ئاغمىخان ئۇرۇقدىشى

ئاغمىخان ئۇرۇقدىشى

ئاغمىخان ئۇرۇقدىشى (Mustela؛ weasels) خوردىلىق ھايۋانلار تىپى، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى، ئەمگۈچىلەر سىنىپى، گۆشخورلار تۈركۈمى، ئاغمىخانلار ئائىلىسىنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. ئادەتتە ئاغمىخان گۆشخورلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك تۈرى.

ئۇيغۇرچە نامى ئاغمىخان ئۇرۇقدىشى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاغمىخان ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鼬属
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئاغمىخانلار ئائىلىسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
كەنجى تۈركۈمى يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى تۈركۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاغمىخان ئۇرۇقدىشىئاغمىخان ئۇرۇقدىشى (Mustela؛ weasels) خوردىلىق ھايۋانلار تىپى، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى، ئەمگۈچىلەر سىنىپى، گۆشخورلار تۈركۈمى، ئاغمىخانلار ئائىلىسىنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. ئادەتتە ئاغمىخان گۆشخورلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك تۈرى.

ئاتلانتىك ئوكياندىن سىرت، ھەر قايسى قىتئەلەرگە تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مۇھىم بىر تۈر شىمالىي ئامېرىكا سۇ بۇلغۇنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بېقىلىدۇ. ئاق ئاغمىخان ۋە شىمالىي يېرىم شاردىكى سوغۇق بەلباغ رايونلاردىكى كىچىك سېسىق كۈزەنى تارقالغان، ئۇنىڭ يۇڭلۇق ۋە يازلىق تۈكى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. يازلىق تۈكى قوڭۇر سېرىق رەڭگە كىرىدۇ، قىشتا ئاق رەڭگە ئالمىشىپ قارلىق مەنزىرىگە باب كېلىدىغان، يوشۇرۇنۇشقا قۇلايلىق قوغدىنىش رەڭلىرىگە كىرىدۇ. جۇڭگو ئاغمىخانىنىڭ سەككىز خىلى بار: سېرىق ئاغمىخان، ئالتاي ئاغمىخىنى، چىپار بەل ئاغمىخان، سېرىق قورساق ئاغمىخان، ئاسىيا سېسىق كۆزەنى، ئامۇر سېسىق كۆزەنى،  كىچىك سېسىق كۈزەنى ۋە ئاق ئاغمىخان. بۇنىڭ ئىچىدە سېرىق ئاغمىخان مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان، سانى ئەڭ كۆپ، ئىقتىسادىي قىممىتى ئەڭ چوڭ. سېرىق ئاغمىخان سېرىق ئاكاتسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك، سوغۇق بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمىنىدا، ئوتلاق ۋە ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىق، مەيلى تاغلىق، تۈزلەڭلىك ياكى سازلىقتا ياشايدۇ، ھەتتا كەنت ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ۋە شەھەر، ھەممىسىدە ئاندا-ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇلار ئىچىدە دېڭىز ئاغمىخان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.

ئاغمىخان ئۇرۇقدىشىبوينى ئۇزۇن، تېنى ئۇزۇن، پۇت-قوللىرى قىسقا، چاشقان تۆشۈكى ئىچىگە كىرىۋېلىپ چاشقانلارنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى بولسا تاغ ئاغمىخىنى، تەن ئۇزۇنلۇقى 13 ~ 20 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 ~ 4 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 30 ~ 70 گرام. بەدەن شەكلى بىر قەدەر چوڭ بولغىنى سىبىرىيە ئاغمىخىنى ۋە ئاسىيا سېسىق كۆزەنى، تەن ئۇزۇنلۇقى 30 ~ 50 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 0.5 ~ 1 كىلوگرام.

ئاغمىخان ئۇرۇقدىشىسېرىق ئاغمىخان مەقئەت بېزى سېسىق پۇراق چىقىرىشقا ئىگە قوغدىنىشقا ماھىر بولىدۇ. غاردا ياشىغۇچى قورام تاشلار ئاستىدا، دەرەخ كامىرى ياكى ئوتۇن دۆۋىسى ئاستىدا ياشايدۇ. «كېچە» ئاخشاملىرى ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەرىكىتى چاققان، مەخپىي، ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى تايىنىپ يېمەكلىك ئىزدەيدۇ. ئاساسلىقى چاشقانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، چاشقان ئىزى بويلاپ قوغلاپ چاشقان تۆشۈكىگە كىرىپ، پۈتۈن چاشقانلارنى ئۇۋىسىدا ئۆلتۈرىدۇ. يەنە كىچىك قۇشلارنى ۋە قۇش تۇخۇمىنى يەيدۇ ياكى دەريا، ئېرىق بويلاپ پاقىلار، ھاشاراتلار ۋە بېلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، بەزىدە ئۆي قۇشلىرىنى ئوغرىلاپ يەيدۇ. كۆپىيىشى تېز، ھەر يىلى قىش پەسلىنىڭ ئاخىرىدىن، باھارنىڭ باشلىرىغىچە كۈيلەيدۇ، قورساق كۆتۈرۈشى ئىككى ئاي، يازنىڭ باشلىرىدا 1 ~ 4 دانە بالا تۇغىدۇ. بالا ئېمىتىش مەزگىلى بىر ئاي، 10 ئايدىن كېيىن جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ. ھەر يىلى تۈكى ئىككى قېتىم ئالمىشىدۇ.

