قوۋۇق سېپىلى

قوۋۇق سېپىلى

قوۋۇق سېپىلى گۇچۇڭ ناھىيە گۇچۇڭ بازىرى ماۋاڭ مىياۋ ئىبادەتخانىسى مەھەللىسى بىلەن گوگوتەن مەھەللىسىنىڭ قىيپاش بۇلۇڭىغا جايلاشقان ئىمارەت خارابىسى.

نامى قوۋۇق سېپىلى
باشقا نامى ئاي سېپىلى، دوناي كۆلچەك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 瓮城
جايلاشقان ئورنى گۇچۇڭ ناھىيە گۇچۇڭ بازىرى
سېلىنغان ۋاقتى 1775-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   گۇچۇڭ ناھىيەسى  گۇچۇڭ بازىرى ماۋاڭ مىياۋ ئىبادەتخانىسى مەھەللىسى بىلەن گوگوتەن مەھەللىسىنىڭ قىيپاش بۇلۇڭىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قوۋۇق سېپىلىنىڭ ئىمارەت خارابىسى بار. بۇ خارابىلىق گەرچە «قوۋۇق سېپىلى» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى ناھايىتى قەدىمىي بولۇپ، ئۇ تۆت ئەتراپىدا ئىگىز تېمى بار ئېلىپىس شەكىللىك ئىمارەت.

 قوۋۇق سېپىلى يەنە ئاي سېپىلى، دوناي كۆلچەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قوۋۇق سېپىلى شەھەر قەلئەسى ياكى ئۆتكەلنىڭ قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سېپىل دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا (بەزىلىرى سېپىل دەرۋازىسىنىڭ ئىچىگە) سېلىنغان ئېلىپىس شەكىللىك ياكى تۆت چاسا شەكىلدىكى سېپىل دەرۋازىسىنى قوغدايدىغان كىچىك سېپىل بولۇپ، ئۇ جۇڭگودىكى قەدىمكى زامانغا تەۋە شەھەر سېپىلىنىڭ بىر قىسمى ھېساپلىنىدۇ.

 قوۋۇق سېپىلىنىڭ ئىككى يېنى بىلەن سېپىل تۇتۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، قوۋۇق سېپىلىنىڭ ئىچىدە ئوقيا ئېتىش راۋىقى ۋە دەرۋازا چۈشۈرگۈسى قاتارلىق مۇداپىيەلىنىش ئەسلەھەسى تەسىس قىلىنغان. دۈشمەنلەر قوۋۇق سېپىلغا ھۇجۇم قىلغاندا ئاساسلىق سېپىل دەرۋازىسى بىلەن قوۋۇق سېپىلىنىڭ دەرۋازىسى ئىتىۋېتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قوغدىغۇچى قوشۇن دۈشمەننى بىراقلا قولغا چۈشۈرۈپ، ئەمگەك قىلماي تەييارغا ئىگە بولىدىغان ھالەت شەكىللىنىدىكەن.

 گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ھازىر ساقلىنىۋاتقان بۇ قوۋۇق سېپىلى چەنلوڭنىڭ 40-يىلى (1775-يىلى) سېلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شۇ جايدا ئەسلىدىكى سېپىلنىڭ ئاساسىدا يېڭىدىن فۇيەنچېڭ سېپىلى (يەنى لاۋمەنچېڭ سېپىلى)نى ياسىغان بولۇپ، قوۋۇق سېپىلى فۇيەنچېڭ سېپىلىنىڭ بىر قىسمى قىلىنغان. گۇاڭشۈنىڭ 20-يىلى (1894-يىلى) لاۋمەنچېڭ سېپىلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن. لاۋمەنچېڭ سېپىلىنى قايتا رېمۇنت قىلىش جەريانىدا، سېپىل رايۇنىنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپلا قالماستىن، يەنە شەھەر سېپىلى ئىگىزلىتىلگەن. قوۋۇق سېپىلىنىڭ نۆۋەتتىكى قوغدىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ خارابىلىق شەك شۈبھىسىزكى، شىنجاڭدا ساقلىنىۋاتقان مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابىلىق ھېساپلىنىدۇ.

    ئېلىمىزنىڭ قوۋۇق سېپىلى قۇرۇلۇشى ئەڭ بۇرۇن بەش سۇلالە ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۈللەنگەن. قوۋۇق سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش شەكلى بىلەن سېپىلنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىزدە ئەڭ دەسلەپكى سېپىلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خاڭداپ ياسالغان بولۇپ، شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە خىش بىلەن سېپىل قوپۇرۇلغان. سۇڭ ۋە تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى سېپىللار خىشتا قوپۇرۇلغان. قوۋۇق سېپىلىنى سېلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش ئۆزگۈرۈشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

    گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى قوۋۇق سېپىلىدا خاڭداپ سېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چىۋىق تاش، كاللەك تاش ۋە سېپىل خىشى بىلەن سېپىل قۇرۇلۇشى قىلىش ئۇسۇلى نىسبەتەن ئومۇملاشقان. بۇ قوۋۇق سېپىلى خاڭداش ئۇسۇلى بويىچە سېلىنغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن، ئەينى دەۋرىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي شىمال رايۇنىدىكى مالىيە كۈچىنىڭ چەكلىك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇشى مۇمكىن.

    ناۋادا سېپىل دەرۋازىسىدىن بۆسۇپ ئۆتسە دەرۋازا ئېچىلىپ كېتىپ قوغداشقا ئامال بولمايدۇ، سېپىل دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا بىر قوۋۇق سېپىلى ياسالغان بولۇپ، بۇ بىر خىل مۇداپىيەلىنىش ئىستىھكامى قىلىنىپ، بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىنغان.

 بۈگۈنكى كۈندە گۇچۇڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان بۇ قوۋۇق سېپىلىغا 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بولۇپ، بۇ ئەشۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى ھېساپلىنىدۇ. قوۋۇق سېپىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە خارابىلىقتا يالتىرىغان قەدىمكى زاماننىڭ ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسى ھازىرقى زامان ئۇرۇشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قوزغۇتۇش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#