مۇسەللەس

مۇسەللەس

مۇسەللەس-مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقى تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇسەللەس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئۈزۈم ھارىقى ھېسابلىنىدۇ.

نامى مۇسەللەس
باشقا ئاتىلىشلىرى 姆塞来斯، 美赛来斯
خەنزۇچە ئاتىلىشى 穆塞勒斯

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇسەللەس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئۈزۈم ھارىقى ھېسابلىنىدۇ، خەنزۇچە  «穆塞勒斯» ،«姆塞来斯 » ۋە «美赛来斯»  قاتارلىق بىر قانچە خىل ئاتىلىشى بار. مۇسەللەسنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى ناھايىتى يوقۇرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، كۆڭۈلنى شادلاندۇرغۇچى، روھنى كۆتۈرگۈچى يەرلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.

مۇسەللەسنىڭ تەبئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، تەركىبى ھەسەلدەك شېرنىلىك، تەمى قەندەك تاتلىق، رەڭگى گۈلدەك قىزىل، سۈپىتى ياقۇتتەك سۈزۈك، كەيپى شېرىن، قۇۋۋىتى مېھىرگىياھتەك كۈچلۈك بولۇپ، مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە كۆڭۈلگە شادلىق ئاتا قىلىدۇ. 

مۇسەللەسيازما خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، قۇجۇ خانلىقى دەۋرىدىن خىلى زامانلار ئىلگىرى مۇسەللەسنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا، مۇسەللەس ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، يىراق ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن كەشپ قىلىنغان دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. مۇسەللەس-مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقى تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، باشقا رايۇنلاردىمۇ ئۈزۈمنى خام ئەيشىيا قىلىپ ئىشلەنگەن ئىچىملىكلەر بولغان.

تاڭ شېئىرلىرىدىكى « مەززىلىك ئۈزۈم شارابى قويۇلۇپتۇ نۇرلۇق مەرۋايىت جامىغا» دېگەن مىسرالار ئىچىدىكى « مەززىلىك ئۈزۈم شارابى» دېگىنى دەل مۇسەللەسنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئىدىقۇت خانلىقى تاڭ سۇلالىسىغا « غەربىي يۇرت ئېسىل مەيلىرى» مۇ دەل شۇ مۇسەللەس ئىدى.

خەلقىمىز مۇسەللەسنى ھەرگىزمۇ باشقا ئىچىملىكلەرگە ئوخشىتىپ ئىچمەيدۇ. مۇسەللەسنىڭ تەبىئىتى ئىككى خىل بولۇپ، ھۆل ئۈزۈمدە ياسالغىنى سوغۇققا مايىل بولغاچقا، ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەرگە پايدا قىلىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈمدە ياسالغىنى ياكى ئېچىتقۇ سۈپىتىدە ئىسسىقلىق دورا–دەرمانلار ۋە كەپتەر باچكىسى سېلىنىپ تەييارلانغان مۇسەللەس ئىسسىق تەبىئەتلىك بولۇپ، سوغۇقچان، ھۆل مىجەز كىشىلەرگە باپ كېلىدۇ. مۇسەللەس قانچە ئۇزاق تۇرسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئۇنى ئىقلىمى ئىسسىق جايلاردا كۈپ بىلەن كۆمۈپ ساقلاشقا بولىدۇ. خوتەندە ياسىلىدىغان «مەيزاب» مۇسەللەسنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. مۇسەللەس ئىچىدە «ئاۋات مۇسەللىسى» ئەڭ داڭلىق.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (8 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    37.5%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    25%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    12.5%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    25%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#