سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوت

 سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغاچقا سېلىشتۇرما تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يوقىراراق بولغان ھاۋا سىرتتىن ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچقا كىرگەندە، سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوت دەرھال گازغا ئايلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1997-يىلى، ئامېرىكىدا سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدىغان يېڭى تىپتىكى بىر خىل ئاپتوموبىل بارلىققا كەلدى. بۇ خىل ئاپتوموبىل يېقىلغۇ قىلىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوت بىر ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچتىن كېلىدۇ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغاچقا سېلىشتۇرما تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يوقىراراق بولغان ھاۋا سىرتتىن ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچقا كىرگەندە، سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوت دەرھال گازغا ئايلىنىدۇ. تېزلىكتە كېڭەيگەن گاز زور ئېنېرگىيىگە ئىگە بولۇپ، شامالدۇرغۇچنى ئايلاندۇرۇپ، ئاپتوموبىل ماتورىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئاپتوموبىل ئادەتتىكى ئاپتوموبىلغا قارىغاندا، نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگەن.

بىرىنچى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئاپتوموبىل مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان بىردىنبىر كېرەكسىز گاز ئازوت بولۇپ، ئۇ، ئەسلىدىلا ئاتوموسفىرانىڭ 78 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

ئىككىنچى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدىغان ئاپتوموبىل قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش ئاسانلا پارتلاپ كەتمەيدۇ، چۈنكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوت بېنزىنغا ئوخشاش ئاسان كۆيمەيدۇ ھەم ئاسان پارتىلىمايدۇ.

ئۈچىنچى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتنى ياساش، ئېلىش، ساقلاش، توشۇش بەكمۇ تەس ئەمەس، ئاتمۇسفىرادا ئېلىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئازوت گازى بار بولۇپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئازوت گازىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا، سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتنى مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى دېيىشكە بولىدۇ.

ئاپتوموبىل قالدۇق گازىنىڭ مۇھىتنى بۇلغايدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان پاكىت. ئاپتوموبىللار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاتوموسفىرانىڭ بۇلغىنىشى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. شۇڭا، ئالىملار يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل يېقىلغۇسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزەنمەكتە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#