قەشقەردىكى تەبىئىي ئاپەتلەر

قەشقەردە داۋاملىق يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەردىن : كەلكۈن ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، بوران ئاپىتى، قار ۋە ئۈششۈك ئاپىتى، مۆلدۈر ئاپىتى قاتارلىقلار بار.

 

 

 

 

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەردىكى تەبىئىي ئاپەتلەر
ئاپەتلەرنىڭ تۈرلىرى كەلكۈن ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، بوران ئاپىتى، قار ۋە ئۈششۈك ئاپىتى، مۆلدۈر ئاپىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەلكۈن ئاپىتى  قەشقەر ۋىلايىتىدە ئاساسلىق دەريا-ئېقىنىدىن 10 ى بار، سۇ كۆپ كەلگەن يىللاردا يىللىق سىرغىم مىقدارى 600 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان بەش دەريا بار، يەنى يەكەن دەرياسى (6 مىليارد 450 مىليون كۇب مېتىر)، قىزىل دەرياسى (2 مىليارد 20 مىليون كۇب مېتىر)، گەز دەرياسى (985 مىليون كۇب مېتىر)، تىزناپ دەرياسى (770 مىليون كۇب مېتىر)، كۈسەن دەرياسى (636 مىليون كۇب مېتىر). ياز پەسلىدە (6-ئايدىن 9-ئايغىچە) بەش دەريانىڭ ئومۇمىي سۇ مىقدارى يىللىق ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ %55~75 ىنى ئىگىلەيدىكەن، سۇ مىقدارى تەخمىنەن 7 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن، سۇ كۆپ كەلگەن يىللارنىڭ ياز پەسلىدە سۇ مىقدارى 10 مىليارد 890 مىليون كۇب مېتىرغا  يېتىدىكەن، بەش دەريانىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى سېكنتىغا 1300 كۇب مېتىرغا يەتمىسە نورمال سۇغىرىش مەزگىلى ھېسابلىندىكەن، سېكۇنتىغا 1800 كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتسە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىسمەن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدىكەن، سېكۇنتىغا 2500 كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتسە بىرقەدەر ئېغىر دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدىكەن.

  يەكەن دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 1-چوڭ دەريا بولۇپ، سۇ مول بولغان يىللىرى يىللىق سىرغىم مىقدارى 9 مىليارد 520 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن. ياز پەسلىدە كەلكۈن كۆپ بولغاندا 7 مىليارد 89 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يىللىق سىرغىم مىقدارى 12 يىل 7 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، يەكەن دەرياسىدىكى كەلكۈن پەللىسىنىڭ ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 1000 كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىت يەتتە كۈن داۋاملاشسا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، زىرائەتلەرنى سۇ بېسىپ كېتىدىكەن، دەريا قاشلىرى، تۇغان، چۈشۈرگىلەر ۋە دامبىلار، سۇ باشلاش ئېغىزلىرىنى ئېقىتىپ كېتىدىكەن، مالىيە كۈچى چەكلىك بولغاچقا، يېقىنقى مەزگىللەردە چوڭ تىپتىكى سۇ تەڭشەيدىغان سۇئامبارلىرىنى قۇرۇپ، كەلكۈننى ئازايتىشقا ئامال بولماي، كەلكۈننى ئۈزۈل-كېسىل تىزگىنلىگىلى بولمايدىكەن.

  قەشقەر ۋىلايىتىدە ئادەتتىكى كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان ئىقتىسادىي زىيان تەخمىنەن 16 مىليون يۈەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان ئىقتىسادىي زىيان تەخمىنەن 35 مىليون يۈەن، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان ئىقتىسادىي زىيان تەخمىنەن 50 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، ئادەتتىكى ئاپەت يۈز بەرگەن چاغلاردا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش نۇقتىلىرى، چۈشۈرگە، سۇ باشلاش ئېغىزلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەۋپ-خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈنىگە تەخمىنەن 20 مىڭ ئەمگەك كۈچى سەرپ قىلىندىكەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاپەت يۈز بەرگەن چاغلاردا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەۋپ-خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى تەخمىنەن 50 مىڭ ئەمگەك كۈچى سەرپ قىلىندىكەن، ئاپەت ئېغىر بولغان چاغلاردا كۈنىگە تەخمىنەن 100 مىڭ ئەمگەك كۈچى ئىشقا سېلىندىكەن.

 باشقا دەريالارنىڭ كەلكۈن پەللىسى يەكەن دەرياسىنىڭكىدەك ئېغىر بولمىسىمۇ، لېكىن ئاپەت پەيدا بولۇش دەرىجىسى ھەرقايسى دەريا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى ۋە كەلكۈن پەللىسىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدىكەن. يازما خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ۋىلايەت تەۋەسىدە ئېغىرراق بولغان سۇ ئاپىتى خېلى كۆپكەن.

ئېغىرراق بولغان سۇ ئاپىتى

  1) شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇەننىڭ 4-يىلى (110-يىلى) يەكەن دەرياسىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن، دەريا سۈيى ئىزلىرىغا ئاساسەن ھېسابلاپ كۆرۈشىمىزچە، كەلكۈن پەللىسى سېكۇنتىغا 10 مىڭ كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن، بىر كېچىدىلا يەكەن ناھىيەسىدىكى 3-قەدىمىي شەھەر قەلئەسى-كۆل شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.

  2) چىڭ سۇلالىسىنىڭ جىياچىڭنىڭ 9-يىلى (1804-يىلى) يەكەن دەرياسى بويىدىكى شەرقىي يول ھەربىي راباتلارنى سۇ بېسىپ كەتكەن.