سېرىق ئاغمىخاننىڭ يۇڭ رەڭگى ئوچۇق بولۇپ، قوڭۇر سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ياكى ئالتۇن ئىنچىكە يىڭنە تۈكلۈك، ئاستى تىۋىتى مول، يۇقىرى دەرىجىلىك كۆرپە خام ئەشياسى قىلىنىدۇ، خەلقئارا تېرە-خۇرۇم شەرق بازارلىرىدا قۇندۇز، سۇ بۇلغۇنى دەپ ئاتالغان.

 تەۋە رايون ھەقىقىي يادرولۇق رايونى  Eukaryota
 تەۋەلىكى  ھايۋانلار دۇنياسى  Animalia
 كەنجى تەۋەلىكى  ئېۋمېتازوئا كەنجى دۇنياسى Eumetazoa
 ئادەتتىن تاشقىرى تىپى  ئىككىلەمچى ئېغىزلىقلار ئۇمۇمىي تىپى  Deuterostomia
 تىپى  خوردىلىق ھايۋانلار تىپى  Chordata
 كەنجى تىپى  ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى   Vertebrata
 كىيىنكى تىپى  ئېڭەك ئاستى كىيىنكى تىپى  Gnathostomata
 ئومۇمىي سىنىپى  تۆت پۇتلۇقلار ئۇمۇمىي سىنىپى  Tetrapoda
 سىنىپى  ئەمگۈچىلەر سىنىپى  Mammalia
 كەنجى سىنىپى  سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى  Theria
 كىيىنكى سىنىپى  ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كىيىنكى سىنىپى  Eutheria
 تۈركۈمى  گۆشخورلار تۈركۈمى  Carnivora
 كەنجى تۈركۈمى  يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى تۈركۈمى  Fissipedia
 ئائىلىسى ئاغمىخانلار ئائىلىسى  Mustelidae
 كەنجى ئائىلىسى  سېسىق كۈزەن كەنجى ئائىلىسى  Mustelinae

تۈرلىرى تارقالغان رايونلار: پۈتۈن دۇنيادىكى جەمئىي ئاغمىخان تۈرىدىن 17 خىلى ﺑﺎﺭ.

