گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى

گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى

گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئافېنانى مەركەز قىلغان گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن پېرسىيە ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇش.

نامى گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار گرېتسىيە، پېرسىيە
ۋاقتى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 449-يىلى
چەتئەلچە نامى Greco-Persian Wars
خەنزۇچە ئاتىلىشى 希波战争
ئورنى گرېتسىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى، كىچىك ئاسىيا، سىپرۇس ۋە مىسىر
نەتىجىسى گرېتسىيە غەلبە قىلغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گرېتسىيەپېرسىيە ئۇرۇشىمىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەرنى جەنۇبىدا گۈللىنىشكە باشلىغان پېرسىيە ئىمپېرىيەسى- يېرىم ئەسىر پائال تۈرىدە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئارقىلىق، دارىئوس 1 تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە شەرقتە ھىندى دەرياسىغىچە، غەربتە كىچىك ئاسىياغىچە زېمىنىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا-ئافرىقا قىتئەلىرىدىن ھالقىغان قۇللۇق تۈزۈمىدىكى چوڭ ئىمپېرىيە بولۇپ قالدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 514-يىلى دارىئوس يەنە ئېگەي دېڭىزىنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى فراكىيە ئەتراپلىرىنى ئىشخال قىلىپ، گرېتسىيەدىكى شەھەر دۆلەتلىرىگە، بولۇپمۇ ئافېنانىڭ قارا دېڭىز بويىلىرىدىكى مۇھىم ئاشلىق ئامبارلىرىغا ۋە تاۋار بازارلىرىغا بىۋاستە تەھدىت سالدى. نەپسى تويماس، ئاچكۆز دارىئوس بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلەنمەستىن، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ گرېتسىيە يېرىم ئارىلىنىمۇ بويسۇندۇرماقچى بولدى. بۇ چاغدا گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدا قۇللۇق تۈزۈمىدىكى يۈزدەك شەھەر دۆلىتى شەكىللەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئافېنا بىلەن سىپارتا ئەڭ كۈچلۈك ئىدى. ئافېنا سولون ئىسلاھاتىدىن كېيىن سانائىتى ۋە تاشقى سودىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كىچىك ئاسىيانىڭ دېڭىز بويىدىكى رايۇنلىرى ۋە فراكىيە ئەتراپىدىكى رايۇنلار بىلەن زىچ ئالاقە باغلىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سىرتتا ئۆز مۇستەملىكىسىنى ئېچىشقىمۇ پائال تۈرىدە كىرىشىپ كەتكەنىدى. ئېنىقكى، ئافېنا ۋەكىللىكىدىكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن بولسۇن ياكى تاشقى سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇستەملىكىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بولسۇن، پېرسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز غەربكە ئىلگىرلەۋېرىشىگە يول قويمايتتى.

مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 500-يىلى كىچىك ئاسىيادىكى مىلدو قاتارلىق گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرى پېرسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئافېنا بىلەن ئېرتېرىيە تەكلىپكە بىنائەن ياردەمگە ھەربى كېمىلىرىنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىپ كەتتى. دارىئوس قوشۇنلىرىنى توپلاپ، كىچىك ئاسىيادىكى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ قارشىلىقىنى دەھشەتلىك باستۇردى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 492-يىلى دارىئوس مىلدولارغا ياردەم بەرگەن ئافېنانى جازالاشنى باھانە قىلىپ، ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن گرېتسىيەگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى رەسمىي قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن، گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى بىرىنچى باسقۇچقا كىردى.

بىرىنچى باسقۇچى

بىرىنچى باسقۇچ گرېتسىيەپېرسىيە ئۇرۇشىدارىئوس شۇ يىلى دېڭىز ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوشۇنلىرىنى گرېتسىيەگە بېسىپ كىرىشكە ئەۋەتتى. نەتىجىدە دارىئوسنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى فراكىيەدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، دېڭىز ئارمىيەسى دارداتېللىس قولتۇقىدا شىددەتلىك قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئېغىر چىقىمدار بولغان پېرسىيە قوشۇنلىرى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 490-يىلى 100 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچكە، 600 ھەربىي كېمىگە ئىگە ھەيۋەتلىك پېرسىيە قوشۇنى گرېتسىيەگە يەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلدى. پېرسىيە قوشۇنلىرى ئېرتېتېرىيىنى ئالغاندىن كېيىن، ئافېنانىڭ شەرقى قىسىمىدىكى مارافون تۈزلەڭلىكىدە قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئافېنا قوشۇنلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، 9- ئاينىڭ 12-كۈنى مارافوندا ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۆپ پېرسىيە ئارمىيەسىنى يېڭىپ، غەلىبىگە ئېرىشتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئافېنا قوشۇنى بۇ قېتىمقى جەڭدە غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، لەشكەر فېدبى ئافېناغا بېرىپ غەلىبە خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بىر يۈگۈرۈشىدە 195.42 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ: «ئافېنا قۇتقۇزۇۋېلىندى» دەپ بولۇپلا ماغدۇرىدىن كېتىپ، يىقىلىپ چۈشۈپ، ئۆلۈپ قالغانىكەن. كېيىنكىلەر بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 1896- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا يېڭى بىر مۇسابىقە تۈرى- مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۈرىنى تەسىس قىلغان.

مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 480-يىلى پېرسىيە قوشۇنى پېرسىيە پادىشاھى كىسېركىسنىڭ بىۋاستە قۇماندانلىقىدا گرېتسىيەگە دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن 3-قېتىم  تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. سىپارتا پادىشاھى لىئوندانىڭ قۇماندانلىقىدىكى 300 نەپەر سەركەردە-لەشكەر گرېتسىيەنىڭ ئارىشاڭ ئۆتكىلىنى قوغداپ، پۈتۈنلەي قۇربان بولغانغا قەدەر قانلىق جەڭ قىلدى. بۇ قېتىمقى جەڭ گرېتسىيە تارىخىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن پېرسىيە ئافېنا شەھىرىنى ئىشخال قىلدى. 9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئافېنا فىلوتى سالامى دېڭىز بوغۇزىدا زور كۆلەمدىكى پېرسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى يوقاتتى. بۇ جەڭ پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 479- يىلى پېرسىيە ئارمىيەسى يەنە پىلاتېيىدە گرېتسىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىن پۈتۈنلەي چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

ئىككىنچى باسقۇچى

گرېتسىيەپېرسىيە ئۇرۇشىگرېتسىيەلىكلەر شۇنىڭدىن كېيىن مۇداپىيىدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى، جەڭ مەيدانى فراكىيە ۋە كىچىك ئاسىياغا يۆتكەلدى. ئۇرۇش ئىككىنچى باسقۇچقا كىردى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 478-يىلى ئافېنالىقلار قارا دېڭىز بوغۇزىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھېللېسپونتنىڭ سول قىرغىقىدىكى مۇھىم قورغان سىتوسنى ئىشخال قىلدى. شۇ يىلى ئافېنا پېرسىيەگە قارشى داۋامىلق ئۇرۇش قىلىشنى خالايدىغان بارلىق گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنى يىغىپ، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دېڭىز ئۈستى ئىتتىپاقىنى تەشكىللىدى (ئىتتپاقنىڭ شىتابى ۋە خەزىنىسى دېلوس ئارىلىدا بولغاچقا، «دېلوس ئىتتىپاقى» دەپمۇ ئاتالدى). مىلادىيەدىن ئىلگرىكى 476-يىلى ئافېنا سەردارى سىموننىڭ قۇماندانلىىقدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە پېرسىيە كۈچلىرىنى فراكىيىدىن قوغلاپ چىقاردى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 468-يىلى پېرسىيە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، گرېتسىيەگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى ئېفرات دەرياسىدا زور بىر تۈركۈم دېڭىز ئارمىيىسىنى توپلىدى. سىمون ئىتتىپاق فىلوتىنى تېزدىن ئۇ يەرگە باشلاپ بېرىپ، پېرسىيە ئارمىيەسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 449- يىلى دېلوس ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى سىپرۇسنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى سارامىستا ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ چاغدا پېرسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قايتا ئۇرۇش قىلغۇدەك مادارى قالمىغان بولۇپ، ئافېنا ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. شۇ يىلى ئىككى تەرەپ پېرسىيەنىڭ پايتەختى سۇسەندىجبدا «كالياس تىنچلىق شەرتنامىسى» نى تۈزدى. شەرتنامىدە پېرسىيەنىڭ ئېگەي دېڭىزى ۋە قارا دېڭىز ئەتراپلىرىغا بولغان ھۆكۈمرانلقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقى بەلگىلەندى، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربى قىرغىقىدىكى گرېتسىيە دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئېتراپ قىلىندى. گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى يېرىم ئەسىرچە داۋاملىشىپ، ئەڭ ئاخرىدا گرېتسىيەنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

گرېتسىيەپېرسىيە ئۇرۇشىگرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە پېرسىيە ئىمپىريىسى قاتتىق ماغدۇرسىزلىنىپ، كۈنسايىن ئاجىزلاشتى. گرېتسىيەدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى بۇ ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتىن گۈللىنىش ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلانغان. بولۇپمۇ ئافېنا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسدە ئۇنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە سىياسىي نوپۇزى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئۇ گرېتسىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىغان. «تارىخ ئاتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن ھېرودېت مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 443-يىلدىن ئېتىبارەن قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخدىكى بۇ مۇھىم ئۇرۇشقا ئاتاپ مەشھۇر جەڭنامە- «تارىخ» نى يېزىپ، گرېتسىيەدىك ھەرقايسى دۆلەرلەرنىڭ ئۇرۇش جەريانىدا پېرسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىش يولىدىكى باتۇرانە تۆچپىسىنى قىزغىن مەدھىيلىگەن.[0]  


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#