  3) چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 6-يىلى (1880-يىلى 9-ئاي) يەكەن دەرياسىغا زور كەلكۈن كەلگەن، قەشقەر گىدورولوگىيە پونكىتىنىڭ كەلكۈن ئىزلىرىنى ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، كەلكۈن يۇقىرى پەللىگە چىققاندا سېكۇنتىغا 9140 كۇب مېتىرغا يەتكەن.

  4) چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇڭشۈ 17يىلى (1892-يىلى) يەكەندە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 4385 مو يەرنى سۇ بېسىپ كەتكەن، ئاشلىق ۋە يەم-خەشەكلەر پۈتۈنلەي نابۇت بولغان.

  5) مىنگونىڭ 31-يىلى (1942-يىلى) 8-ئاينىڭ 11-كۈنى تىزناپ دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ، دەريا قاشلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، مەكىت ناھىيەسىنىڭ تامئېرىق، تاۋاقچى، ئازغۇن، خەيماكىن، بۇلاقچى قاتارلىق كەنتلىرىدىكى 51 ئېغىز ئۆي، 11 مو قوغۇن، تاۋۇزلۇق، 56 مو زىغىر، 403 مو كېۋەز، 502 مو كۆممىقوناق يېرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن، ئۆي-ئىمارەتلەر دېگۈدەك ۋەيران بولغان. ھەر خىل زىرائەت مايسىلىرىنى  سۇ يىلتىزى بىلەن قوشۇپ ئېقىتىپ كەتكەن. زىرائەتلەردىن قىلچە ھوسۇل ئېلىنمىغان.

  6) مىنگونىڭ 38-يىلى (1949-يىلى) 8-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدا زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەلق ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان، 6046 مو تېرىلغۇ يەرنى سۇ بېسىپ كەتكەن، بەش ئادەم ئۆلگەن، 150 ئېغىز ئۆي-ئىمارەت ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 408 كالا، 17 مىڭ 500 تۇياق قوي، ئالتە ئات، 13 تۆگەىنى سۇ ئېقىتىپ كەتكەن.

  7) 1950-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋە 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن، 6-كۈنىگە قەدەر قارا يامغۇر يېغىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغ ئېتىكىدىكى جايلاردا كەلكۈن پەيدا بولغان. يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ تىۋىز ئۆستىڭىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى كەلكۈن بۇزۇپ تاشلىغان، 500 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر، 30 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ۋەيران بولغان. يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئۆستەڭنىڭ باش بۆلىكىدىكى ئىككى جايدىن يار ئېلىپ ۋەيران بولغان. يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئۆستەڭنىڭ باش بۆلىكىدىكى ئىككى جايدىن يار ئېلىپ كەتكەن، قەشقەردىن خوتەنگە بارىدىغان، قەشقەردىن ئاقسۇغا بارىدىغان يوللارنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن.

 8) 1952-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدا ئۇدا ئىككى-ئۈچ كۈن يامغۇر يېغىپ، قىزىل دەرياسىغا كەلكۈن كەلگەن، قىسمەن كەلكۈن مۇش يېزىسىدىن يار ئېلىپ تۈمەن دەرياسىغا قۇيۇلغان. قىزىل كۆۋرۈكىدە تەكشۈرۈلگەن كەلكۈننىڭ ئەڭ كۆپ ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا  394 كۇب مېتىرغا يەتكەن، كەلكۈن تەخمىنەن ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋاملاشقان، كەلكۈن دامبىدىن ھالقىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئايلانما تاشيول، قىزىل كۆۋرۈكى ۋە دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنى بۇزۇپ تاشلىغان، تۆۋەن ئېقىنىدىكى پەيزىۋات ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىنەم، بۇقالا، جايىتخاڭ دېگەن جايلارنى سۇ بېسىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەكەن ۋىلايىتىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تاغ كەلكۈنى كېلىپ، 6900 مودىن ئارتۇق يەرنى سۇ بېسىپ كەتكەن.

  9) 1956-يىلى 7-ئايدا يەكەن دەرياسىغا قارلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان زور كەلكۈن كەلگەن، كاچۇڭ گىدرولوگىيە پونكىتىنىڭ ئەمەلىي ئۆلچىشىچە، كەلكۈن پەللىسىنىڭ ئەڭ زور ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 1280 كۇب مېتىرغا يەتكەن، كەلكۈن ئون نەچچە كۈن داۋاملاشقان. يەكەندە 200 نەچچە تۇياق قوي، ئۈچ كالىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن، 30 نەچچە ئادەم ئۆلگەن. دەريا ساھىلىدا ئوتۇن تېرىۋاتقان ئون نەچچە دېھقاننى دەريانىڭ  ئوتتۇرىسىدىكى ئارالدا كەلكۈن سۈيى قاپسىۋالغان، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇلار خەۋپ-خەتەردىن قۇتۇلغان.

 10) 1959-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى يەكەن دەرياسىغا تۇيۇقسىز كەلكۈن كەلگەن، ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 2460 كۇب مېتىرغا يەتكەن، يەكەن ناھىيەسىدە 4473 مو تېرىلغۇ يەرنى كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن، 101 تۇياق قوينى ئېقىتىپ كەتكەن، 32 ئېغىز ئۆينى ۋەيران قىلغان، بىر ئادەم ئۆلگەن.

  11) 1960-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 6 گىچە قىزىل دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىدىكى تاغلىق رايون قاپقا تاغ ئېغىزى ئەتراپىدا قارا يامغۇر ياغقان. قارا يامغۇر يېغىشتىن ئىلگىرى كۆپلەپ مۆلدۈر چۈشكەن، جايلاردىكى مۆلدۈرنىڭ قېلىنلىقى 0.25-0.30 مېتىرغىچە بولغان، مۆلدۈر دىيامېتىرىنىڭ چوڭلىرى 5-6 مىللىمېتىرغا يەتكەن، قارا يامغۇر مىقدارى تەخمىنەن 50 مىللىمېتىرغا يەتكەن، يەر يۈزىدىكى ئېقىنلار قوشۇلۇپ، تاغ كەلكۈنى ھاسىل بولۇپ، نۇرغۇنلىغان لاي-لاتقىلارنى ئېقىتىپ كېلىپ، دەريانىڭ قاشالىرى ۋە سۇ ئۆتكۈزىدىغان نولارنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئۆستەڭگە لاتقا توشۇپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن قەشقەر 3-سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى توك تارقىتىشنى بەش كۈن توختىتىپ قويغان، ئاۋات سۇغىرىش رايونىدىكى 32 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنىڭ سۇغىرىلىشى توققۇز كۈن توختاپ قالغان، زور ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.