يوللۇق قورساق ئاغمىخان

ئالتاي ئاغمىخىنى

ئاق ئاغمىخان

ئاسىيا سېسىق كۆزەنى

جەنۇبىي تاغ ئاغمىخىنى      (Mustela felipei)؛

ئۇزۇن قۇيرۇق سېسىقكۈزەن  (Mustela frenata)؛

سېرىق قورساق ئاغمىخان     (Mustela kathiah)؛

ياۋروپا سۇ ئاغمىخان         (Mustela lutreola)؛

ياۋا ئاغمىخان                (Mustela lutreolina)؛

قارا پۇتلۇق ئاغمىخان       (Mustela nigripes)؛

تاغ ئاغمىخىنى              (Mustela nivalis)؛

يالىڭاچ پۇتلۇق ئاغمىخان   (Mustela nudipes)؛

ئاغمىخان                   (Mustela putorius)؛

سىبىرىيە ئاغمىخىنى        (Mustela sibirica)؛

چىپار بەل ئاغمىخان        (Mustela strigidorsa)؛

ئامېرىكا قىتئەسى سۇ ئاغمىخىنى (Mustela vison)؛

دېڭىز ئاغمىخىنى          (Mustela macrodon)؛

ئالتاي ئاغمىخىنى

ئالتاي ئاغمىخىنىئالتاي ئاغمىخىنى (Mustela altaica) بىر خىل ئاسىيا تاغلىق رايوندا ياشايدىغان ئاغمىخان، قازاقىستان، شىزاڭ، لاداق ۋە ھىمالايا تېغى ۋە مۇڭغۇلىيە، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى، سىبېرىيە جەنۇبىي قىسمى ۋە كورىيە قاتارلقلارغا تارقالغان. ئەركەك ئالتاي ئاغمىخىنى ئۇزۇنلۇقى 22-29، قۇيرۇقى ئۇزۇن ئۇزۇنلىقى قايتا 217-350 گرام . چىشى ئۆي چاشقىنىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 22-25 سانتىمېتىر، قۇيرۇقى ئۇزۇنلۇقى 9-12 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 122-220 گرام. ئالتاي ئاغمىخىنى ئەتىياز پەسلى ھەم ﻛﯜﺯدە تۈكىنى ئالماشتۇرىدۇ. قىشتا دۈمبە تېرىسى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ، توق سېرىق رەڭلىك بولۇپ، قورساق ۋە گال، بوغۇز قىسمى سۇس سېرىق سۈت رەڭلىك. ئېغىزى بىلەن قۇلىقى ئارىسى ئادەتتە رەڭگى قېنىق كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇيرۇقى ئىنچىكە، دۈمبە قىسمى تېخىمۇ قىزىل. يازدا تېرە رەڭگى كۈلرەڭدىن كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، بەزى سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كالپۇكى ئاق رەڭلىك، كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

ئاق ئاغمىخان

ئاق ئاغمىخانئاق ئاغمىخان (ئىلمىي نامى: Mustela erminea) ئاغمىخانلار ئائىلىسى كۈزەن ئۇرۇقدىشىدىكى ھايۋان. شەكىلى سىبىرىيە ئاغمىخىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ، تېنى ئىنچىكە ئۇزۇن، تۆت پۇتى قىسقا. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 سانتېمېتىردىن 35 سانتېمېىتىرغىچە، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6 ~ 10 سانتىمېتىر؛ رەڭگى پەسىلگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، يازدا يۇڭىنىڭ رەڭگى دۈمبە قىسمى كۈلرەڭ قوڭۇر، قورسىقى ئاق رەڭدە، پۇت دۈمبىسى كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك؛ قىشلىق رەڭگى ھېسابقا ئالمىغاندا، قۇيرۇق ئۇچى قارا، پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق. ياۋروپا ۋە رۇسىيە، ياپونىيە ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمى شۇنىڭدەك جۇڭگو نىڭ خېيلۇڭجياڭ، ئىچكى مۇڭغۇل، گەنسۇ، جىلىن، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. كۆپ ھاللاردا ئورمان، چۆللۈك  رايونلار ۋە 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىز تاغ ئورمان رايونى، ئوتلاق چىملىق، سازلىق دەريا ۋادىسى ۋە يېرىم چۆل، قۇم بارخانلىرى ۋە تېرىقچىلىق رايونلارغىمۇ تارقالغان. بۇ تۈرلەرنىڭ ئەندىزىسى چىقىدىغان جاي شۋېتسىيە.

مۇستېلا ئاغمىخىنى

مۇستېلا ئاغمىخىنىمۇستېلا ئاغمىخىنى (ئىلمىي نامى: Mustela eversmanii) ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ئاغمىخان ئۇرۇقدىشىدىكى ھايۋان. كەشمىر، موڭغۇلىيە، رۇسىيە ھەمدە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جياڭسۇ، سەنشى، چىڭخەي، ئىچكى مۇڭغۇل، خېبېي، شەنشى، شىزاڭ، لىياۋ نېڭ، جىلىن، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، سىچۈەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. كۆپ تاغلىق  رايونلار شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمىدىكى كەڭ ئوتلاق، ئورمان ئوتلىقى، چاتقال ۋە كەنت ئەتراپىدىكى جايلار ھەمدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئادەتتە تەخمىنەن 3200 مېتىردىن تۆۋەن جايلاردا ياشايدۇ. شۇ تۈرنىڭ ئەندىزىسى چىقىدىغان جايى ئۆزبېكىستان، بۇخارا، رۇسىيە، ئورېنبۇرگ ئارىلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا.

سېرىق قورساق ئاغمىخان

سېرىق قورساق ئاغمىخانسېرىق قورساق ئاغمىخان (ئىلمىي نامى: Mustela kathiah) ئاغمىخانلار ئائىلىسى، بىر خىل كىچىك تىپتىكى گۆشخور ھايۋان. ئۇلار سىرىلانكا، جەنۇبىي جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن رايونلارغا تارقالغان. سېرىق قورساق ئاغمىخاننىڭ تەتقىقات ماتېرىياللىرى كۆپ ئەمەس، پەقەت ئۇلار كۈندە بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار باشقا ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدىغان غاجىلىغۇچىلار ھايۋانلارنى ئاساس قىلغان، لېكىن يەنە قۇشقاچ ۋە باشقا ئۇششاق ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلىپ تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى تېز، كۆپىيىش مىقدارى كۆپ.

