شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، 1967-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى
چەتئەلچە نامى Association of Southeast Asian Nations
ئىتتىپاق مارشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يولىدا
ئومۇمىي كۆلمى
4479210.5 km²
قۇرۇلغان ۋاقتى 1967-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى
خەنزۇچە نامى 东南亚国家联盟
قىسقارتىلما نامى 东盟(ASEAN
باش ئىشتاپى ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا
ھۆكۈمەت تورى http://www.asean.org/

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىشەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، 1967-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان. ئەزالىرى: مالايسىيە، فىلىپپىن، سىنگاپور، تايلاند ۋە ھىندۇنېزىيىدىن ئىبارەت. 1984-يىلى برونېي مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ ئىتتىپاققا كىرگەچكە، شۇ ۋاقىتتا «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەت» دەپ ئاتالغان.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىشەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق روھى بويىچە، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، گۈللەنگەن، تىنچ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئورتاق ئاساس تىكلەشنى كۈچەيتىش؛ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەمنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى شۇ ۋاقىتتىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مىللىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىشەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى − ھەر يىلى ئېچىلىدىغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى، بۇ يىغىن ئەزا دۆلەتلەردە نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ساھىبخانا دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رەئىس بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاستىدا دائىمىي ئىشلار كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، ساھىبخانا دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى رەئىس، باشقا ئەزا دۆلەتنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەزاسى بولۇپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مەزگىلىدە كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يەنە قەرەلسىز ھالدا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىپ چوڭ پىلان ئۈستىدە ئورتاق مەسلىھەتلىشىدۇ.

1976-يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى جاكارتادا مەمۇرىي باش شتاب سۈپىتىدە مەركىزىي كاتىباتلار باشقارمىسى تەسىس قىلغان، باش كاتىپ مىنىستىرلار يىغىنى ۋە دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يەنە توققۇز ئالاھىدە كومىتېت تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئالاھىدە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىشەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتە مەملىكىتىمىز بىلەن يېقىن بولغاچقا، مەملىكىتىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ سودا ئالاقىسى تېخىمۇ مۇھىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#