  12) 1961-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى يەكەن دەرياسىغا تۇيۇقسىز پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن (تۇغان يار ئېلىپ كېتىش تۈپەيلىدىن) كەلگەن، كاچۇڭ گىدرولوگىيە پونكىتىنىڭ ئۆلچىشىچە، كەلكۈن پەللىسىنىڭ ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 6270 كۇب مېتىرغا يەتكەن، يەكەن ناھىيەسىدە 10 مىڭ 841 مو زىرائەتنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 6610 مو يەر پەقەت ھوسۇل چىقمايدىغان دەرىجىدە نابۇت بولغان، چوڭراق سۇ باشلاش ئېغىزىدىن ئالتىنى كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن، 52 مىڭ جىڭ بۇغداي، 13 كېمە، 117 تۇياق قوي، 12 ئېشەكنى سۇ ئېقىتىپ كەتكەن، 124 ئېغىز ئۆي كەلكۈندە ۋەيران بولغان، يەتتە ئادەم ئۆلگەن (دەريادىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 44 ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتكەن، يەتتە ئادەم ئۆلگەن)، 43 قۇتقۇزغۇچى خادىم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. كەلكۈن ئېرىق ئۆستەڭلەرگە چۈشۈپ، سۇغىرىش رايونىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چوڭ-كىچىك سۇچىلىق مۇئەسسەسەدىن 157 نى ۋەيران قىلىۋەتكەن. كەلكۈن ئۆتۈپ كېتىپ، يېرىم ئاي بولغاندا ئاندىن سۇغىرىش رايونلىرى سۇغىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، زىرائەتلەر ئومۇميۈزلۈك قۇرغاقچىلىققا ئۇچراپ ھوسۇل كەملەپ كەتكەن، ناھىيە بويىچە بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليون يۈندىن ئاشقان.

 13) 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى يەكەن دەرياسىدا قار ئېرىپ ھاسىل بولغان كەلكۈن پەللىسىنىڭ ئېقىن مىقدارى كاچۇڭ گىدرولوگىيە پونكىتىدا سېكۇنتىغا 2220 كۇب مېتىرغا يەتكەن. يەكەن ناھىيەسىدە كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن تېرىلغۇ يەر 4366 موغا، مېۋىلىك باغ 121 موغا يەتكەن، ئۈچ ئەترەتنىڭ ئات ئېغىلىنى ئېقىتىپ كەتكەن، 371 ئېغىز ئۆينى بۇزۇۋەتكەن، 45 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق دەل-دەرەخ نابۇت بولغان.

  14) 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى قىزىل دەرياسىنىڭ تاغلىق رايونىدا شىددەتلىك قارا يامغۇر يېغىپ، قارا بەل گىدرولوگىيە پونكىتىدا كەلكۈن پەللىسىنىڭ ئېقن مىقدارى سېكۇنتىغا 520 كۇب مېتىرغا يەتتى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەۋپ-خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئېقىن مىقدارى (سېكۇنتىغا 400 كۇب مېتىر) %30 تىن ئېشىپ كەتكەن، شىددەتلىك كەلكۈن دەريا بويلاپ ئېقىپ، تەلۋىچۈك دەرياسى، سوخۇ توغراق تۇغىنى، كامان چۈشۈرگىسى، يېڭىئاۋات تۇغىنى قاتارلىق ئىنشائاتلارنى بۇزۇپ تاشلىغان، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتۇل، يېڭىمەھەللە يېزىلىرى ۋە قارلىغاچ دېھقانچىلىق مەيدانى، ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىكى سۇ باشلاش ئۆستەڭلىرىدە 11 كۈن سۇ توختاپ قالغان، 300 مىڭ مو زىرائەت قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان، ئالتە يېزا، ئىككى مەيداندا ئادەم بىلەن چارۋىلارنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىنلاشقان، ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  15) 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدا بىر سائەتتىن كۆپرەك شىددەتلىك يامغۇر يېغىپ، يېغىن مىقدارى 100 مىللىم، تىرغا يەتكەن، شۇ قېتىملىق يامغۇر پەيدا قىلغان كەلكۈن ئوچار، ئەگۈس، سۆگەت، ئېگىزيەر، توپلۇق يېزىلىرىنىڭ 6631 مو يېرىنى، 55.8 كىلومېتىر يولىنى، 126 چۈشۈرگىسىنى، 194 كۆۋرۈك سۈڭگۈچنى نابۇت قىلغان، 1353 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 553 دېھقان ئائىلىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 57 مىڭ جخڭ ئاشلىق، 5.2 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە نۇرغۇنلىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى زىيانغا ئۇچرىغان، ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

قۇرغاقچىلىق ئاپىتى  قۇرغاقچىلىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كىلىماتىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى، قۇرغاقلىشىش دەرىجىسى 14.4 بولۇپ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش ۋە يېغىن نىسبىتى 22:7 بۇلۇپ، ئۇ مەڭگۈلۈك قۇرغاق كىلىماتقا تەۋە بۇلدىكەن.

