رەيھان ئۇرۇقى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. رەيھان ئۇرۇقى (ئۆسۈملۈك)
  2. رەيھان ئۇرۇقى ()
ئۆسۈملۈك

رەيھان ئۇرۇقى

رەيھان ئۇرۇقى

رەيھان ئۇرۇقىنىڭ يەنە باشقا ئاتىلىشىمۇ بار بۇلۇپ زىسۇ، سۇ، ئاق رەيھان، زەرۋىچ، چىڭسۇ، ياۋا سۇ، سۇما، سۇ ئوتى، تاڭ رەيھىنى، چوڭ رەيھان، يالغان رەيھان قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق ئۆسىدىغان جايى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، تەيۋەن، جۇڭگونىڭ جياڭشى، خۇنەن قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى رايونلار، ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە ھىمالايا تېغى رايونلىرى، ياپونىيە، بىرما، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، ھىندىستان، نېپال، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق رايونلار. 

ئۇيغۇرچە نامى رەيھان ئۇرۇقى
ئىنگلىزچە نامى Perilla
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 苏子
تارقالغان رايونلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى زۇلقا ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئالاھىدە خۇش پۇراق، غۇلى تىك، كۆپ شاخلايدۇ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ. يېشىل سۆسۈن رەڭ ياكى يېشىل رەڭدە بولۇپ، دىقماق، تۆت قىرلىق، قويۇق تۈكلۈك. 

يوپۇرماق يۈزى 

يۇپۇرمىقى بىر-بىرىگە ئۇدۇل ئۈسىدۇ، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن بۇلۇپ 3 سانتېمىتىردىن 5 سانتېمىتىرغىچە، بىنەپشە رەڭ ياكى يېشىل رەڭ، ئۇزۇن كىرپىكسىمان تۈكلۈك، يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇم شەكلىدە بۇلۇپ، تۇخۇمسىمان دۈگىلەك ياكى تۇخۇمسىمان ئۈچ بۇلۇڭ، ئۇزۇنلىقى 4 ~ 13 سانتېمىتىر، كەڭلىكى 5 ~ 10 سانتېمىتىر، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، ئۆسۈكچە ئۇچى قىسقا قۇيرۇق شەكىللىك، تۈۋى قىسمى دۈگىلەك ياكى كەڭ شىنا شەكىللىك، گىرۋەكلىرىدە يىرىك زىغزىقلىرى بار، بەزىدە ھەرە چىشىسىمان ھالەتتە چوڭقۇر ياكى تېيىز يېرىلىدۇ، ئىككى بىسلىق بىنەپشە رەڭلىك، پەقەت ئاستى تەرىپى سۆسۈن، ئاستى-ئۈستى تەرپىدە شالاڭ ئۆسكەن ئىككى يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ، يوپۇرماق تومۇرىنى بويلاپ زىچلىشىدۇ.

يوپۇرماق ئاستى 

يوپۇرماقلار ئاستىدا ئۇششاق ياغ بېزى بار، يان تومۇرى ئاستى قىسمىغا جايلاشقان، يانتۇھالەتتە، گۈل رېتى ئايلانما كۈنلۈكسىمان،گۈل ئۇچىدا ئۆسدۇ، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈل رېتىنى زىچ ئۇزۇن تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ ئورىغۇچى ياپرىقى تۇخۇم شەكىللىك، تۇخۇمسىمان ئۈچ بۇلۇڭ ياكى يىڭنە شەكىللىك بۇلۇپ تولۇق ھەم پۈتۈن گىرۋەكلىك، كىرپىكسىمان تۇكلىرى، سىرتتا بەز توچكىلىرى بار، ئەتىراپى پەردىسىمان، گۈل سېپىنىڭ ئۇزۇنلىغى 1 ~ 1.5 مىللىمىتىر، زىچ يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ.

گۈل كاسىسى 

گۈل كاسسى قوڭغۇراق شەكىللىك، ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 3 مىللىمىتىر، سىرتقى قىسمىدا زىچ، ئۇزۇن يۇمشاق تۈكچىلەر ۋە سېرىق رەڭلىك بەز توچكىلىرى بار، ئۇچىدا 5 چىشى بولىدۇ، قوش كالپۇكسىمان، ئۈستۈنكى كالپۇكى كەڭ، تۆۋەنكى تەرپىدە ئىككى چىشى بار، تۈۋى خالتىسىمان.

گۈل تاجى 

گۈل تاجى كالپۇكسىمان، ئۇزۇنلىقى  3 ~ 4 مىللىمېتىر، ئاق ياكى بىنەپشە رەڭلىك، گۈل تاجى نەيچىسى ئىچىدە ھالقىسىمان تۈكچىلىرى بار،  سىرتى يۇمشاق تۈكلۈك، ئۈستۈنكى كالپۇكى سەل ئويمان، تۆۋەنكى كالپۇكى 3 پارچە بولۇپي يېرىلىدۇ، يېرىقچىسى يۇمىلاقراق، ئوتتۇرا يېرىقچىسى بىر قەدەرچوڭ بولىدۇ. ئاتىلىقى 4 تال، چاڭدان ئىككى تال، گۈل تاجا نەيچىسى ئوتتۇرا قىسىمىدا.

گۈل تەخسىسى 

ئانىلىقى 1 تال، ئۇرۇقدان تۆت يېرىق، ئانىلىق بوينى ئېگىز ئۆسكەن، ئانىلىق تۇمشۇقى 2 تال، گۈل تەخسىسىنىڭ ئالدى قىسمى چوڭايغان، قاتتىق پوستلۇق مىۋىسى كىچىك بۇلۇپ شارغا ئوخشايدۇ، ئىللىق، نەم ھاۋانى خالايدۇ، قۇرغاقچىلىق ۋە قىرو ئۈششۈكنى خالىمايدۇ، كۈلرەڭ قوڭۇر ياكى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، دىئامېتىرى 1 ~ 1.3مىللىمېتىر، تور سىزىقچىلىرى بۇلىدۇ، مېۋە كاسىسى ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 10 مىللىمىتىر، چېچەكلەش مەزگىلى 6-،8-ئايلار، مېۋىلەش مەزگىلى 7-،9-ئايلار. 

