزالاردا كېسەللىك يۈز بەرسە ئاكتىپ داۋالىتىش لازىم.

ئۆسمە سېپى تولغىشىپ قېلىش، ئۆسمە يېرىلىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئۆسمە سېپىنىڭ تولغىشىپ قېلىشى: ئۆسمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوتتۇراھال، ئۆسمە ساپىقى ئۇزۇنراق ۋە ئۆسمە تېنى ئېغىرراق بولغۇچىلاردا شۇنداقلا تۇغۇتتىن كېيىن ياكى ئورۇن ھالىتى ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئاسانلا يۈز بېرىدۇ. يېڭى تولغىشىپ قالغاندا، قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۆسمە ئىششىپ، قاناپ، نېكروزلىنىپ يېرىلىدۇ ۋە يۇقۇملىنىدۇ. جىددىي تولغىشىپ قالغاندا كېسەلدە تۇيۇقسىز تۆۋەنكى قورساقنىڭ بىر تەرىپى قاتتىق ئاغرىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسۇش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. ئۆسمە يېرىلغان ۋاقىتتا قورساق پەردىسى غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ. قورساق دىۋارى نىسبەتەن جىددىيلىشىدۇ ۋە يۆتكىلىش خاراكتېرلىك بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىپ، ئۆسمە كىچىكلەيدۇ ياكى يوقىلىدۇ. يۇقۇملىنىش: تېشىش ياكى يىڭنە سانجىشتا دېزىنفېكسىيىگە دىققەت قىلماسلىق، ياكى ساپىقى تولغىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئۈچەيگە چاپلىشىپ قېلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا قورساق ئاغرىش، يۇقىرى قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. مونەكنى باسسا ئاغرىيدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى يۇقىرىلايدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&herip=%D8%AC

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&herip=%D8%AC

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#