  ۋىلايەت تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئاساسەن تاغلىق رايونلاردىكى ھۆل-يېغىن ئارقىلىق تولۇقلىنىدىغان دەريا سۈيىدىن كېلدىكەن، ئەمما سۇنىڭ پەسىللەرگە تەقسىملىنىشى تەكشى بولمىغاچقا، دائىم «يازدا كەلكۈن، ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق» ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، ھەتتا ياز پەسلىدىمۇ قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىدىكەن، ئۇ يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن، قۇرغاقچىلىق كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئېغىر تەھدىت سالدىكەن، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئەتىيازدا تېرىش ۋە ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆسۈشىگە، ئېڭىز تېرىلغۇسى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ۋە كۈزلۈك ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

بوران ئاپىتى  1966-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى مەكىت ناھىيەسىدە ئازكەم 10 سائەت بوران چىقىپ، ئەڭ زور بوران كۈچى سەككىز بالغا يەتكەن، كەچتە يەنە ئۈششۈك چۈشۈپ نۇرغۇن كېۋەز ئاپەتكە ئۇچرىغان.

  1966-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن يېرىم كېچىگىچە يېڭىسار ناھىيەسىدە يېرىم كۈن 10 بالدىن يۇقىرى غەربىي شىمال بورىنى چىقىپ، بوراننىڭ مومېنتلىق ئەڭ زور تېزلىكى سېكۇنتىغا 40 مېتىرغا يەتكەن، بۇنىڭ زىرائەتلەرگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور بولغان، ناھىيە بويىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان كېۋەز كۆلىمى 6539 موغا، ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆممىقوناق كۆلىمى 2057 موغا يەتكەن.

  1966-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ 11 گۇڭشېسىدا 24 سائەت بوران چىقىپ، بوران كۈچى 10 بالدىن ئېشىپ كەتكەن، نەتىجىدە 12 مىڭ 440 مو كېۋەز ئاپەتكە ئۇچرىغان، تېرىلغان 9727 مو يەر نابۇت بولغان، بۇ تېرىلغان يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %49 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

  1978-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋىلايەت بويىچە قاتتىق بوران چىقىپ، ئەڭ زور تېزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سېكۇنتىغا 28 مېتىرغا يەتكەن، بەش سائەت داۋاملاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان يەكەن، پوسكام ،قاغىلىق ناھىيەلىرىدە بوراننىڭ ئەڭ زور مومېنتلىق تېزلىكى 32 مېتىرغا يەتكەن، يەكەن ناھىيەسىدە 32 مىڭ 500 مو كېۋەز، 30 مىڭ مو كۆممىقوناق ئاپەتكە ئۇچرىغان، 7112 مو يەر قايتا تېرىلغان؛ 23 مىڭ مو بۇغداي ئاپەتكە ئۇچراپ، 10 مىڭ 750 مو يەردىكى بۇغداي قۇرۇپ كەتكەن، 3400 مو يەر قايتىدىن تېرىلغان؛ 8500 تۈپ دەرەخنى بوران ئۆرۈۋەتكەن. قاغىلىق ناھىيەسى بويىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان يەر كۆلىمى 522 مىڭ موغا يەتكەن، بۇ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %84.8 ىنى ئىگىلىگەن. بۇغداي ھوسۇلى %20، مېۋە-چېۋە ھوسۇلى %40 كېمىيىپ كەتكەن، 18 مىڭ تۈپ دەل-دەرەخنى بوران ئۆرۈۋەتكەن.

 1980-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن، يېڭىشەھەر، يېڭىسار، مارالبېشى، ئاقتۇ ناھىيەلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيەسىنىڭ 41-، 42-تۈەن–مەيدانلىرى بوران ئاپىتىگە ئۇچراپ، 600 مىڭ مودىن كۆپرەك زىرائەت ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

  1981-يىلى 5-ئاينىڭ 20-، 22-كۈنىگىچە، يېڭىسار ناھىيەسى بىر قېتىم قاتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، كۈندۈزى ئالتە-يەتتە بال، كېچىسى سەككىز بال بوران چىققان، بوران 37 سائەت داۋاملىشىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ناھايىتى زور زىيانغا ئۇچراتقان. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئومۇمىي يەر كۆلىمى 30 مىڭ مودىن ئېشىپ كەتكەن.

  1983-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى يېڭىسار، يوپۇرغا، مەكىت، يەكەن، پەيزىۋات، يېڭىشەھەر، كونا شەھەر دىن ئىبارەت يەتتە ناھىيە توققۇز بال بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بوران تۆت سائەت داۋاملاشقان. ئەتىسى ئەتىگەندە تېمپىراتۇرا بىراقلا تۆۋەنلەپ 1.2 سېلتسىيە گرادۇسقا، يەر يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 5.7 سېلتسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەر غايەت زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. مەلۇمات قىلىنىشىچە، 68 مىڭ مو كېۋەز، 58 مىڭ مو بۇغداي ۋە كۆممىقوناق ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان، بىرقىسىم چارۋىلار ئۆلگەن، بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

  1986-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ۋىلايەت بويىچە قاتتىق بوران چىقىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان يەر كۆلىمى 780 مىڭ موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەز 400 مىڭ مودىن ئاشقان، نابۇت بولغان زىرائەت كۆلىمى ئاپەتكە ئۇچرىغان يەر كۆلىمىنىڭ %30 ىنى ئىگىلەيدۇ، 14 مىڭ 800 تۇياق چارۋا ئۆلگەن، 373 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ۋىلايەت بويىچە بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 19 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

  1988-يىلى 5-ئاينىڭ 18-،19-كۈنلىرى قەشقەر شەھىرى، يەكەن قاتارلىق جايلاردا سەككىز-توققۇز بال، قالغان جايلاردا بەش–ئالتە بال بوران چىقىپ، قەشقەر شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان ناھىيە (شەھەر) لەردىكى كېۋەز، كۆكتات، مېۋىلىك كۆچەتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان. يوپۇرماقلارنىڭ بىر قىسمى يىرتىلىپ كەتكەن، كۆچەت شاخلىرى سۇنۇپ، غولى ۋە قوۋزاقلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان، زىيانغا ئۇچراش كۆلىمى %10 كە يەتكەن.

