ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى» ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەيدا بولۇش ۋە تارقىلىشىنى كونترول قىلىش، تەن ساغلاملىقى ۋە ئاممىۋىي تازىلىققا ئاساسەن «يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» نى تۈزگەن نىزام. بۇ نىزام 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 122-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى
ھۆججەت نومۇرى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى 457-نومۇرلۇق
ئېلان قىلغان ۋاقتى 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
خەنزۇچە نامى 艾滋病防治条例
ماقۇللانغان ۋاقتى 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

                «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»

                                       گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى (457-نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى» ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەيدا بولۇش ۋە تارقىلىشىنى كونترول قىلىش، تەن ساغلاملىقى ۋە ئاممىۋىي تازىلىققا ئاساسەن «يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» نى تۈزگەن نىزام. بۇ نىزام 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 122-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئەيدىزنىڭ پەيدا بولۇشى. تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە جامائەت ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىدىغان، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىپ، تەشۋىق-تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ. ھەرىكىتىگە ئارىلىشىش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش يولغا قويۇلىدۇ.

3-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى، ئەيدىز كېسەللەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ نىكاھلىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇندا قوغدىلىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بويىچە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى باھالايدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە، دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەرىكەت پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ.

6-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قىزىل كرېست جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ياردەملىشىشىگە دۆلەت ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇم، نىزام، سىياسەت ۋە بىلىم توغرىسىدا تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا ياردەملىشىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتىكى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسىلەرنىڭ مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە، دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەرىكەت پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا ئىئانە قىلىشىغا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋپى بار كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئارىلىشىشىغا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

8-ماددا دۆلەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش قاتارلىقلارغا دائىر پەن تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ؛ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئەنئەنىۋى دورا ئارقىلىق داۋالاش ۋە ئەنئەنىۋى دورا بىلەن زامانىۋى دورا بىرلەشتۈرۈلگەن كېلىنىكىلىق داۋالاشقا، تەتقىقاتقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. دۆلەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە نەتىجىسى ۋە تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن، شەخسىلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ئىشلەش ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، شۇنىڭدەك مۇشۇ سەۋەبتىن كېسەل بولغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ياردەم پۇل ۋە نەپىقە بېرىدۇ.

2-باب تەشۋىق-تەربىيە

10-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش شۇنىڭدەك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك ھەققىدىكى تەشۋىق-تەربىيىنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

11-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بېكەت-ۋوگزال، پىرىستان، ئايرۇپورت، باغچا قاتارلىق جامائەت سورۇنى ۋە يولۇچىلار پويىزى ۋە كېمە پاراخوتى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئېلان تاختىسى ئورنىتىشى ياكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى چىقىرىشى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش كېرەك.12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىق-تەربىيىنى كۈچەيتىشى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىق-تەربىيىنى قانات يايدۇرغان ئالاقىدار تارماق، تەشكىلات ۋە شەخسىلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى كېرەك. داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تارماقلىرى خادىملارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن، نىزام، سىياسەت ۋە بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى؛ تېببىي خادىملار ئەيدىز، جىنىسىي كېسەل قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەسلىھەت بېرىش، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش جەريانىدا، داۋالانغۇچىلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەسئۇل تارمىقى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى مۇناسىۋەتلىك دەرسلىككە كىرگۈزۈشىگە، دەرستىن سىرتقى تەربىيىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەسئۇل تارمىقى پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتى ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت تورىدىن پايدىلىنىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىق-تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى تۇغۇت يېشىدىكىلەرگە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە كۆپىيىش ساغلاملىقى مۇلازىمىتى قىلغاندا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە ئەمگەك ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە تەشۋىق-تەربىيىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

16-ماددا چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى چېگرا پورتلىرىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىق-تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، چېگرىدىن كىرىپ -چىقىدىغانلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مەسلىھەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

