لادوگا كۆلى
ياۋروپا قىسمىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆل. بۇرۇن «نىۋا كۆلى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن بەش مېتىر ئېگىز كېلىدۇ .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋروپا قىسمىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆل. بۇرۇن «نىۋا كۆلى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن بەش مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 219 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 83 كىلومېتىر. مەيدانى(كۆلدىكى تەخمىنەن 660 قا يېقىن ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 18 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 51 مېتىر كېلىدۇ، شىمالىي قىسمىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايى 230 مېتىرغا يېتىدۇ، 908 كۇب كىلومېتىر سۇ سىغىدۇ. كۆلنىڭ غەربىي شىمال قىرغاقلىرى ئەگرى-بۈگرى كېلىدۇ، جەنۇبىي قىرغاقلىرىدا تاشلىق تۇمشۇقلار كۆپ، مۇز توڭلاش مەزگىلى 3-4 ئايغا يېتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.