  1989-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ۋىلايەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، بوران ئۇدا ئۈچ كۈن چىققان، بوراننىڭ كۈچى ئومۇميۈزلۈك ئالتە-يەتتە بال بولغان، قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيەلەر (كونا شەھەر، يېڭىشەھەر، يوپۇرغا، مەكىت، يېڭىسار) دە بوراننىڭ كۈچى ئەڭ زور بولۇپ سەككىز-توققۇز بالغا يەتكەن. 24-كۈنى قەشقەردە بوراننىڭ مومېنتلىق تېزلىكى سېكۇنتىغا 23 مېتىرغا يەتكەن. 25-كۈنى سېكۇنتىغا 20 مېتىر، 26-كۈنى سېكۇنتىغا 22 مېتىر بولغان. 24-كۈنى يوپۇرغا دا سېكۇنتىغا 25 مېتىر تېزلىكتە بوران چىقىپ، بۇ جايلاردىكى كېۋەز، بۇغداي، ياغلىق دان ۋە تۈرلۈك قوغۇن، تاۋۇز، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان، قىسمەن زىرائەتلەر قۇرۇپ كەتكەن، تېرىلىپ بولغان يەرلەر قايتا تېرىلغان، دەل-دەرەخلەر، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، چارۋىچىلار ئۆلۈپ كەتكەن ۋەھاكازالار، يېزىلاردا زىيان نەچچە مىليون يۈەنگە يەتكەن. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى قاغىلىق ناھىيەسىدە يەنە بوران چىقىپ، ئەڭ زور بوران كۈچى توققۇز بالغا، مومېنتلىق تېزلىكى سېكۇنتىغا 22 مېتىرغا يەتكەن، بوران تەخمىنەن ئۈچ سائەت داۋاملاشقان.

ئۈشۈك ئاپىتى1955-يىلى 4-ئايدا تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە قاتتىق قار يېغىپ، تاغلار قار بىلەن قاپلانغان، يېزىلارنىڭ چارۋىچىلىق كوپىراتىپلىرىدا يەم-خەشەك يېتىشمەي، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى 70 مىڭ كىلوگىرام يەم-خەشەك ئاجرىتىپ ياردەم قىلغان.

1958-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 1962-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنىگە قەدەر بولغان 4 يىلدا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە قاتتىق قار يېغىپ، قىش پەسلىدە يايلاقلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 50 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن، ھەر قېتىمدا 10 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا ئۆلگەن.

1971-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن دەسلەپكى ئۈششۈك ئاپىتى تاشقورغاننىڭ يېزىلىرىدىكى ئاشلىق ھوسۇلىنى %23 كېمەيتىۋەتكەن، تىزناپ يېزىسىنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى %21 كېمىيىپ كەتكەن.

 1976-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدا، قەشقەر ۋىلايىتىدە 100 يىلدىن بۇيان ئاز كۆرۈلگەن بىر قېتىملىق قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، قارنىڭ قېلىنلىقى 20-46 سانتىمېتىرغا يەتكەن، تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، 52 گۇڭشېدا 1696 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئالتە كىشى يارىلانغان، سەككىز كىشى ئۆلگەن، 797 ئېغىل–قوتان، 98 ئامبار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 4152 تۇياق چارۋا ئۆلگەن، 52 مىڭ كىلوگىرام ئاشلىق زىيان بولغان، بۇغداينىڭ ئاپەتكە ئۇچراش كۆلىمى 750 مىڭ موغا يەتكەن.

  1978-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاقتۇ، قاغىلىق، يەكەن قاتارلىق ناھىيەلىرىدىكى قىسمەن گۇڭشې–ئەترەتلىرىدە ئۇدا يەتتە–سەككىز كۈن قار ياغقان، ئەڭ ئۇزاق ياغقان جايلاردا 15 كۈنگە يەتكەن، قارنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىردىن ئاشقان، ئادەتتە 50-60 سانتىمېتىر قار يېغىپ، چارۋىلارنى ئەتىيازدىن ئۆتكۈزۈشتە ۋە خەلق تۇرمۇشىدا ئىنتايىن زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلغان.

  1983-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن قاتتىق قار يېغىپ، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىرغا يەتكەن، بەزى جايلاردا 1 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان قاتتىق سوغۇق ھاۋا رايى داۋاملىشىپ، سوتكىلىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلتسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپىراتۇرىسىدىن 20 سېلتسىيە گرادۇس تۆۋەن بولغان.

  1987-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە ئاز كۆرۈلىدىغان بىر قېتىملىق جۇدۇنلۇق ھاۋا رايى پەيدا بولۇپ، تېمپىراتۇرا 22 سېلتسىيە گرادۇس تۆۋەنلىگەن. تېمپىراتۇرىنىڭ سوتكىلىق ئەڭ زور تۆۋەنلەش نىسبىتى 10.3 سېلتسىيە گرادۇسقا يەتكەن. ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 11.1 سېلتسىيە گرادۇسقا چۈشكەن. بۇ قېتىمقى جۇدۇن شەھەر–يېزا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا خېلى زور تەسىر يەتكۈزگەن ۋە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

  1989-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەندە پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئۈششۈك ئاپىتى يۈز بېرىپ، 20 مىڭ 632 مو كېۋەز ئاپەتكە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1956 مو كېۋەز قايتا تېرىلغان، 15 مىڭ 627 مو كېۋەز تولۇقلاپ تېرىلغان.