17-ماددا دۆلەت ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە قىزىل كرېسىت جەمئىيىتىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىق-تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەشۋىق-تەربىيىسىنى ئاياللار-بالىلار خىزمىتى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە، قىزىل كرېسىت جەمئىيىتى ئەزالىرى ۋە قىزىل كرېسىت پىدائىيلىرىنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىق-تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

18-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋپى بار كىشىلەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

19-ماددا رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

20-ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يەككە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار شۇ ئورۇندىكى كەسىپكارلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن، نىزام، سىياسەت ۋە بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇشى، شۇ ئورۇندىكى كەسىپكارلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىق-تەربىيىسىگە قاتنىشىشغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىش تېلېفۇنى ئورنىتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

3-باب ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش

22-ماددا دۆلەت ئەيدىز كېسىلىنى كۆزىتىش تورى بەرپا قىلىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئەيدىزنى كۆزىتىش يىرىك پىلانى ۋە لايىھىسىنى تۈزىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئەيدىزنى كۆزىتىش يىرىك پىلانى ۋە لايىھىسىگە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنى كۆزىتىش پىلانى ۋە خىزمەت لايىھىسىنى تۈزىدۇ، ئەيدىزنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ، ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ.كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى ئەيدىزنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىش ئەھۋالىنى ۋە پەيدا بولۇش، تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى چېگرىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سەھىيە مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

23-ماددا دۆلەت ئەيدىزدە ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە ئىختىيارىي تەكشۈرتۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ئەيدىزدە ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش چارىسى بويىچە ئەيدىزدە ئىختىيارىي مەسلىھەت سورايدىغان، تەكشۈرتىدىغانلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە ئۇلارنى تەكشۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئەيدىز تەكشۈرۈلىدىغان ئەھۋاللارنى بەلگىلىسە بولىدۇ.

25-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتنىڭ جايلىشىش ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيدىزنى تەكشۈرىدىغان تەجرىبىخانىنى بېكىتىدۇ.دۆلەتنىڭ چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى چېگرىدىن كىرىپ چىقىدىغانلارنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرىدىغان تەجرىبىخانىنى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە قائىدە بويىچە بېكىتىدۇ.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەيدىزنىڭ ئۆز مەمۇرىي رايوندىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر ئاھالە كومىتېتىلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلات ۋە شەخسىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋپى بار كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋپى بار كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئارىلىشىش تەدبىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانى ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەرىكەت پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى زەھەر چەككۈچىلەرگە قارىتىلغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە دورا نازارەتچىلىك تارمىقى ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى دورا بىلەن قامداپ داۋالاش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئىشلىشى ھەمدە باشقا ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى پىلانلىق يولغا قويۇشى كېرەك.

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە، نوپۇس-پىلانلىق تۇغۇت، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، دورا نازارەتچىلىك، سۈپەت نازارەتچىلىك تارمىقى، پرىيوم-كارانتىن، رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، گاندۇن بىلەن تەمىنلەش تورىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشى كېرەك.

29-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچىلار جامائەت سورۇنىدا گاندون قويۇشى ياكى گاندون بېرىش، سېتىش ئۈسكىنىسى ئورنىتىشى كېرەك.

30-ماددا جامائەت سورۇنى مۇلازىملىرى «جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، ساغلاملىق ئىسپاتى ئېلىش كېرەك؛ باشقۇرغۇچىلار ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشى، ساغلاملىق ئىسپاتى ئالمىغانلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.

31-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، توختىتىپ قويۇلغان ۋە جازاسى تۈرمىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە يىغىۋېلىپ تەربىيلىنىۋاتقان، زەھەر تاشلاتقۇزۇلۇۋاتقان ۋە ئەمگەك بىلەن تەربىيلىنىۋاتقانلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىرى ۋە ئەيدىز كېسەللىرىگە مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاش تەدبىرى قوللىنىپ، ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قوللىنىدىغان ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خىراجەت بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى ئۇلارغا تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

32-ماددا سەھىيە تېخنىكا خادىملىرى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت جەھەتتە تەربىيلىشى، ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇلارغا ئۈنۈملۈك سەھىيە مۇداپىئە تەدبىرى ۋە سالامەتلىك ئاسراش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

33-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ۋە چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆلچەملىك مۇداپىئە پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە دېزىنفېكسىيىلەش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەيدىزنىڭ دوختۇرخانىدىن يۇقۇشى ۋە تىببىي مەنبەدىن يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

34-ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى جايلار بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپىغا بىنائەن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرۇشى كېرەك.

