مارافون

مارافون

مارافون بولسا بىر خىل يۈگۈرۈش شەكلى بولۇپ نۆۋەتتە بۇخىل يۈگۈرۈش شەكلى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرگۈزىلگەن .


ئۇيغۇرچە نامى مارافون
خەنزۇچە نامى 马拉松

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مارافونمارافون ئەسلىدە گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېناغا يېقىن بىر كىچىك شەھەرنىڭ ئىسمى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 490-يىلى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئافېنالىق بۇ يەردە پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، پارس تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ خۇش خەۋەرنى ئافېنا شەھىرىدىكى تەشۋىش ئىچىدە قالغان پۇقرالارغا تېز يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەربىي قىسىمنىڭ قوماندانى فېلبىس ئىسىملىك جەڭچىنى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن. فېلبىس مارافوندىن توختىماي يۈگۈرۈپ ئافېناغا كەلگەندە چارچاپ ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن تەقەززالىقتا تۇرغان كۆپچىلىككە يۇقىرى ئاۋازدا: «تەنتەنە قىلىڭلار، بىز غەلىبە قىلدۇق! » ، دەپلا جان ئۈزگەن. بۇ ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مەخسۇس ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نامى مارافون، فېلبىس يۈگۈرگەن ئارىلىق مۇسابىقە مۇساپىسى قىلىپ بېكىتىلگەن، بۇ ئارىلىق تەخمىنەن 42 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1920-يىلى بۇ ئارىلىقنى قايتىدىن ئۆلچەپ چىققاندا، 42 كىلومېتىر 195 مېتىر كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مارافون مۇسابىقىلىرى مۇشۇ ئۇزۇنلۇقنى قوللانغان.

مارافونبۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى مارافون مۇسابىقىلىرىنىڭ نامى ناھايىتى كۆپ. ئېلىمىز 80-يىللاردىن باشلاپ ئۆتكۈزگەن بېيجىڭ خەلقئارا مارافون مۇسابىقىسى دۇنيادىكى 10 چوڭ مارافون مۇسابىقىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مارافون مۇسابىقىسى مۇسابىقە مەيدانىغا، ھاۋانىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدىغان بولغاچقا، دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىلا بولۇپ، رەسمىي دۇنيا رېكورتى تۇرغۇزۇلمىغان. نۆۋەتتە، ئەرلەرنىڭ مارافوندىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 2 سائەت 6 مىنۇت 50 سېكۇنت بولۇپ، ئېفىئوپىيىلىك دېسام 1988-يىلى ياراتقان. ئېلىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 2 سائەت 10 مىنۇت 57 سېكۇنت بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل تەنھەرىكەتچىسى خۇ گاڭجۈن ساقلاپ كەلمەكتە.

مارافون مۇسابىقىسى دەسلەپتە ئەرلەر بىلەنلا چەكلەنگەن. 1896-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن، 35 ياشلىق گرېتسىيىلىك ئايال ستاماشيا ئاياللارنىڭ يۈگۈرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەي، ئۆزى يۈگۈرۈپ سىناپ باققان، نەتىجىدە بەش سائەت30 مىنۇتتا پۈتۈن مۇساپىنى يۈگۈرۈپ بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاياللار مارافونىنىڭ يولى ئېچىلغان. 1984-يىلىدىكى 23-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاياللار مارافونى رەسمىي مۇسابىقە تۈرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. نۆۋەتتە بۇ تۈردىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە ئىككى سائەت21 مىنۇت6 سېكۇنت بولۇپ، نورۋېگىيە ماھىرى كرىستيانېن 1985-يىلى ياراتقان.

مارافونچە يۈگۈرۈش ئېلىمىزنىڭ ئاياللار مارافون سەۋىيىسى ئاسىيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. 1993-يىلى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى مارافون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋاڭ جۈنشيا2 سائەت24 مىنۇت 7 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن ئاسىيانىڭ ئەڭ ياخشى تەنىجىسىنى ياراتقان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#