1990-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە يەكەن ناھىيەسىدە ئۇدا يامغۇر ۋە قار ئارىلاش يامغۇر يېغىپ، ھۆل–يېغىن مىقدارى 26.9 مىللىمېتىرغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايونلاردا 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە قار ياغقان، قارنىڭ قېلىنلىقى 10 سانتىمېتىرغا يەتكەن، 26-كۈنى تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلتسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالغان ھەمدە ئەتىگەندە ئېغىر ئۈششۈك ئاپىتى يۈز بېرىپ، ناھىيە بويىچە 29 يېزا، 499 كەنت ئاپەتكە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان قوشراپ رايونى، ئودانلىق رايونى، توم ئۆستەڭ رايونى، ئىشقول رايونى قاتارلىق 18 يېزا (بازار)، 11 مىڭ 200 ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىغان، 799 ئائىلە، 3196 كىشى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان، يايلاقلارنى قار بېسىپ كەتكەن، 276 ئېغىز ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 285 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 33 تۇياق چوڭ چارۋا، 152 تۇياق كىچىك چارۋا ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 7008 كىۋادرات مېتىر ياتىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

مۆلدۈر ئاپىتى مۆلدۈر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەتىياز پەسللىك كىلىماتىدىكى مۇھىم ھاۋارايى ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. مۆلدۈر ئەسلىدە تاغلىق رايونلاردا ياكى ئېدىرلىقلاردا كۆرۈلۈپ تۇردىكەن، ئەمما ھازىر ئاساسلىق شامال يۆنىلىشىنىڭ تۈزلەڭلىكلەرگە يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي، غەربىي ۋە غەربىي شىمالدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق يول ئارقىلىق مۆلدۈر ياغىدىكەن ھەمدە غەربىي–شىمالىي يولدا كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن. مۆلدۈرنىڭ تارقىلىشى تاغلىق رايونلاردىكى تۈزلەڭلىكلەردىكىدىن كۆپ. تاغلىق رايونلاردا يىللىق ئوتتۇرچە مۆلدۈر ياغىدىغان كۈن ئاز كەم ئىككى كۈنگە يېتىدىكەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش كۈنگە يېتىدىكەن؛ تۈزلەڭلىكلەرنىڭ شىمالىي قىسمىدا يىللىق ئوتتۇرىچە مۆلدۈر ياغىدىغان ۋاقىت 0.6-0.8 كۈنگىچە بۇلىدىكەن، بىر يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت قېتىم ياغىدىكەن، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا 0.2-0.4 كۈنگە يېتىدىكەن، بىر يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم ياغىدىكەن. بۇ دائىرىدىكى مۆلدۈر 3-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان مەزگىللەردە كۆرۈلىدىكەن، ئەمما ئاساسلىقى 5-ۋە 6-ئايلارغا مەركەزلىشىدىكەن.

1963-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىدە ياغقان ئەڭ چوڭ مۆلدۈرنىڭ ئېغىرلىقى 300 گىرامغا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئېتىز كۆلىمى 120 مىڭ موغا يەتكەن.

1964-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لومپا گۇڭشېسى 7-چوڭ ئەترىتىدە مۆلدۈر يېغىپ، دىيامېتىرى كەپتەر تۇخۇمىدەك چوڭلۇقتا، ئەڭ چوڭلىرى ياڭاقتەك بولۇپ، كۆممىقوناق، كېۋەز مايسىلىرىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋەتكەن.

1965-يىلى يەكەن ناھىيەسىدە دەريانىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئۈچ گۇڭشېدا پەۋقۇلئاددە چوڭ مۆلدۈر ياغقان، ئەڭ چوڭىنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن 5 سانتىمېتىرغا يەتكەن، يەر يۈزىنى 15 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا مۆلدۈر قاپلاپ كەتكەن، 3400 مودىن ئارتۇق يەردىكى زىرائەت نابۇت بولغان.

1974-يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 17 دە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كاچۇڭ رايونىدا 19 مىنۇت مۆلدۈر ياغقان، مۆلدۈرنىڭ چوڭلۇقى قۇشقاچنىڭ تۇخۇمىدەك بولۇپ، 18 چوڭ ئەترەت، 34 ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ 3600 مودىن كۆپرەك كۆممىقونىقى، كېۋىزىنى ئاپەتكە ئۇچراتقان.

1975-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك مۆلدۈر ياغقان. مۆلدۈرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ دىيامېتىرى 10 سانتىمېتىردىن، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى بىر جىڭدىن ئاشقان. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 كىلومېتىر بولۇپ، 99 ئادەم يارىلانغان (12 ئادەم ئېغىر يارىلانغان)، نۇرغۇن چارۋا ۋە ئۇچار قۇش-ئۆلگەن، 1400 مودىن ئارتۇق يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان.

1987-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسى مۆلدۈرنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، مۆلدۈرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ دىيامېتىرى 2.3 سانتىمېتىرغا يەتكەن، مۆلدۈر ئۈچ مىنۇت داۋاملاشقان.

1988-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى كېچە سائەت 23 ئەتراپىدا يەكەن ناھىيدسىنىڭ 75 كىلومېتىر شىمالىدىكى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى، ناھىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانى تەۋەسىدە تۆت مىنۇت مۆلدۈر ياغقان، ئەڭ ئۇزۇن ياغقان جايلاردا 10 مىنۇت داۋاملاشقان، مۆلدۈرنىڭ دىيامىتېرى 2-3 سانتىمېتىرغا، ئەڭ چوڭىنىڭ دىيامېتىرى 7 سانتىمېتىرغا، يەر يۈزىگە توپلانغان مۆلدۈرنىڭ قېلىنلىقى 20 سانتىمېتىرغا يەتكەن.

