پارىسە تەبرىز

پارىسە تەبرىز (Parisa Tabriz): گۇگول Chrome تور كۆرگۈچىنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پارىسە تەبرىز
باشقا نامى Parisa Tabriz
كەسپى خايكېر;قەستكار
خەنزۇچە ئاتىلىشى 帕里沙·塔布里兹
يۇرتى چىكاگو شەھىرى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئىللىنويىس ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پارىسە تەبرىز (Parisa Tabriz): گۇگول Chrome تور كۆرگۈچىنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچىسى

2  مىليارد ئادەم بۇ تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىدۇ، ئۇلار ئىچىدە نۇرغۇن كىشى ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىيەلمەيدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھەتتا ئالاقە تورىنىڭ قانداق ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.

گۇگول Chrome تور كۆرگۈچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارىسە تەبرىز تۆت يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بىر ئىنتايىن ئومۇملاشقان يوچۇقنى، يەنى نۇرغۇن ئىنژېنېرلارنىڭ ھەممىسى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان ياكى قاراپ تۇرۇپمۇ كۆرمەيدىغان «ئىنسانىيلىق»تىن ئىبارەت مۇنداق بىر يوچۇقنى تەتقىق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 52 كىشىلىك كوللېكتىپىنى ئىلگىرى «ئابۇنتلارنىڭ خاتالىقى» دەپ قارالغان مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇلار Chrome تور كۆرگۈچى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالاقە ئۇسۇلى توغرىسىدا بەزى زور ئۆزگىرىشلەرنى قىلغان، مەسىلەن، Chrome تور كۆرگۈچىنىڭ تورغا ئۇلىنىشقا ئالاقىدار خەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى يېڭىباشتىن يېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى 6-دەرىجىلىك ئوقۇغىلى بولىدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزگەن.

پارىسە تەبرىزنىڭ بۇ كوللېكتىپى ئابۇنتلارغا تايىنىپ توردا بېلىق تۇتۇش مېخانىزمى قوللانمىغان، بەلكى ماشىنىلىق ئۆگىنىش قورالىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇلار تور بېكەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن،  ئاشۇ  HTTPSشىفىر قوشۇش ئۆلچىمى ئىشلىتىلمىگەن تور بېكەتلىرىنى «خەتەرلىك» دەپ بەلگە قويغان.

پارىسە تەبرىز مۇنداق دېگەن: «بىز بەك ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەندۇق، لېكىن بىز كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتىمىز». پارىسە تەبرىزنىڭ دادىسى ئىرانلىق بولغاچقا، ئۇ ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىنژېنېر تەكلىپ قىلىشقىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى چۈشەنمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئامالسىز قالىسىز».

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#