ياۋروپا سۇ بۇلغۇنى

ياۋروپا سۇ بۇلغۇنىياۋروپا سۇ بۇلغۇنى (ئىلمىي نامى: Mustela lutreola، ئىنگلىز تىلى: European mink)، يەنە بىر نامى ياۋروپا ئاغمىخىنى، رۇسىيە بۇلغۇنى (Russian mink)، ياۋرۇپادىكى بىر خىل ئاغمىخان تۈرى بۇلۇپ، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، فرانسىيە، رۇمىنىيە، ئۇكرائىنا، ئېستونىيە ۋە رۇسىيە (بىراق ئۇرال تاغلىرى شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئۇلار ئىلگىرى پۈتكۈل ياۋروپا، شىمالىي فىنلاندىيەگە تارقالغان، لېكىن ئاللىقاچان بۇ رايونلارنىڭ غايىپ بولغان. 

قارا پۇتلۇق ئاغمىخان

قارا پۇتلۇق ئاغمىخانقارا پۇتلۇق ئاغمىخان (ئىلمىي نامى: Mustela nigripes) بىر خىل ئەسلىي ماكانى شىمالىي ئامېرىكا كىچىك تىپتىكى گۆشخورلۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ۋە بىردىنبىر ئەسلىي ماكانى شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىكى چاشقانخور بۇلغۇن، شۇنداقلا رۇسىيە يايلاق سېسىق كۈزەنىگە يېقىن. ئاغمىخانلار ئائىلىسى.ئوخشاش تۈرلىرىدىن: سىبىرىيە ئاغمىخىنى (سېرىق ئاكاتسىيە) قۇندۇز، سۇ بۇلغۇنى، سېسىق بۇلغۇن، سۇسەر ئۇرۇقدىشى ۋە بورسۇق كەنجى ئائىلىسى. ئاق ئاغمىخان ياكى كۆزنى بۇلغۇنىغا تاشقى كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. قارا پۇتلۇق ئاغمىخان شىمالىي ئامېرىكىدىكى داڭلىق يۇقىلىش گىردابىدىكى ھايۋانلار.

تاغ ئاغمىخىنى 

تاغ ئاغمىخىنىتاغ ئاغمىخىنى (ئىلمىي نامى: Mustela nivalis) ئاغمىخانلار ئائىلىسى كۈزەن ئۇرۇقدىشىدىكى ھايۋان. ياۋروپا، ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى خېيلۇڭجياڭ، ئىچكى مۇڭغۇل، خېبېي، جىلىن، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، سىچۇەن، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاق ئاغمىخان قۇرغاق رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. يىڭنە يوپۇرماقلىق ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان رايونىدا ياشايدۇ، كەنجى ئېگىز تاغ ياكى قۇرغاق يەر يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان، ئورمان بويلىرىدا چاتقال ۋە ئوتلاقتا كۆپ ئۇچرايدۇ.

سىبىرىيە ئاغمىخىنى

سىبىرىيە ئاغمىخىنىسىبىرىيە ئاغمىخىنى (ئىلمىي نامى: Mustela sibirica) ئاددىي ئاتىـلىـشى سېرىق ئاكاتسىيە ياكى سېرىق بۆرە، ھىمالايا ئاغمىخان ياكى سىبىرىيە ئاغمىخىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاغمىخانلار ئائىلىسى ئاغمىخان ئۇرۇقدىشىدىكى كىچىك تىپلىق گۆشخورلار. سېرىق ئاغمىخان تەن ئۇزۇنلۇقى 25-39 سانتىمېتىر، قۇيرۇقى ئۇزۇن 13-21 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە 360-820 گىرام، رەڭگى قوڭۇر سېرىق رەڭلىك، ئاساسلىقى رۇسىيە،  سىبېرىيە رايونى، شىزاڭ، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇن جايلارغا تارقالغان. ئاساسلىقى غاجىلىغۇچىلار ھايۋانلار بىلەن، بەزىدە باشقا كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بىلەن  ئوزۇقلىنىدۇ. نۇرغۇن ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى سېسىق بەز، سېسىق پۇراق چىقىرىشقا  ئىگە بولۇپ، تەھدىتكە ئۇچرىغاندا دۈشمەننى بىخۇدلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

چىپار بەل ئاغمىخان

چىپار بەل ئاغمىخانچىپار بەل ئاغمىخان (ئىلمىي نامى: Mustela strigidorsa) ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ئاغمىخان ئۇقۇقدىشىدىكى ھايۋان. سىككىم، لائوس، نىپال، بېرما ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى يۈننەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. يەنە دائىم 2000 مېتىردىن تۆۋەن دەريا ۋادىسى، رايون ۋە يېزا ئىگىلىك ئېتىز يولى ۋە كەنت ئەتراپىدىكى سۇغىرىش توپ ئىچىدە ياشايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#