دۈملىمە كاۋاپ

دۈملىمە كاۋاپ  سۆڭەكلىك قوي گۆشى ، پالەك ، سۇڭپىياز ، جاڭيۇ ، زىرە ، تۇز ، سوققان زەنجىۋىل، ھۆل پۇرچاق ، قارىمۇچ قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تەييارلىنىدىغان كاۋاپنىڭ بىر تۈرى.

ئۇيغۇرچە نامى دۈملىمە كاۋاپ
خەنزۇچە نامى 蒸肉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاساسلىق ماتېرىيالىسۆڭەكلىك قوي گۆشى بىر كىلوگرام، پالەك تۆت تال، سۇڭپىياز ئۈچ تال، جاڭيۇ ئازراق، زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، ھۆل پۇرچاق مۇۋاپىق مىقداردا، قارىمۇچ ئازراق.

1. قوينىڭ تۆش ياكى قوۋۇرغا گۆشىنى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ سەرەڭگە قېپىچىلىك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، زىرە، قارىمۇچ، تۇز، جاڭيۇ، پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، چوڭ چىنە ياكى قاچىغا رەتلىك تىزىپ، ئۈستىگە تۆت تال پالەكنى سېلىپ قاچىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم يېپىپ قويۇلىدۇ.

2. چوڭراق قازانغا سۇ قۇيۇپ، قاينىغاندا، گۆش سېلىنغان قاچىنى قازاندىكى سۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قازاننىڭ ئاغزىنى يېپىپ ئىككى سائەت پىشۇرۇلىدۇ(سۇ قاينىغاندا، سۇ قاچىغا كىرىپ كەتمەيدىغان بولۇش كېرەك) . بۇ ئۇسۇل قاسقاندا پىشۇرغانغا ئوخشىمايدۇ.

3. پىشقان كاۋاپنى قازاندىن ئېلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ تەخسىگە دۈم كۆمتۈرۈپ(ئۈستىگە سېلىنغان پالەك ئاستىغا، گۆشلەر ئۈستىگە چۈشۈش كېرەك) ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#