35-ماددا قان پونكىتى، قان پلازمىسى ئېلىش پونكىتى ئادەم قېنى، قان پلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئادەم قېنى ۋە قان پلازمىسىنى داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا بېرىشكە بولمايدۇ.قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلار قان پلازمىسىنى ئىشلەشتىن بۇرۇن ھەر بىر قان پلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ماتېرىيال قان پلازمىسىنى قان پلازمىسى قىلىپ ئىشلەشكە بولمايدۇ.داۋالاش ئاپپاراتلىرى جىددىي قان لازىم بولغاندا،دەمال ئېلىنغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى، كلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېنىقلىشى كېرەك؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن، ئېنىقلانمىغان ياكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان قاننى ئېلىشقا ياكى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

36-ماددا ئالىدىغان ياكى ئىشلىتىلىدىغان ئادەم توقۇلمىسى، ئەزاسى، ھۈجەيرىسى، يىلىكى قاتارلىقلارنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلىرىنى ئېلىشقا ياكى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. لېكىن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىلىمىي تەتقىقاتىغا، ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

37-ماددا ئادەم قېنى، قان پلازمىسى، توقۇلمىسى، ئەزاسى ھۈجەيرىسى، يىلىكى قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ ئادەم قېنى ياسالمىسىنى ئىمپورت قىلىشتا، دورا باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەتچىلىك تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، ئىمپورت دورىلىرى رويخەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش كېرەك. گوۋۇيۈەن سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان ئادەم قېنى، قان پلازمىسى، توقۇلمىسى، ئەزاسى، ھۈجەيرىسى، يىلىكى قاتارلىقلارنى دۆلەت چېگرىسى سەھىيە-كارانتىغا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىغا كارانتىن قىلدۇرۇشى كېرەك. كارانتىن قىلىنمىغان ياكى كارانتىندىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا بولمايدۇ.

38-ماددا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك :

(1) كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئاپپاراتى ياكى چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشى ۋە يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىش؛

(2) يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل قوزغىلىش ئەھۋالىنى ئۆزى بىلەن جىنىسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش؛

(3) يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل قوزغىلىش ئەھۋالىنى كېسەل كۆرگەن دوختۇرغا ئەينەن ئېيتىش؛

(4) زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللەرنىڭ ئەيدىزنى ھەر قانداق يول بىلەن قەستەن يۇقتۇرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

39-ماددا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئاپپاراتى، چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى ئەيدىزنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخسىلەر ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.شۇ كىشىنىڭ ياكى ۋەسىيىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، ئىشلەيدىغان ئورنى، سۈرىتى، كېسەل تارىخى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ سالاھىيتىنى بېلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، شۇ بۇيۇمنى پېچەتلىسە ھەمدە تەكشۈرسە ياكى دېزىنفېكسىيەلىسە بولىدۇ. تەكشۈرۈشتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بۇيۇمنى گىگېنىلىق بىر تەرەپ قىلىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك؛ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان بۇيۇم ياكى دېزىنفېكسىيلىگەندىن كېيىن ئىشلەتسە بولىدىغان بۇيۇمنىڭ پېچىتىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى 457- نومۇرلۇق «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى» 2006-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 122-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى، 2006-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. زۇڭلى ۋېن جياباۋ 2006-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى.