يەر تەۋرەش ئاپىتى  قەشقەر ۋىلايىتى غەربى، جەنۇبىي تەڭرىتاغ يەر تەۋرەش بەلبېغى بىلەن تارىمنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى قۇرۇمتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى يەر تەۋرەش بەلبېغى تۇتاشقان رايونغا جايلاشقان، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىكەن. شۇڭا، خەلق ئارىسىدا «40 يىلدا بىر قېتىم چوڭ يەر تەۋرەيدۇ» دەيدىغان گەپ تارقالغان. 1900-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بۇ تەۋەدە 67 قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەنلىكى خاتىرىلەنگەن، تارىختىكى يەر تەۋرەشكە ئائىت ھۆججەت، خاتىرىلەر بىرقەدەر ئاز، ئەڭ بۇرۇنقى يەر تەۋرەش خاتىرىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىيەنفېڭنىڭ 3-يىلى (1853-يىلى) 11-ئايدىكى يېڭىسار ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28-يىلى (1902-يىلى) يۈز بەرگەن، ئاتۇشنىڭ شىمالىدا 8.25 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەن، كونا شەھەر، يېڭىشەھەر ناھىيەلىرىدە يەرنىڭ يېرىلىش دەرىجىسى 9گرادۇسقا يەتكەن. 1953-يىلىدىن باشلاپ يەر تەۋرەش تەپسىلىي خاتىرىلىنىشكە باشلىغان. 1970-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىككى بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش خاتىرىلىنىشكە باشلىغان.

  1985-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 20 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسى تۇتاشقان جايدا 7.4 بال يەر تەۋرىگەن، ماكرولۇق كۆزىتىلگەن يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئورنى شىمالىي پاراللېل39 گرادۇس 4 مىنۇت، شەرقىي مېرىدىيان 75 گرادۇس 2 مىنۇت ئارىلىقىغا توغرا كېلىدىكەن، يەر تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر. ماكرولۇق كۆزىتىلگەن يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئورنى شىمالىي پاراللېل 39 گرادۇس 31 مىنۇت، شەرقىي مېرىدىيان 75 گرادۇس 21 مىنۇت 3 سېكۇنت ئارىلىقىغا توغرا كېلىدىكەن. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەن سائەت 4 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە 6.8 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئەڭ زور يېرىلىش دەرىجىسى 9 بولغان، 9 گرادۇسلۇق ئىككى رايون دائىرىلەپ چىقىلغان، ئۇنىڭ بىرى ئوپالدىكى 9 گرادۇسلۇق رايون بولۇپ، ئۇ ئوپال يېزىسىنىڭ 5-، 7-كەنتلىرىدىن شۇ يېزىنىڭ ئات فېرمىسىغىچە بولغان جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ رايوننىڭ شىمالىي غەرب يۆنىلىش ئۇزۇنلۇقى 15 كىلومېتىر، كەڭلىكى 1.5 كىلومېتىر، كۆلىمى 14 كىۋادرات كىلومېتىر. يەنە بىرى، ئۇلۇغچات 9 گرادۇسلۇق رايون. 8 گرادۇسلۇق رايون كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسىدىن ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگىچە تارقالغان، كۆلىمى تەخمىنەن 526 كىۋادرات كىلومېتىر. يەر تەۋرىگەن چاغدا كۆپ ساندىكى كىشىلەر سىرتتا بولغاچقا، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئانچە كۆپ بولمىغان. 9 گرادۇسلۇق رايون تەۋەسىدىكى ئۆيلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ياكى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، يەر يۈزىدىكى كۆپلىگەن جايلار يېرىلىپ كەتكەن، يەردىن سۇ ۋە لاي قۇم ئېتىلىپ چىققان، ئەڭ زور يېرىقنىڭ كەڭلىكى 1.5 مېتىرغا يەتكەن. شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئېغىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا 68 كىشى ئۆلگەن، 284 كىشى يارىلانغان، 30 مىڭ ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ياكى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئىقتىسادىي زىيان 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

1900-يىلىدىن1990-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايىتى ئەتراپىدىكى يەر تەۋرەش ئەھۋالى

يەر تەۋرەش مەركىزى

پاراللېل

مېرىدىيان

بال

يەر تەۋرىگەن ۋاقىت

يىل، ئاي، كۈن

مارالبېشى تاشكۆل

 

78.0

6

05:00

1904. 2. 5

تاشقورغان قونجىراپنىڭ شەرقى

 

76.0

¾.6

 

1910. 7. 2

مارالبېشى تاقىركۆل

40

78

¼.5

 

1925. 8. 6

قاغىلىق شىخشۇ يېزىسىنىڭ غەربى

37

76.5

6

 

1925. 12. 7

مەكىتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قۇملۇق

38.5

78.0

6

 

1927. 4. 30

قەشقەر كوناشەھەر مۇش يېزىسى

39.5

75.6

5

: 17

1928. 2. 7

پەيزاۋات 5-داۋبەن

39.8

77.6

5

 

1928. 3.18

مارالبېشى تاقىر كۆل

 

44.0

77.8

5

: 10

1929. 3.16

تاشقورغان مىڭتېكە

37.0

74.9

5

: 02

1921. 5. 21

يېڭىشەھەر تازغۇن يېزىسىنىڭ شەرقى

39.3

76.3

5

 

1930. 10. 31

پەيزاۋات شاپتۇل يېزىسىنىڭ جەنۇبى

39.4

76.6

5

: 12

1931. 8. 15

تاشقورغان قارا سۇنىڭ شەرقى جەنۇبى

37.5

74.0

5

:11

1931. 9. 14

يېڭىشەھەر تازغۇن يېزىسىنىڭ شەرقى

39.3

76.1

.5¼

 

1935. 7. 14

 

مارالبېشى تاقىركۆل

40.2

77.8

½.5

 

1935.  9. 29

پەيزاۋات بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا

39.4

76.7

.5½

 

