بريۇسسېل

بريۇسسېل

بريۇسسېل  بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى.

نامى بريۇسسېل
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
خەنزۇچە نامى 布鲁塞尔
چەتئەلچە نامى ئىنگىلىزچە:Brussels ، فرانسۇزچە:Bruxelles

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بريۇسسېلبېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر سىخىرد دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان سېننې دەريا بويىغا جايلاشقان. قانال ئارقىلىق سىخىرد ۋە سېننې دەريالىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 982 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) . بۇ جايغا جايلاشقان دەريا ئوتتۇرىسىدىكى ئارالغا 979-يىلى مەھەللە، پرىستان سېلىنغان بولۇپ، كېيىن مۇھىم قەلئەگە ئايلانغان. بريۇسسېل شەھىرى ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاۋات سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. 18-ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ خېلى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 1830-يىلى بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن. 

بريۇسسېلھازىر بۇ شەھەر ياۋروپا بويىچە زامانىۋى، ۋە تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرى. شەھەردە ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، خىمىيە قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا كىيىم-كېچەك، گىلەمچىلىك، زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بارىدىغان تۆمۈريول، سۇ يوللىرى بار. بريۇسسېلدىن ھەرقايسى شەھەرلەرگە، خەلقئارادىكى چوڭ شەھەرلەرگە بارىدىغان مۇھىم ھاۋا قاتناش لىنىيىلىرى بار. بربۇسسېل مۇھىم خەلقئارا شەھەر، بۇ جايدا ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بار. شۇڭا بۇ شەھەر «ياۋروپانىڭ پايتەختى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەھەر ئائىلىسىنىڭ 1/4 قىسمىنى چەت ئەللىكلەر تەشكىل قىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/50895.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#