4-باب داۋالاش قۇتقۇزۇش

41-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىش، دىئاگنوز قويۇشى ۋە داۋالىشى كېرەك.داۋالاش ئاپپاراتى كېسەل كۆرسەتكۈچىلەردىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىرى ياكى ئەيدىز كېسەللەرنىڭ باشقا كېسىلىنى داۋالاشنى باشقىلارغا ئىتتىرىشىگە ياكى رەت قىلىشغا يول قويۇلمايدۇ.

42-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى خادىملىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلارغا يۇقۇملىنش ياكى كېسەل قوزغىلىش ئەھۋالىنى ئەينەن ئۇقتۇرۇشى؛ شۇ كىشىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن بولسا، ئۇنىڭ ۋەسىيىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

43-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكا يېتەكچىلىك لايىھىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىشى ۋە ئۇلارنى تەكشۈرۈشى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرىغا ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە مەسلىھەت بېرىشى، تۇغۇت ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىشى، ۋىرۇس مەنبەسىنى ئۈزۈشى، داۋالىشى، تۇغۇتتىن كېيىن يوقلىشى، بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرۇشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى غەمخورلۇق قىلىش، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك :

(1) يېزىلاردىكى ئەيدىز كېسەللەر ۋە شەھەر، بازارلادىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسەللەرگە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ھەقسىز بېرىش؛

(2) يېزا ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەردىن ئىقتىسادىي قىينچىلىقى بارلىرىنىڭ پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشقا قارشى دورا پۇلىنى مۇۋاپىق ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش؛

(3) ئەيدىز بويىچە مەسلىھەت سورايدىغان، تەكشۈرۈتىدىغانلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە ئۇلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويۇش؛

(4) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەقىسز داۋالاش ۋە ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىش.

45-ماددا ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ بالىلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قورامىغا يەتمىگەنلەردىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى پارچە خىراجىتى، كىتاب پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش؛ ئوقۇش يېشىغا يوشمىغانلار مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش پۇلى قاتارلىق مۇناسىپ ھەقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش كېرەك.

46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن تۇرمۇشتا قىيىنچلىقتا قالغانلىرى ھەمدە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش شەرتىگە توشىدىغانلىرىغا تۇرمۇش ياردىمى بېرىش كېرەك.

47-ماددا ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەردىن ئەمگەك ئىقتىدارى بارلىرىنىڭ قۇربى يېتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى، مەدەت بېرىش كېرەك.

5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈش، تىزگىنلەش، داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كەسپىي قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، نازارەت قىلىش خىزمىتى خىراجىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.مەملىكەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىرى تەشۋىقات، تەربىيىلەش، تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، داۋالاپ قۇتقۇزۇش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش شۇنىڭدەك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ. مەركەز مالىيىسى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى چوڭ-چوڭ تۈرلەرگە قوشۇمچە ياردەم بېرىدۇ.ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئېھتىياجى ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئالاقىدار تۈرلەرنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئۇنى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئېھتىياجى ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى، تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان سىناق دورىسى ۋە باشقا ئەشيالارنى زاپاس ساقلىشى كېرەك.

51-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۆلەش تەدبىرى تۈزۈپ، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالىشىغا زۆرۈر مەبلەغ ياردىمى بېرىشى ۋە قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسىلەردىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتناشقانلىرىغا باجدا قانۇن بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

52-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق، رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرى ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

53-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارماقلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشىكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشىقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛

(1) ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىق-تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى؛

(2) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسىمۇ تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلىرى؛

(3) ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشى بارلىرى.چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرىغا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن تەشۋىق -تەربىيە مەسئۇلىيىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىغا بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

55-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئاپپارات ياكى جاۋابكارلارنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :

(1) ئەيدىز كۆزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى؛

(2) ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە تەكشۈرۈپ قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛

(3) دەمال ئېلىنغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرمىگەن، كلىنكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېنىقلىمىغان ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان قاننى كلىنىكىدا ئىشلەتكەنلىرى؛