1939. 5. 30

مارالبېشى ئاچال

 

40.0

78.4

.5½

 

1943. 7. 15

قاغىلىق مازارنىڭ جەنۇبى

38.0

77.0

5

 

1945. 10.21

قاغىلىق شىخشۇ يېزىسىنىڭ غەربى

37.1

76.4

5

 

1947. 11. 17

پەيزاۋات گۈللۈك يېزىسى

39.8

76.3

.5¼

 

1949. 8. 12

پەيزاۋات غولتوغراق يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالى

39.3

77.4

5

 

1952. 7. 21

مارالبېشى تاقىر كۆل

40.1

73.2

5

 

1953. 1. 23

پەيزاۋات غولتوغراق يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالى

39.8

77.4

.5½

 

1953.  2. 12

مارالبېشې تاقىر كۆل

40.2

77.9

5

 

1953. 3. 15

مارالبېشى ئاچالنىڭ غەربى

39.9

78.2

.5½

 

1953. 3. 17

تاشقورغان تاغارما يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالى

33.2

75.1

5

 

1953. 5. 29

مارالبېشى ئاچالنىڭ غەربىي جەنۇبى

39.9

78.3

6

 

1953. 7. 10

مارالبېشى ئاچالنىڭ غەربىي جەنۇبى

40.0

78.3

¼.5

 

1953. 7. 10

پەيزاۋات غولتوغراق يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالى

39.8

77.4

.5¼

 

1953. 12. 4

تاشقورغان تاغارما يېزىسىنىڭ غەربى

38.0

75.1

.5¼

 

1953. 12. 21

مارالبېشى ئاچالنىڭ غەربىي شىمالى

40.0

78.2

5

 

1955. 2. 6

پەيزاۋات غولتوغراق يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالى

39.8

77.6

5

 

1955. 5. 22

قاغىلىق سايباغ يېزىسىنىڭ ئۈجمىلىك كەنتى

37.6

77.1

6

 

1956. 3. 5

پەيزاۋات 5- داۋبەن

39.55

77.48

¾.6

 

1961. 4. 1

پەيزاۋات 5- داۋبەن

39.9

77.8

6.4

 

1961. 4. 4

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ جەنۇبى

39.8

77.8

5.5

 

1961. 4. 5

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ جەنۇبى

39.8

77.7

5

 

1961. 4. 6

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ جەنۇبى

39.8

77.7

.5½

 

1961. 4. 6

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ جەنۇبى

39.8

77.7

6.6

 

1961. 4. 14

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ جەنۇبى

39.8

77.7

5.3

 

1961. 5. 21

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ غەربى

39.9

77.5

5

 

1961. 6. 7

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ غەربى

39.9

77.5

5

 

1961. 7. 5

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ غەربىي جەنۇبى

39.8

77.7

5

 

1961. 8. 30

پەيزاۋات قارلىغاچ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنىڭ جەنۇبى

39.3

77.1

.5¼

 

1961. 12. 16

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ غەربى

39.9

77.6

5.5

 

1961. 12. 30

پەيزاۋات 5- داۋبەننىڭ غەربى

39.9

77.4

5.7

 

1962. 11. 26

تاشقورغان قونجىراپنىڭ شەرقىي جەنۇبى

36.4

76.7

6

 

1963. 6. 26

قاغىلىق شىخشۇ يېزىسىدىكى مازارنىڭ شەرقىي جەنۇبى

36.3

77.5

5

 

1965. 6. 22

تاشقورغان راڭكۆلىنىڭ شىمالى

38.2

77.4

5.3

 

1965.7.7

مارالبېشى تاقىركۆلنىڭ شىمالى

40.2

78.0

5

 

1966. 5. 12

قاغىلىق مازارنىڭ شەرقىي جەنۇبى

36.1

77.7

5.9

 

 

 

1967. 5. 28

مارالبېشى تاقىركۆل

40.07

77.46

5.9

 

1970. 7. 29

مارالبېشى تاقىركۆلنىڭ غەربى

39.59

77.25

5

 

1971. 7. 27

قاغىلىق مازارنىڭ شەرقىي جەنۇبى

36.14

77.44

5.4

 

1971. 8. 7

تاشقورغان تىزناپ يېزىسى

37.54

75.12

5.4

 

1972. 1. 13

يوپۇرغا بايئاۋاتنىڭ جەنۇبى

38.47

77.01

5.3

 

1974. 3. 23

قاغىلىق شىخشۇ يېزىسىنىڭ غەربى

36.42

76.54

5

 

1974. 5. 15

پەيزاۋات 5- داۋبەن

39.54

77.25

6.2

 

1977. 12، 19

قاغىلىق شىخشۇ يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى

36.52

 

 

 

77.12

5.8

 

1980. 2. 14

تاشقورغان قاراسۇنىڭ غەربى

37.8

73.8

5

 

1981. 9. 24

تاشقورغان راڭكۆلنىڭ غەربىي جەنۇبى

33.4

74.2

5.5

 

1982. 3. 7

قاغىلىق مازارنىڭ غەربى

36.4

76.9

5

 

1982. 7. 9

تاشقورغان مورغاپ

38.2

74.0

5

 

1982. 9.30

كوناشەھەر ئوپال يېزىسىنىڭ جەنۇبى

39.12

75.30

5.4

 

1983. 6. 5

كوناشەھەر مۇش يېزىسىنىڭ شىمالى

39.35

 

 

75.6

7.4

 

1985. 8. 23

كوناشەھەر لەڭگەر يېزىسىنىڭ شىمالى

39.35

75.51

6.8

 

1985. 9. 12

كوناشەھەر ئوپال يېزىسىنىڭ غەربى شىمالى

39.4

75.4

5

 

1985. 10. 4

كوناشەھەر يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالى

39.39

75.31

5.2

 

1988. 1. 65

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەتنىڭ «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#