برازىلىيە

برازىلىيە

برازىلىيە برازىلىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1960-يىلى يېڭىدىن قۇرغان پايتەختى. 350 مىڭ نوپۇسى بار بۇ زامانىۋى شەھەرنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدىلا ياسىلىپ بولغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن. برازىلىيە برازىلىيە ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر كىچىك تۈزلەڭلىككە جايلاشقان .

نامى برازىلىيە
دۆلىتى برازىلىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى
چەتئەلچە نامى Brasília
خەنزۇچە نامى 巴西利亚
مەمۇرىي رايون تۈرى پايتەخت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

برازىلىيەبرازىلىيە برازىلىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1960-يىلى يېڭىدىن قۇرغان پايتەختى. 350 مىڭ نوپۇسى بار بۇ زامانىۋى شەھەرنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدىلا ياسىلىپ بولغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن. برازىلىيە برازىلىيە ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر كىچىك تۈزلەڭلىككە جايلاشقان بولۇپ، سۇ مەنبەسى مول، ئىقلىمى يېقىشلىق. ئۇ مەملىكەت بويىچە باھالاپ بېكىتىلگەن داڭلىق شەھەر لايىھىلەش ئۇستىسى لۇتسىئو. ئاكستنىڭ لايىھىسىگە ئاساسەن بەرپا قىلىنغان. پۈتۈن شەھەر خۇددى شەرققە قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر ئايروپىلانغا ئوخشايدۇ. ئايروپىلان بېشى «ئۈچ ھوقۇق مەيدانى» ، يەنى پارلامېنت، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ۋە ئالىي سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن؛ ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ ئالدى بۆلىكى «ھەرقايسى مىنىستىرلىكلەر بىناسى ۋە مەيدانى» تۇرۇشلۇق ئورۇن؛ ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ كەينى تەرىپى يىغىن زالى، مەدەنىيەت-مائارىپ رايونى، تەنتەربىيە شەھەرچىسى، تېلېۋىزىيە مۇنارى ۋە ئاممىۋى ئاپتوموبىل قاتناش مەركىزى قاتارلىقلار تۇرۇشلۇق ئورۇن؛ ئايروپىلان قۇيرۇقى قىسمى مۇھىت بۇلغىمايدىغان، پايتەخت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان سانائەت رايونى ۋە باسما، نەشرىيات رايونى تۇرۇشلۇق جاي؛ جەنۇب ۋە شىمال تەرىپىدىكى ئۇزۇن ئىككى قانات تۇرالغۇ رايونىدۇر، ئىككى قانات بىلەن ئايروپىلان بۆلمىسى تۇتىشىدىغان جايدا سودا رايونى، بانكا، مېھمانساراي قاتارلىقلار بار. جەنۇب ۋە شىمالدا ئىككى سۈنئىي كۆل بار بولۇپ، ئۇ خۇددى ئىككى بىلىكىنى كەڭ ئېچىپ شەھەرنى باغرىغا بېسىۋالغاندەك كۆرۈنۈشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، كۆلنىڭ ئىككى قىرغىقىغا شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى ۋە چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى جايلاشقان. 

برازىلىيەبرازىلىيىدە ھېچقانداق قەدىمىي ئاسار ئەتىقىلەر يوق، بىراق ئۇسلۇبى يېڭىچە، كۆركەم، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى بولغان نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار بار. مەسىلەن، پارلامېنت خىزمەت بىناسى ئاسما كۆۋرۈك بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان ئىككى بىنادىن ئىبارەت بولۇپ، شەكلى «H» ھەرپىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئۇ «بارلىقىمىز ئىنسانلار ئۈچۈن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاۋام پالاتا سارىيى ئاسمانغا قارىتىلغان غايەت زور قاچىغا ئوخشايدۇ، بۇ يەر ئېچىۋېتىلگەن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يېڭى پايتەختتىكى ئەڭ گۈزەل قۇرۇلۇش تاڭ نۇرى سارىيىدۇر. بۇ ساراينىڭ تۈۋرۈكلىرى يۇمىلاق ياكى تۆت چاسىغا ئوخشاش كونا شەكلىنى بۇزۇۋېتىش ئاساسىدا ياسالغان، يەنى ئۇنىڭ بەزى تۈۋرۈكلىرى ئۈستى ئۇزۇن، ئاستى قىسقا قىرلىق شەكىلدە، بەزىلىرىنىڭ شەكلى قانات كېرىپ ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان ياۋا غازغا ئوخشايدۇ، ھەتتا سۈنئىي كۆل ئۈستىگە سېلىنغان كۆۋرۈكنىڭ شەكلىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، بەزىلىرى نېپىز يىپەك سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. 

يېڭى پايتەختتىكى تۇرالغۇ رايون بىرنەچچىدىن 11 گىچە بولغان تۇرالغۇ بىنالاردىن تەركىب تاپقان «چاسا رايونلار» دىن ئىبارەت. ھەربىر «چاسا رايون» ئىچىدە ۋە يېقىن ئەتراپىدا يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تەنتەربىيە مەيدانى، كىنوخانا ۋە دوختۇرخانا قاتارلىقلار بار، ئەتراپلىرىدا يەنە بولكىخانا، يېمەكلىكلەر دۇكىنى، دورىخانا، كىرخانا قاتارلىقلار بار. تاشيوللارنىڭ ھەممىسى ستېرېئولۇق ئۆتۈشمە شەكىلدىكى، تاق لىنىيىلىك يول بولغاچقا، قاتناش بىرقەدەر بىخەتەر. 

برازىلىيەبۇ يېڭى پايتەخت گەرچە ئېگىزلىك ئۈستىگە جايلاشقان، يەنە كېلىپ تۇپرىقى قىزىل قۇمسىمان تۇپراق بولسىمۇ ھەمدە قۇرغاق پەسلى شامال خېلى قاتتىق چىقسىمۇ، لېكىن قۇم-توپىلارنىڭ ئۇچۇپ يۈرگىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ شەھەردىكى بارلىق بوش يەرلەر، يەنى چوڭ مەيدانلاردىن تارتىپ ھەربىر ئائىلىنىڭ قورۇ-ھويلىلىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك كۆكەرتىلگەن بولۇپ، شەھەرنىڭ كۆكەرتىلىش كۆلىمى شەھەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ ھەمدە شەھەردە كۆكەرتىلگەن يەرلەرنى ئاسراشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.يېڭى شەھەر ئەتراپىغا يەنە سەككىز ھەمراھ شەھەرچە قۇرۇلغان، بۇ شەھەرچىلەرنىڭكىنى قوشقاندا برازىلىيە شەھىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 200 مىڭغا يېتىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#