(4) ئۆلچەملىك مۇداپىئە پرىنسىپىغا رىئايە قىلماي ياكى مەشغۇلات قائىدىسى ۋە دېزىنفېكسىيىلەش تۈزۈمى، باشقۇرۇش تۈرۈمىنى ئىجرا قىلماي، ئەيدىزنىڭ دوختۇرخانىدىن يۇقۇشى ياكى تىببىي مەنبەدىن يۇقۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىرى؛

(5) ئۈنۈملۈك سەھىيە مۇداپىئە تەدبىرى ۋە سالامەتلىك ئاسراش تەدبىرى قوللانمىغانلىرى؛

(6) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كېسەللەرنىڭ باشقا كېسەللىرىنى داۋالاشنى باشقىلارغا ئىتتىرگەن، رەت قىلغان ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەرگە مەسلىھەت بەرمىگەن، دىئاگنوز قويمىغان ۋە ئۇلارنى داۋالىمىغانلىرى؛

(7) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرمىغانلىرى؛

(8) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرىغا ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى.چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقنىڭ 1-،4-،5-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرىغا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

56-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 39-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى باشقا ئورۇن ۋە شەخسىلەرىن بۇ نىزامنىڭ 39-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان ئالاقىدار ئاپپارات ۋە جاۋابكارنىڭ كەسىپ ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى گۇۋامنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

57-ماددا قان پونكىتى، قان پلازمىسى ئېلىش پونكىتلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى قان تەقدىم قىلىش قانۇنى ۋە "قان ياسالمىسىنى باشقۇرۇش نىزامى"دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە قان پونكىتى، قان پلازمىسى ئېلىش پونكىتىنىڭ كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ :

(1) ئېلىنغان ئادەم قېنى، قان پلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرمىگەن ياكى ئادەم قېنى ۋە قان پلازمىسىنىڭ تەكشۈرۈشتە مۇسبەت بولۇپ چىققانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋەرگەنلىرى؛

(2) ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ئادەم قېنى، قان پلازمىسى ياكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئادەم قېنى، قان پلازمىسىنى داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا بەرگەنلىرى.

58-ماددا بۇ نىزامنىڭ 36-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئادەم بەدىنى توقۇلمىسى، ئەزاسى، ھۈجەيرىسى، يىلىكى قاتارلىقلارنى ئالغان ياكى ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، كەسىپ ئىجازەت گۇۋاھنامىسى بارلىرىنىڭ شۇ گۇۋاھنامىسىنى گۇۋامنامە بەرگەن تارماق ۋاقتىنچە تۇتۇپ قىلىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

59-ماددا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز ئىمپورت قىلىنغان ئادەم قېنى، قان پلازمىسى، توقۇلمىسى، ئەزاسى، ھۈجەيرىسى، يىلىكى قاتارلىقلارنى چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى چىگرىدىن كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىشى ياكى نازارەت قىلىپ كۆيدۈرۋېتىشى كېرەك؛چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىمپورت قىلىنغان ئادەم قېنى، قان پلازمىسى، توقۇلمىسى، ئەزاسى،ھۈجەيرىسى، يىلىكى قاتارلىقلارنى بەرگەن، ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ بۇيۇم قىممىتىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

گوۋۇيۈەن دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز قان مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلغانلارغا دورا باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

60-ماددا قان پونكىتى، قان پلازمىسى ئېلىش پونكىتى، داۋالاش ساقلىق-ساقلاش ئاپپاراتى ۋە قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

61-ماددا جامائەت سورۇنىنى باشقۇرغۇچىلاردىن مۇلازىملارنىڭ ساغلاملىق ئىسپاتىنى تەكشۈرمىگەن ياكى ساغلاملىق ئىسپاتى ئالمىغانلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن جامائەت سورۇنىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن جامائەت سورۇنىدا گاندون قويمىغان ياكى گاندون بېرىش، سېتىش ئۈسكۈنىسى ئورناتمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ ئىجازەت گۇۋاھنامىسى گۇۋاھنامە بەرگەن تارماق قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

62-ماددا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كېسەللەردىن ئەيدىزنى قەستەن يۇقتۇرغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