پەرقى 

مېۋە كاسىسى كىچىك، ئۇزۇنلۇقى 4 ~ 5.5 مىللىمىتىر، ئاستى قىسمىنى شالاڭ تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، بەز توچكىلىرى بار؛ غولى قىسقا، غولى قىسمىدا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. يۇپۇرماقلىرى بىر قەدەر كىچىك، تۇخۇمسىمان شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 5.4 ~ 7.5 سانتىمېتىر، ئىككى يۈزىنى شالاڭ تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. مېۋىسى كىچىك ھەم قاتتىق شاكاللىق، توپا رەڭلىك، دىئامېتىرى 1-1.5 مىللىمىتىر، چېچەكلەش مەزگىلى 6-ئاي،8-ئاي مەزگىلى، مېۋىلەش مەزگىلى 7-ئاي،9-ئاي مەزگىلى. 

مۇۋاپىق سوغۇق بولغان مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرىغا تېرىلىدۇ، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ، كەنتنىڭ چېتى، قىر بېشى، سۇ چىقىرىش شارائىتى ياخشى بولغان قۇملۇق سېغىز توپا، قۇمساڭ تۇپراق، يېپىشقاق ئەت تۇپراق، ئۆينىڭ ئالدى-كەينىگە، چېگرا جىلغا بويىلىرىغا، مۇنبەت تۇپراقلارغا تېرىلسا ياخشى ئۆسىدۇ.

ئاساسلىقى جياڭسۇ، ئەنخۇي ۋە خېنەن ئۆلكىلىرىدىن ئىبارەت رايونلارغا تارقالغان. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىرگىمۇ كىرگۈزۈپ ئۆستۈرگەن.

 ئىشلىتىلىش ئورنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ، مايسا ۋە يۇمران يوپۇرمىقىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، كۈنجۈت بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يەم-خەشەك قىلىشقا بۇلىدۇ. رەيھان ئۇرۇقى بولسا بىر خىل مۇھىم سانائەت خام ئەشياسى. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يامغۇرلۇق چاپان، كۈنلۈك، باسما مېيى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بۇلىدۇ. يەنە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ياخشى يەم كۈنجۈرىسى، ھەم شۇنداقلا ياخشى بولغان ئورگانىك ئوغۇت. 



ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بۇلۇپ ئۆپكە، چوڭ ئۈچەي قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ. يەلنى ھەيدەيدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ، يۆتەل توختۇتۇپ زىققىنى پەسەيتىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تارەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. يۆتۈلۈپ دىمى سىقلىش، ئۈچەي قۇرغاقلىشىپ قەۋزىيەت بۇلۇش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ . 

قاندىكى مايغا بولغان تەسىرى 

رەيھان ئۇرۇقى ماي تەركىبلىك بۇلۇپ توخۇ باققاندا يەم-خەشەك قىلىشقا بۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن توخۇنىڭ قان خولېستېرىن سەۋىيىسى تۆۋەنلەيدۇ، بىراق كىچىك چاشقاندىكى رولى بۇنداق بولمايدۇ، كىچىك ئۆي چاشقىنىنىڭ بويۇن قىسمىلىرىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۋىتىدۇ ۋە تېرىسگە زىيان يەتكۈزىدۇ؛ رەيھان ماي تەركىبلىك بولغاچقا توشقانغا يەم-خەشەك قىلىشقا بۇلىدۇ، توشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە جىگەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدۇ، قان پلازمىسى ۋە جىگەرنىڭ خولېستېرىن مىقدارىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

باكتېرىيە چەكلەش رولى 

تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى : رەيھان مېيىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتكۈچى تاياقچە باكتېرىيىسى، قارا ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى، پېنسىلىن زەمبۇرۇغى ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا زەمبۇرۇغلارغا قارىتا تىزگىنلەش رولى بار. بۇنىڭ ئىچىدە زەمبۇرۇغلارغا بولغان ئېچىتش رولى كۈچلۈك. رەيھان ئۇرۇقى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېريىسىگە قارىتا بىرقەدەر كۈچلۈك چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تورمۇزلاش رولى بار. لېكىن كېلىنكىدا ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەلگە رەيھان ئۇرۇقى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلدۇ، لېكىن چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى كېسىلىگەپايدا قىلىدۇ. رەيھان تېرىنى كېڭەيتىپ، قان تومۇرنى غىدىقلاپ، تەر ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇڭا تەرلىتىش رولى بار، ھەم كانايچە ياللۇغىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇقنى ئازايتىدۇ، زۇكام، يۆتەلنى توختىتىش، بەلغەمنى ھەيدەش رولى بار، بۇنىڭدىن سىرت، رەيھان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەيدىكى لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى  كۈچەيتىدۇ.

چىرىشتىن ساقلاش، ئوكىسدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى 

 چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىشلىتىشكە بولىدىغان يېمەكلىك ۋە دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاش رولى بار. ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بىرقەدەر كۈچلۈك. 

تېرىش؛

يەرنى رەتلەپ ئوغۇتلاش؛

كۆچەت تىكىپ ئۆستۈرۈش؛ 

ئېتىز ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى قىلىش؛  

ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛  

ھوسۇل يىغىش ئۆلچىمنى بېكىتىش؛ [0]  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#