ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان مەملىكەتلەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاشقازان راكى ھەرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان راك ئۆسمىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاغرىش نىسپىتى ناھايىتى يۇقۇرى بولىدۇ. شاڭخەي شەھرىدىن ئېلىنغان  1976-يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پۈتۈن يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ئىچىدە ئاشقازان راكى بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئاغرىش نىسپىتى ھەر 10 مىڭ ئادەم ئىچىدە 37.95 ئادەمگە يېتىدۇ.

ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ئالامىتى كۆپىنچە ئانچە ئوچۇق كۆرۈلمەيدىغانلىقى ياكى ئانچە-مۇنچىلا كۆرۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئاسانلا سەل قارىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ تىپىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە، ۋاقىت قولدىن كېتىپ قالغان بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئاشقازان راكىنى داۋالاش ئۈنۈمى ئۆز ۋاقتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. دەسلەپكى دەرۋرىدە ئاشقازان راكى ئوپراتىسىيە قىلىنغاندىن كېيىن، كېسەلنىڭ بەش يىل ياشاش نىسپىتى 90% تىن ئاشىدۇ. ئاخىرقى دەۋرىدە مەلۇم بولغان ئەمما يېقىندىن بېرى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاغرىقى جىددىي قوزغالغان كىشى ئۆز كېسىلىگە ئېتىبارسىز قارىماي، ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. (جياڭ ۋېيچاڭ)

 مەملىكىتىمىزنىڭ ئاشقازان راكى پۈتۈن ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى راك ئۆسمىلىرىنىڭ 40-80 % نى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر دۇنيادا ئاشقازان راكى بىلەن ئاغىرىش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان مەملىكەت ياپونىيە بولۇپ، ئۇ يەردە ئەرلەر ھەر 10 ئادەم ئىچىدە 69.9 ئادەمگە، ئاياللار ھەر ئون مىڭ ئادەم ئىچىدە 47.6 ئادەمگە يېتىدۇ. ئاشقازان راكى بىلەن ئاغرىش نىسپىتى ياپونىيىدىن قالسا چىلى، فېنلاندىيە، ئىسلاندىيە ۋە غەربىي گېرمانىيىدە بىر قەدەر يۇقىرى. 

ياش جەھەتتىن ئالغاندا، ئاشقازان راكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار ئىچىدە قىرىق ياشتىن يۇقۇرىلار مۇتلەق كۆپ ساننى(85% چامىسىنى) تەشكىل قىلىدۇ. بۇ كېسەل ياشلار ئارىسىدا ئازراق ئۇچرايدۇ. جىنسىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئاشقازان راكى بىلەن ئاغرىش نىسپىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەر ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقۇرى بولىدۇ(ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقۇرى بولىدۇ) . رايونلار جەھەتتىن ئالغاندا، ئاشقازان راكى بىلەن ئاغرىش نىسپىتى يېزىغا قارىغاندا شەھەردە، ئىچكى قۇرۇقلۇققا قارىغاندا دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلاردا يۇقىرى بولىدۇ. ئىچىدىغان سۇ جەھەتتىن ئالغاندا، قۇدۇق سۈيىنى ئىچىدىغان جايلارغا قارىغاندا دەريا سۈيىنى ئىچىدىغان جايلاردا، دەريا سۈيىنى ئىچىدىغان جايلارغا قارىغاندا تۇرۇبا سۈيىنى ئىچىدىغان جايلاردا يۇقۇرى بولىدۇ. 



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#