63-ماددا بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى :ئەيدىز-ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئاجىزلىقى ۋىرۇسى ( ئەيدىز ۋىرۇسى) دىن پەيدا بولغان ئېرىشمە ئىممۇنىتېت ئاجىزلىق يىقىندى كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ.زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى دورا بىلەن قامداپ داۋالاش-زەھەر تاشلاتقۇزۇپ داۋالاش كەسپىنى تەستىق بىلەن يولغا قويغان داۋالاش ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا زەھەر خۇمارىنى پەسەيتىش، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش، چېكىشتىن كېلىپ چىققان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئۇنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش، زەھەر خۇمارىدىن كېسەل بولۇش، ئۆلۈش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى ئازايتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق دورىنى ئىشلىتىپ، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى قامداپ داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ.

ئۆلچەملىك مۇداپىئە پرىنسىپى-تېببىي خادىملارنىڭ بارلىق كېسەللەرنىڭ قېنى، باشقا سۇيۇقلۇقى شۇنىڭدەك قان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقتىن بۇلغانغان ماددىلارنى يۇقۇملۇق كېسەل مەنبەسى دەپ قاراپ، بۇ ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋپى بار كىشىلەر-ئىپپەت-نومۇسىنى ساتىدىغان، پاھىشىۋازلىق قىلىدىغان، قالايمىقان جىنىسي مۇناسىۋەت قىلىدىغان، ئەرلەر ئۆز ئارا جىنىسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سالىدىغان، چېكىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەتتە بولغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.ئەيدىزنى كۆرىتىش-ئادەملەر ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسەللەر (ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار) ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ تارقىلىشىغا ئائىت ماتېرىياللارنى داۋاملىق، سىستېمىلىق يىغىپ، ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىپ، ئالاقىدار تارماقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ستراتېگىيىسى ۋە تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىشىغا ئىشەنچىلىك ئۇچۇر ۋە ئاسان ھازىرلاش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەيدىزنى تەكشۈرۈش-تەجرىبىخانىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم قېنى، باشقا سۇيۇقلۇقلىرى، توقۇلمىسى، ئەزاسى، قان ھاسىلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئەيدىز ۋىرۇسى، ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى ۋە ئالاقىدار ئىممۇنىتېت كۆرسەتكۈچى بويىچە تەكشۈرۈشنى، جۈملىدىن كۆزىتىش، پرىيوم-كارانتىن قىلىش، ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرتۈش، كلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇش، قان ۋە قان ياسالمىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئەيدىزنى تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.ھەرىكەتكە ئارىلىشىش تەدبىرى-ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىشتىكى تەدبىرلەرنى، جۈملىدىن زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش، چېكىشتىن تارقالغان ئەيدىزنى مېتادون بىلەن داۋالاش تەدبىرى قوللىنىشىنى؛ 

جىنىسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز يۇقتۇرغۇچىلارغا گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەدبىرى شۇنىڭدەك جىنىسىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشتا، قېلىپلاشقان قولايلىق تەدبىر قوللىنىشنى؛ 

ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىشلىتىش ۋە بوۋاقنى ئانا سۈتىدىن باشقا سۈت بىلەن بېقىش تەدبىرى يۇقۇملانغۇچىنى بالدۇر بايقاش ۋە خەتەرلىك ھەرىكەتنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش تەدبىرى؛ 

ساغلاملىق تەربىيىسى تەدبىرى؛ 

شەخسىنىڭ قائىدە ئېڭىنى ئۆستۈرۈش شۇنىڭدەك خەتەرلىك ھەرىكەتنى ئازايتىش جەھەتتىكى جىنىسي ھەمرا تەربىيە تەدبىرىنى قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

64-ماددا بۇ نىزام 2006-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

1987-يىل12-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، 1988-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھىيە مىنىستىرلىكى، دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، سابىق دۆلەت مائارىپ كومىتېتى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى سابىق جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدرىسى، دۆلەت چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى ئېلان قىلغان «ئەيدىزنى كۆزىتىش، باشقۇرۇش بەلگىلىمسى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545814.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#