- زەنجىۋىل (تەم تەڭشىگۈچى ئۆسۈملۈك)
- زەنجىۋىل (خام دورا)
زەنجىۋىل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زەنجىۋىل كۆپ يىللىق كونا يىلتىز سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر. يىلتىز غولى گۆشلۈك، قېلىن، تەكشى، خۇش پۇراق ۋە ئاچچىق، ئۆتكۈر خاھىش پۇراقلىق. يوپۇرمىقى قاتار، چوكا شەكىللىك يىڭنىسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 15-30 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2 سانتىمېتىر، ئالدى ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلۇق، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان، سىلىق تۈكسىز بولۇپ، غولىنى يېرىم ئوراپ تۇرغان ساپسىز يوپۇرمىقى.
گۈل پايىسى تىك تۇرىدۇ، تەڭگىچىسى كاھىشسىمان چېچىلىدىغان؛ باشاقسىمان گۈل رېتى تۇخۇمسىمان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 2.5 سانتىمېتىر؛ ئورىغۇچى ياپرىقى تۇخۇم شەكىللىك، سۇس يېشىل رەڭ؛ چاناقلىق مېۋىسى ئۇزۇن يۇمىلاق كۆپمە شەكىللىك تەخمىنەن2.5 سانتېمىتىر، 6-8-ئايلاردا چېچەكلەيدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، شەرقىي جەنۇب قىسمىدىن غەربىي جەنۇب قىسىمغىچە بولغان لەيفېڭ، توڭشەن، ياڭشىن، ئېچېڭ، خەننىڭ، تۇڭلىڭ قاتارلىق جايلار.
جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭجۇ شەھىرىدىمۇ چىقىدۇ ، ئاسىيانىڭ ئىسسىق بەلباغ جايلىرىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.
زەنجىۋىلنىڭ ئەسلىي ماكانى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىسسىق بەلباغ رايونلىرى،
ئىللىق، نەمخۇش كىلىماتتا ئۆسۈشكە مۇۋاپىق، سوغۇققا ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، تۈپىنىڭ پەقەت قىروسىز مەزگىلدە ئۆسۈشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىسى 25℃-28، تۆۋەن بولغان تېمپېراتۇرىدىكى ℃20 تا بىخلىنىشى ئاستا بولىدۇ، قىرو مەزگىلىدە ئۆسۈملۈك توزۇپ كېتىدۇ، قىرو ئۈششۈكىدە يىلتىز غولى پۈتۈنلەي بىخلىنىش ئىقتىدارىنى يوقىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.