كىم سوخيۇن

كىم سوخيۇن

كىم سوخيۇن 1988-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كورىيە سىئولدا تۇغۇلغان، تونۇلغان كىنو ئارتىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كىم سوخيۇن
باشقا نامى 김수현、Kim Soo Hyun、キム・スヒョン
مىللىتى كورىيان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1988-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 180cm
خەنزۇچە ئاتىلىشى 金秀贤
دۆلەت تەۋەلىكى كورىيە
يۇرتى سىئول
يۇلتۇز تۈركۈمى سۇ بوتۇلكىسى تۈركىمى
بەدەن ئېغىرلىقى 65kg

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىم سوخيۇن 1988-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كورىيە سىئولدا تۇغۇلغان، تونۇلغان كىنو ئارتىسى. كورېيە مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىياتىر-كىنو فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتىدۇ، 2014-يىلىدىكى «يۇلتۇزدىن كەلگەن سۆيگۈنۈم»دە كىم سوخيۇن رول ئالغان سىرلىق ئەر دۇ مىنجۈن بىلەن بىراقلا تونۇلغان.

2014-يىلىدىكى «يۇلتۇزدىن كەلگەن سۆيگۈنۈم»دە كىم سوخيۇن رول ئالغان سىرلىق ئەر دۇ مىنجۈن بىلەن بىراقلا تونۇلغان.

«يۇلتۇزدىن كەلگەن سۆيگۈنۈم» ئىچىدىكى دۇ پروفېسسور بارلىق سۈپەتلەر ۋايىغا يەتكەن ئوبراز، ئۇ ئۆز ھېس تۇيغۇلىرىنى يوشۇرىدۇ، مېھرى ئىسسىق، ئوماق، قەھرىمان، ئېسىلزادە، بىلىملىك خارەكتېرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

كىم سوخيۇننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇق بولسىمۇ، لېكىن كەمتەر ۋە ئېغىر-بېسىق، ئۇنىڭغا نىسبەتەن كىمنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش مۇھىم ئەمەس، بەلكى قانداق رول ئېلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى يۇقىرى رول ئېلىش ماھارىتىدىن باشقا يەنە، ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناشقىمۇ ماھىر.

ئوخشاش ياشتىكى ئارتىسلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كىم سوخيۇن ياخشى تاشقى قىياپەت، ئاجايىپ رول ئېلىش ماھارىتى ھەم چولپانلىق ساپاسىنى ھازىرلىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىملىق ئاۋازى ۋە توغرا بولغان سەھنە سۆزى يەتكۈزۈش ئىقتىدارى بار، بۇنداق كۆپ خېل ئىقتىدارنى تەڭ ھازىرلىغان ئارتىس كۆپ ئەمەس.

ئۇ بىر ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر ئارتىس. ئۇنىڭ ئاۋازى ۋە سۆز قابىلىيىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاۋازى ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ھېسابلىنىدۇ.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى باھالار كىنو مەستانىلىرىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

كىم سوخيۇن كىچىكىدىن تارتىپلا «قېرىنچە ئۈستى مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، كېيىن مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالانغان، بۇ مەسىلىنى ھەل قېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاپىسى نوتۇق سۆزلەش ياكى رول ئېلىشنى سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بەرگەن، ئۇ كېيىنكىسىنى تاللىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، تولۇق ئوتتۇرىدىن بۇرۇن كىم سوخيۇن پائالىيەتلەرگە ناھايىتى ئاز قاتنىشىدىغان بولۇپ ناھايىتى ئىچ مىجەز ئىكەن، ھەتتا باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايدىكەن.

كىم سوخيۇن «مەن ھەرگىز داغدام يولدا ماڭمايمەن، ئەكىسچە پاتقاقلىق چىغىر يولدا ماڭىمەن، شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنى چېنىقتۇرىمەن، شۇنداق بولغاندىلا كېينكى يولۇم تېخىمۇ داغدام بولىدۇ» دېگەن.

20 نەچچە يىلدىن بۇيان، كىم سوخيۇننىڭ تاشقى قىياپىتىدە ئۆزگۈرۈش بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئۇ يەنىلا شۇنداق بىمالال، تەمكىن، مۇنازىرىلەشمەيدۇ ھەم باشقىلاردىن ھېچنىمە تالاشمايدۇ، ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى ئالىدۇ، قانداقلا ئوبراز بولسۇن ئەڭ ياخشى يارىتىشقا تېرىشىدۇ.

كىم سوخيۇن تاماشا ساھەسىدىكى بىر پارچە قىممەتلىك تاش، گەرچە ئاسىيادا ئاللىقاچان نام چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىملىق پائالىيەتلەردە، ئېگىلىپ سالام قېلىپ، ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا قويىدۇ، ئۇنىڭ  قائىدە-يوسۇنلۇق پەزىلىتى تاماشا چەمبىرىكىدىكى باشقا چولپانلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. ئائىلە تەربىيەسى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئۆزىنى داۋاملىق قوشۇمچە رولچى دەپ ئويلايدۇ، ئۆزىنى يوشۇرىدۇ.[1]

كىم سوخيۇن «يۇلتۇزدىن كەلگەن سۆيگۈنۈم» فىلىمگە تايىنىپ كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رول ئېلىش ماھارىتى مۇكاپاتى ۋە توكيو خەلقئارا تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاسىيادىكى ئەڭ ياخشى ئارتىس مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىپ، يۈز تۈرلۈك سەنئەت مۇكاپاتىدا 50 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى كىنو-تېلېۋىزىيە ساھىبى ۋە نام قازىنىش جەھەتتە قوش سالاھىيەتلىك ئېرىشكۈچى بولۇپ قالغان، ئۈچ خېل مۇكاپات ئارقىلىق بىر نۆۋەتلىك مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىكى، مۇكاپاتقا ئېرىشىش سانى رېكورتىنى يېڭلىغان.

2015-يىلى، كىم سوخيۇن  فوربېس كورىيە مەشھۇر كىشىلەر تىزىملىكىدە 5-ئورۇندا، ئارتىسلار تىزىملىكىدە 2-ئورۇندا تۇرغان، ھەمدە ئۇدا بەش يىل تىزىملىككە كىرگەن، 4 قېتىم ئۇدا كورىيەدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئارتىس بولغان.

ئامېرىكا «فوربېس» ژورنىلى 2016-يىللىق Forbes 30 Under 30 Asia تىزىملىكىدە، كىم سوخيۇن ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەن مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى باشچى بولغان.

MOOLMANG ئېلان قىلغان 2016-يىلى 6-ئايلىق كورىيە چولپانلىرىنىڭ يەر شارىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يېڭى تىزىملىكىدە، كىم سوخيۇن بىرىنچى بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#