قىزىل يوپۇرماق

«قىزىل يوپۇرماق» بولسا رىژىسسور ئادىتيا چوپرا (Aditya Chopra) شارۇلخان، ئاشۋارىيا ۋە ئامىتاب باچچان باش رول ئالغان مۇھەببەت فىلىمى.

ئۇيغۇرچە نامى قىزىل يوپۇرماق
باش رولچى شارۇلخان، ئاشۋارىيا، ئامىتاب باچچان
ئۇزۇنلىقى 3سائەت 36مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 2000-10-27
دىئالوگ تىلى ھىندىچە، ئىنگىلىزتىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 真爱永存
تۈرى مۇھەببەت فىلىمى
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2000-يىلى
ئىشلەنگەن ئورۇن ھىندىستان
رېژىسسور ئادىتيا چوپرا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«گۇلكۇل» شانلىق تارىخ ۋە شان-شەرەپكە ئىگە بولغان ئالىي بىلىم يۇرتى.

ناريان شانكار

(ئامىتاب باچچان رولدا) بولسا 25 يىل داۋامىدا ئىزچىل شەپقەتسىزلىك ، كەسكىن بولۇشتىن ئىبارەت  ئوقۇتۇش قارىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ مەملىكەت بويىچە تاللاپ چىقىلغان ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قايسى ساھەلەردە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقتى. يەنە كېلىپ ھەرقانداق مەكتەپ «گۇلكۇل»دىن قوغلانغان ئوقۇغۇچىنى مەكتەپكە ئېلىشنى توغرا كۆرمەيتتى . ئۇزۇندىن بېرى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا پېتىنالمىغان ، چۈنكى مەكتەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئىستىقبالىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن دېرەك بېرەتتى. لېكىن بىركۈنى ئۈچ رومانتىك ھېس-تۇيغۇغا تولغان يىگىت ھەم سىرلىق بىر مۇئەللىم «گۇلكۇل»نىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم باستى . ھەممە نەرسىدە ئۆزگىرۈش يۈز بېرىۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتى ...

مەكتەپ مۇدىرى ناريان شانكارنىڭ  ئوقۇتۇش قارىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى ھەمدە كۆرۈنۈشتە بەك ھۆرمەتلەيتتى . ناريان شانكار بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدۇ.

ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ،  رومانتىك ھېس-تۇيغۇغا تولغان ئۈچ يىگىت ۋىكىي،سامىر ۋە كاران ياتاقداش بولۇپ ، ئوقۇغىچىلارنىڭ چىن مۇھەببەتنى قوغلىشىشىنى قوللايدىغان راج ئاريان (شارۇلخان رولدا) مۇئەللىمنىڭ ئىلھاملاندۇرىشىدا ئىشىكا ، سانجانا ۋە كىران قاتارلىق كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قىزلار بىلەن تونىشىدۇ ، ئۇلار ئۆزلىرنىڭ مۇھەببىتىنى تاپىدۇ ...

مەكتەپ مۇدىرى ناريان شانكار ئۆزگۈرىشلەرنى ھېس قىلغاندىن كېيىن بۇلارنى توسۇشقا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغاندا راج ئاريان ھەقىقىي سالايىتىنى ئاشكارلايدۇ . ئۇ ئەسلى «گۇلكۇل»دىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ ناريان شانكارنىڭ قىزى مىھانى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن ، مەكتەپ مۇدىرىناريان شانكار بۇنى بىلىپراج ئارياننى مەكتەپتىن قوغلايدۇ . راج ئاريان بىلەن مىھانىڭ مۇھەببىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ، مىھا ئازابتىن ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالىدۇ. راج ئاريان مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كۆپ يىللاردىن كېيىن «گۇلكۇل»غا ئوقۇتقۇچىلىق سالايىتى بىلەن قايتىدۇ .

رولئارتىس
Narayan Shankarئامىتاب باچچان
Raj Aryan Malhotraشارۇلخان
Vikram Kapoor/Oberoiيۇدەي چوپرا

Sameer Sharmaجۇگال خانسىراج

Karan Choudhryجىمى شېرگىل

Ishika Dhanrajgirشامىتا شىتتي

Sanjanaكىم شارما

Kiranپىرىتى جاخانگىئانى

Meghaئاشۋارىيا
Kakeئانۇپام كىر

ناريان شانكار

 ئامىتاب باچچان رولدا 

 

25 يىل داۋامىدا ئىزچىل شەپقەتسىزلىك ، كەسكىن بولۇشتىن ئىبارەت  ئوقۇتۇش قارىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ مەملىكەت بويىچە تاللاپ چىقىلغان ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قايسى ساھەلەردە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقتى .

راج ئاريان

 شارۇلخان رولدا

ئۇ ئەسلى «گۇلكۇل»دىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ ناريان شانكار نىڭ قىزى مىھانى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن ، مەكتەپ مۇدىرى  ناريان شانكار بۇنى بىلىپ راج ئارياننى مەكتەپتىن قوغلايدۇ . ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كۆپ يىللاردىن كېيىن «گۇلكۇل»غا ئوقۇتقۇچىلىق سالايىتى بىلەن قايتىدۇ . ئۇ مەكتەپنىڭ كەيپىياتىنى ، ئوقۇتۇش قارىشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس يەنە مىھانىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن قىلغان تولۇقلىما .

ۋىكرام كاپور (ۋىكى)

يۇدەي چوپرا(Uday Chopra)رولدا

ئىشىكانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ، ىشىكانىڭ پۇلدارنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىشىكانىڭ ئۆزىنى ياراتماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يالغاندىن پۇلدار بولىۋالىدۇ . كېيىن ئىشىكاغا ھەقىقىي ئەۋالنى ئېيتىدۇ ، ئۇلار ئاشۇق-مەشۇق بولۇپ قالىدۇ .

سامىر شارما

جۇگال خانسىراج(Jugal Hansraj)رولدا

كىچىكىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان قىزسانجانانى ئۇنتىيالمىغان سامىر گۇلكۇلغا كەلگەندىن كېيىن سانجانانى ئۇچرىتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلماقچى بولىدۇ، لېكىن سانجانانىڭ  ئوغۇل دوستى بارلىقىنى بىلىپ مۇھەببىتىنى كۆڭلىنىڭ ئىشكىرى قاتلىرىغا ساقلاپ قويۇشنى قارار قىلىدۇ ، سانجانا ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن  سانجانانىڭ  ئەسلى  قىياپىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ، ھېچكىم ئۈچۈن ئۆزگەرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى  دەيدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا سانجانا بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ.

كاران 

جىمى شېرگىل(Jimmy Shergill)رولدا

ئۈچ يىگىت ئارىسىدا ھەممىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىغان كاران ، پويىز بېكىتىدە تۈگەپ كەتكەن ئېرىنى ساقلاۋاتقان كىراننى كۆرگەندە دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلىرىنى  توختىتالمىدى . ئۇ كىراننى ياخشى كۆرۈپ قالدى ، ئۇلار ئاخىرى مەقسىتىگە يەتتى .

ئىشىكا

شامىتا شىتتي(Shamita Shetty)رولدا

پۇلدار ئائىلىنىڭ قىزى بولۇپ ، ئوغۇللارنى ئۇنچە ياراتمايتتى ، كېيىن ۋىكى بىلەن  تونۇشۇپ ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى .

سانجانا

كىم شارما(Kim Sharma)رولدا

سامىرنىڭ مۇھەببىتى ، ئۆزىنىڭ سامىرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاخىرى بايقىدى .








كىران

پىرىتى جاخانگىئانى رولدا

ۋاپات بولغان ئېرىنىڭ دادىسىنى ئوغۇلنىڭ ۋاپات بولغانلىق ئازابىدىن قۇتۇلسۇن دەپ،   شۇ ئۆيدە ئىككى يىل تۇردى ، تا قېيىن ئاتىسى رازىلىق بەرگەندىن كېيىن  كاران بىلەن بىللە بولۇش قارارىغا كەلدى .

رول تونۇشتۇرۇش

ئارتىسلار تىزىملىكى

Jimmy Shergill

Jimmy Shergill

مىھا

ئاشۋارىيا(AishwaryaRai)رولدا

  ناريان شانكارنىڭ قىزى .  راج ئارياننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ، لېكىن دادىسى ئۇنىمىغانلىق سەۋەبى ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالىدۇ .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    25%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#