ياڭاق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ياڭاق (خام دورا)
  2. ياڭاق (ئۆسۈملۈك)
خام دورا
ياڭاق

ياڭاق بولسا ياڭـاق ئائىلىسىدىـكـى غـازاڭ تاشلايدىـغـان دەرەخ  ياڭاقـنىـڭ مېغىزى بۇلۇپ،باھنى قوزغاش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى ياڭاق
ئەرەبچە نامى جەۋز
ئىنگلىزچە walnut Meat
تونۇش ياڭاقـنىـڭ مېغىزى
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 核桃
پارسچە نامى گۇز،گۇردىگان، جاھار مېغىز
ئوردۇچە نامى ئەخرۇت
تەمى تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياڭاقياڭاق بولسا  ياڭـاق ئائىلىسىدىـكـى غـازاڭ تاشلايدىـغـان دەرەخ  ياڭاقـنىـڭ مېغىزى بۇلۇپ،  مېغىزى شار شەكىللىك بولۇپ، ئىككى پارچىسى بىرىكىپ تۇرىدۇ، پۈرمە ئېرىقچىسى بولىدۇ.  سىرتىنى قوڭۇر رەڭلىك نېپىز پەردىسىمان ئۇرۇق پوستى ئوراپ تۇرىدۇ، تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس،9-، 10- ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن، خېبىي، شەنشى، كەشمىر، ئىران ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ھېسسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، باھنى قوزغاش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتى بار. 

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

 ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

(1) باكتېرىيە، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

 (2) تەركىبىدە ياڭاق يېغى تۇتقان يېمەكلىكلەرنى ئىتقا بېرىلسە، بۇنڭ بىلەن ئىتنىڭ تەن ئېغىرلىقى تېزلا ئاشىدۇ، قان شىرىسى ئاق ئاقسىلى كۆپىيىدۇ.

ياڭاقياڭاق مېغىزىنىڭ تەركىبىدە %40~50 مايلىق ياغ بار، يەنە %15.4 ئاقسىل، %10 كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، كالتسىي، فوسفور،  تۆمۈر، كاروتىن، رىبوفلاۋىن قاتارلىقلار بار.

ياڭاق1. ياڭاق مۇرابباسى تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل بىلەن قوشۇپ يېسە، بۆرەكنى سەمرىتىدۇ، باھنى قوزغايدۇ،چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2. ياڭاق مېغىزىدا يالانچۇق تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن يالاپ بەرسە، يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.

3. ياڭاقنى سىركىگە چىلاپ يېسە، ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىقىنى تۈگىتىدۇ.

4. ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى كۆيدۈرۈپ يېسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.

5. ياڭاقنىڭ يېلىمىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا چاپسا ياكى ئېزىپ ئاغرىق چىشقا باسسا ئاغرىق توختىتىدۇ.

6. ياڭاق پوستىنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېغىزنى چايقىسا، چىشنىڭ تۈۋىدىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ، چىشنى چىڭىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ياڭاقـنىـڭ مېغىزى

تۈزەتكۈچىسى

ئانار سۈيى، بىنەپشە

ئورۇنباسارى 

 ھەببىتۇلخوزرا، چىلخوزائانار سۈيى، بىنەپشەياڭاقـنىـڭ مېغىزى.

ياڭاق مۇرابباسى، سوقماق، لوئوف بادام.

نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، جىنسىي قۈۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى، قەۋزىيەت، يۆتەل، ھەزىم بۇزۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=272

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#