باي بازىرى

باي بازىرى

  باي بازىرى باي ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان،ئومۇمىي كۆلىمى 120.15 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى باي بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 120.15 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 拜城镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 32858 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باي بازىرىباي بازىرى باي ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقتە كانچى يېزىسى، غەربىي جەنۇبتا مىچىغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا بۇلۇڭ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. تەۋەلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى26.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 120.15 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر رايونى شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 9 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 1.35 كىلومېتىر، كۆلىمى 2.84 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى704371 مو، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1234.91 مېتىر، قارىمىقىدا توققۇز مەھەللە، 5 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، نوپۇسى 32858 ئادەم بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي غالىبىيەت يولى ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ شىمالى.مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە.

باي بازىرىباي بازىرىغا قاراشلىق توققۇز مەھەللە، 5 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار: ئويبازار مەھەللىسى، رەستە مەھەللىسى، شىنيۇەن مەھەللىسى، يېڭى بازار مەھەللىسى،شىمالى چوڭ كۆۋرۈك مەھەللىسى، تېتىر مەھەللىسى، گۈلزارلىق مەھەللە، شەھەرلىك مەھەللە مەھەللىسى، كىندىكۆڭ مەھەللىسى، كۆكتاتچىلىق كەنتى، كىندىكۆڭ كەنتى، شەھەرلىك مەھەللە كەنتى، تېتىر كەنتى، تۇز بېشى كەنتى. باي بازىرى باي ناھىيەسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جاي، ناھىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى.

باي بازىرىباي بازىرى باي ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. ياز پەسلىدە ھاۋا بىر قەدەر سالقىن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا سېلسىيە ℃6، قىروسىز مەزگىل 163 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 96 مىللىمېتىرغا يىتىدۇ، ھەر يىلى 11-ئايدا مۇز تۇتىدۇ ياكى قار ياغىدۇ، كېلەر يىلى 3-ئايدا ئېرىيدۇ. قىش پەسلىدە شامال ئاز. يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى ℃ 28-، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃38.3، ياز پەسلىدە كۈندۈزى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25 ئەتراپىدا بولىدۇ. تەلۋىچۈك دەرياسى، قاپسىلاڭ دەرياسى بازارنىڭ ئىككى تەرىپىدە شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، بازارنىڭ جەنۇبىدا قوشۇلۇپ مۇزات دەرياسىغا ئېقىپ كىرىدۇ. يەر ئاستى سۇ ئورنى ئوتتۇرىچە يەتتە مېتىر ئەتراپىدا، سۇ مەنبەسى مول. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#