سانجى شەھىرى

سانجى شەھىرى

سانجى شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقىي ئۈرۈمچى ناھىيىسى، مىچۇەن شەھىرىگە، غەربىي قۇتۇبى ناھىيىسىگە، جەنۇبىي خېجىڭ ناھىيىسىگە، شىمالى قوبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. 

نامى سانجى شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 8215 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ
مەمۇرىي رايون تۈرى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر
خەنزۇچە نامى 昌吉市
تەۋە رايون جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
نوپۇسى 36.33 تۈمەن (2013)
چەتئەلچە نامى Changji City
جۇغراپىيىلىك ئورنى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سانجى شەھىرىسانجى شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقىي ئۈرۈمچى ناھىيىسى، مىچۇەن شەھىرىگە، غەربىي قۇتۇبى ناھىيىسىگە، جەنۇبىي خېجىڭ ناھىيىسىگە، شىمالى قوبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 260 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 30 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 8275 كۋادرات كىلومېتىر.

 تەۋەسىدە ئىككى بازار، يەتتە يېزا، تۆت مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 28 ئاھالە كومىتېتى، 52 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، يەنە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 6-شىسىنىڭ شىتابى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئۈچ تۈەن-مەيدان بار، شەھەر رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىگە 35 كىلومېتىر كېلىدۇ.

 1995-يىلىنڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 310 مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار% 14.0، ئۇيغۇرلار % 2.84، خەنزۇلار % 76.71، باشقا مىللەتلەر % 6.45 نى ئىگىلەيدۇ. 

سانجى شەھىرىسانجى شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جېگو ۋە دەنغىڭ دۆلىتىنىڭ يېرى بولۇپ، غەربىي دىيار قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە قارايتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىققا قارايتتى. چەنلوڭنىڭ 38-يىلى (1762-يىلى) چېگرا شەھەرنى تىنجىتىش ئۈچۈن سەييارە ئامبال مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچىگە قارىغان. چەنلوڭنىڭ 38-يىلى (1773-يىلى) سانجى ناھىيىسى قۇرۇلغان، گۇاڭشۈنىڭ 10-يىلى (1884-يىلى) ئۈرۈمچى مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو دەۋرىدە ئۈرۈمچى ئايمىقىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋالى مەھكىمىسىنىڭ قارمىقىدا بولغان، 1954-يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1983-يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر قۇرۇلغان، ھازىر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.

يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق %40.7 نى، تۈزلەڭلىك % 32.5 نى، قۇملۇق

% 26.8 نى ئىگىلەيدۇ. سەنتۇن دەرياسى ۋە تۇتۇن دەرياسى بار.

 يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 468 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكلەردىكى يەر ئاستى بايلىقىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 214 مىليون كۇب مېتىر، ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، قارا تايغان بۇغا، ئېلىك، ياۋا توڭگۇز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقىدىن سوغىگۈل، قار لەيلىسى، ھىڭ قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، گۈڭگۈرت، زەمچە، شور، ھاك تېشى، فارفۇر توپىسى قاتارلىقلار بار. 

بۇ شەھەر مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىمات رايونىغا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە تېپېراتۇرىسى 6.1، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 42.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃38.2، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ℃9.65 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 8.2382 سائەت، 10 يىغىلما تېمپېراتۇرا 3374.1، قىروسىز مەزگىلى 157 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 7.181 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1.1739 مىللىمېتىر. 

سانجى شەھىرىمەزكۇر شەھەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر 43 مىڭ 500 گېكتار (652 مىڭ 500 مو) ، ئورمان 31 مىڭ 500 گېكتار (472 مىڭ 500 مو) ، ئوتلاق 546 مىڭ 100 گېكتار 8 مىليون 191 مىڭ 500 مو، يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 69 مىڭ 900 گېكتار (474 مىڭ مو) بوز يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقۇناق، قىزىلچا، مايلىقدان، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن قوي، كالا، چوشقا، توخۇ قاتارلىقلار بار.

 سانائەتتىن كۆمۈر، بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى، ماشىنسازلىق-ئېلېكترون، توقۇمچىلىق، قەغەزچىلىك، ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. 

سانجى شەھىرىنىڭ ئۇل ئۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى. يوللىرى تەرەپ-تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن، 312-دۆلەت تاشيولى (بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن سانجىغىچە بولغان ئارىلىق 1-دەرىجىلىك تاشيول) ۋە ياسىلىۋاتقان ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئالىي دەرىجىلىك تاشيولى. لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى بۇ شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. 35 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە سىمسىز چاقىرىش قاتارلىقلار ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

مەزكۇر شەھەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن سانجى قەدىمىي شەھىرى، لۇساۋگو قەدىمىي شەھىرى، نىڭبىيەن شەھىرى، تىم قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن جىڭلاۋبا، نۇرجا يايلىقى، چىڭگىدا كۆلى قاتارلىقلار بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#